ئەقلىي ئىقتىدارلىق كارتا
ئېلېكترون بىلىملىرى
دۆلىتىمىزنىڭ بانكىلىرى تارقاتقان «چاڭچېڭ» (سەددىچىن سېپىلى)،«مۇدەن» قاتارلىق ئىناۋەتلىك كارتىلار ئارقىلىق، بانكىلارغا پۇل قويۇش - پۇل ئېلىش، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ماگىزىنلاردىن بىۋاسىتە مال سېتىۋېلىش ياكى ھەر خىل مۇلازىمەتلەرگە ئىگە بولۇش ئىشلىرىنى ئاپتوماتىك بېجىرگىلى بولىدۇ. ئۇ ئوبوروت قىلىنىدىغان پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ۋە كومپيۇتېرغا ئۇلاپ ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنى ئېلېكترون پۇل دەپ ئاتىشىدۇ.
بۇ ئىناۋەتلىك كارتىلارنىڭ «تېنىدە» بىر تال ئۇزۇن ماگنىتلىق سىزىق بار بولغانلىقى ئۈچۈن، «ماگنىتلىق كارتا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ماگنىتلىق كارتا ھېساباتنى خاتىرىلەش دەپتىرىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭغا شەخسنىڭ مەخپىي نومۇرى، ئامانەت قويۇلغان پۇل ھېساباتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ساقلىغىلى بولىدۇ. ئىشلەتكەن چاغدا، كارتا ھېسابات ماشىنىسى دەپ ئاتىلىدىغان تېرمىنالغا كىرگۈزۈلىدۇ، ئاندىن كېيىن بېسىش كۇنۇپكىلىرى ئارقىلىق ئىستېمالچىنىڭ مەخپىي نومۇرى بېسىپ كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ھېسابات ماشىنىسى ئىچىدىكى ئېلېكترونلۇق مېڭە ئىستېمالچىنىڭ ئامانەت قويغان پۇلى، ئالغان پۇلى ياكى ھېساباتنى تەكشۈرۈش بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ھېسابات پۇلىدىن چىقىرىدىغاننى چىقىرىۋېتىپ ھېساباتنى ئېنىقلاپ بولغاندىن كېيىن، يېڭى مەلۇماتلارنى قايتىدىن ماگنىتلىق كارتىدا ساقلايدۇ، سودا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىناۋەتلىك كارتىنى ئېلىپ كېتىشكە بولىدۇ. ھېسابات ماشىنىسى ھەرقايسى جايلاردىكى بانكىلارنىڭ كومپيۇتېرلىرى بىلەن تورلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، سىرتقا ئىش بېجىرىشكە، مال سېتىۋېلىشقا چىققاندا، ھەممە يەردە ئېلېكترونلۇق ھېسابات يۆتكىمە پۇل تۆلەش ماشىنىسى بار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاپتوماتىك ھالدا مال سېتىۋالغىلى ۋە پۇل خەجلىگىلى بولىدۇ، بانكىلارنىڭ ئىشىكلىرىنى تاقاپ ئىشتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
ماگنىتلىق كارتىنىڭ ساقلاش سىغىمى نىسبەتەن كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈركىلىشكە چىداملىق ئەمەس، پەن - تېخنىكا خادىملىرى «ئېلېكترون مېڭىلىك كارتا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئىناۋەتلىك كارتىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. بۇ خىل كارتىنىڭ ئىچكى ئۆزىكىگە مىكرو ئېلېكترون مېڭىلىك پەۋقۇلئاددە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغا ئىگە توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتر زەنجىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا نېپىزلىكى قەغەزدەك، ئىشلىتىلىش ئۆمرى ئۈچ يىلغا يېتىدىغان بىر خىل لىتىي باتارېيە ئېلېكتر مەنبەسى قىلىنغان. ئۇنىڭدا توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتر زەنجىرى پەرق ئېتىش قۇرۇلمىسى قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، بۇ، كارتىغا ئېلېكترونلۇق قۇلۇپ ئورناتقانغا ئوخشاش بولۇپ، ساقلانغان ئۇچۇرلارنى ناھايىتى ياخشى قوغدىيالايدۇ. سىگنال سىرتتىن كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ راست - يالغانلىقىنى يەنى ئىشلەتكۈچىنىڭ كارتىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ، ساختىلىق قىلىپ پۇلنى ئېلىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ.
بۇ خىل كارتىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ماگنىتلىق كارتىغا قارىغاندا30 −100 ھەسسە كۈچلۈك، ئۇنىڭدا يەنە ھېسابلىغۇچنىڭكىگە ئوخشاش ھەرپ كۇنۇپكىسى بىلەن كۆرسەتكۈچ بار بولۇپ، ھەر خىل رەسىم ۋە خەتلىك ئۇچۇرلارنى تەكشۈرەلەيدۇ ۋە كۆرسىتەلەيدۇ. پروگراممىسى لايىھىلەنسىلا، ۋاقىتنى ھېسابلاش، سان ھېسابلاش، ساقلاش ۋە خەت، تەسۋىر ئۇچۇرلىرىنى چىقىرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ، ئېلېكترون پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەندىن باشقا، يەنە كارتا ئىگىسىنىڭ قان تىپى، كېسەل تارىخىنى خاتىرىلەپ، داۋالىنىش كارتىسى، ساغلاملىق كارتىسى، پاسپورت كارتىسى ۋە ئوقۇتۇش كارتىسى قاتارلىقلار ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كارتا دەپ ئاتىشىدۇ. سىرتتىن لازېر تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ياسالغان بىر خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق لازېر نۇرلۇق كارتا لازېر نۇرلۇق ناخشا پلاستىنكىسىغا ئوخشاش بولۇپ، كىچىككىنە بىر پارچە كارتا1000 بەتتىن ئارتۇق كىتابنىڭ مەزمۇنىنى مەخپىي نومۇرغا ئايلاندۇرۇپ ساقلىيالايدۇ، ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا تەسۋىر يايغۇچ (سكاننېر) تىن ئوقۇۋالغىلى بولىدۇ.