تېمپېراتۇرىسى ئاپتوماتىك تەڭشىلىدىغان توك دەزمال
ئېلېكترون بىلىملىرى
توك دەزمال ئەمەلىيەتتە ئىسسىقلىق ساقلىغۇچتىن ئىبارەت بولۇپ، مېتال تەگلىك تاختا، توك ئارقىلىق قىزىغۇچى دېتال، باسقۇچى تاختا،ياپقۇچ قاپ ۋە تۇتقۇچ قاتارلىقلاردىن تۈزۈلىدۇ. ئىشلەتكەن چاغدا، توك مەنبەسىگە ئۇلانغاندىن كېيىن، ئىچىدىكى ئېلېكتر قارشىلىق سىمى قىزىيدۇ، بۇ ئىسسىقلىق تەسىرىدە تەگلىك تاختا قىزىپ، تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تېزلا بەلگىلىك تېمپېراتۇرىغا يېتىدۇ، تەگلىك تاختىدا ساقلانغان بۇ ئىسسىقلىقتىن پايدىلىنىپ كىيىم قاتارلىقلار دەزماللىنىدۇ.
ئادەتتىكى توك دەزماللارنىڭ تېمېپېراتۇرىسى ئۇنىڭ چاتقۇچىنى توك مەنبەسىگە چېتىش ۋە چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق دەزماللاش تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاش ئاسان ئەمەس. تېمپېراتۇرىسى تەڭشىلىدىغان توك دەزماللاردا تېمپېراتۇرا تەڭشىگۈچ بىلەن كۆرسەتكۈچ چىراغ بار بولۇپ، تېمپېراتۇرىسى ئاپتوماتىك ھالدا تەڭشىلىدۇ. تېمپېراتۇرا تەڭشىگۈچ ئىسسىقلىقتىن كېڭىيىش كوئېففىتسېنتىنىڭ پەرقى چوڭ بولغان ئىككى خىل مېتال پلاستىنكىنى بىر - بىرىگە يېپىشتۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. توك مەنبەسىگە ئەمدىلا ئۇلانغان چاغدا، قوش مېتال پلاستىنكا تۈز ھالەتتە تۇرىدۇ؛ پلاستىنكىلارنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى تېگىشىش نۇقتىسى بىر - بىرىگە تېگىپ، كۆرسەتكۈچ چىراغ يانىدۇ، ئېلېكتر زەنجىرىدىن توك ئۆتۈپ، تەگلىك تاختا قىزىشقا باشلايدۇ. تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، كېڭىيىش كوئېففىتسېنتى چوڭ بولغان مېتال پلاستىنكا قىزىپ سوزۇلىدۇ، كېڭىيىش كوئېففىتسېنتى كىچىك بولغان مېتال پلاستىنكا ئاساسەن ئەسلىي ھالىتىنى ساقلايدۇ، نەتىجىدە قوش مېتال پلاستىنكا ئېگىلىپ شەكلى ئۆزگىرىدۇ - دە، ئىككى تېگىشىش نۇقتىسى بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ توك مەنبەسى ئۈزۈلىدۇ، كۆرسەتكۈچ چىراغ ئۆچىدۇ. تەگلىك تاختىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەلگىلەنگەن سانلىق قىممەتتىن تۆۋەن بولغان چاغدا، قوش مېتال پلاستىنكا ئەسلىي ھالىتىگە قايتىپ، تېگىشىش نۇقتىلىرى توك مەنبەسىنى قايتا ئۇلايدۇ. مۇشۇنداق قايتىلىنىش ئارقىلىق، توك دەزمال تەگلىك تاختىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە تىزگىنلىنىدۇ.
يەنە بىر خىل ئىلغار توك دەزمال بار بولۇپ، ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەڭشەلگەندىن باشقا، ئۇنىڭغا يەنە سۇ قاچىلاپ تۇمان پۈركۈيدىغان قۇرۇلما قوشۇلغان، شۇڭا ئۇ، تېمپېراتۇرىسى تەڭشىلىدىغان ھور پۈركۈگۈچلۈك توك دەزمال دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن توك ئۆتۈپ قىزىغاندىن كېيىن، ئىچكى قىسمىدا ھور ھاسىل بولۇپ، دەزمالنىڭ تەگلىك تاختىسىدىكى كىچىك تۆشۈكلەردىن پۈركۈلۈپ چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دەزماللىنىۋاتقان رەخت ھۆل بولۇپ، شەكلى ئاسان ئۆزگىرىدۇ. رەخت قىزدۇرۇش ۋە بېسىشقا ئۇچراش شارائىتى ئاستىدا، سۇ تەركىبى ھورلىنىپ، دەزماللانغاندا چىققان قىر سىزىقلىرى ئۇزۇنغىچە ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.
توك دەزمالنى ئىشلەتكەندە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، سىرتقى قېپىنىڭ يەرگە ئۇلىنىشى مۇستەھكەم، ئىشەنچلىك بولۇشى كېرەك. ئىشلەتمىگەن چاغدا، توك مەنبەسىگە چاتىدىغان چاتقۇچنى چىقىرىۋېتىش، سوۋۇغاندىن كېيىن قەغەز قېپىغا سېلىش ياكى قۇرغاق ئورۇنغا قويۇش كېرەك. تېمپېراتۇرا تەڭشەش ئۇلىغۇچى «سوغۇق» نۇقتىدا تۇرۇشى، ئىچىدىكى ئېلاستىك دېتاللىرىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت شەكلى ئۆزگەرگەن ھالەتتە تۇرۇپ ئۆز رولىنى يوقىتىپ قويۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك. سۇ ساقلاش قاچىسىغا قاچىلىنىدىغان سۇ ئۈچۈن تۇرۇبا سۈيى ياكى قۇدۇق سۈيىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ سۇلارنىڭ تەركىبىدە كالتسىي، ماگنىي ئىئونلىرى كۆپرەك بولۇپ، سۇ پۈركۈلۈپ چىقىش تۆشۈكلىرىنى ئاسان توسۇۋالىدۇ، شۇڭا ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا تىندۇرۇپ سوۋۇتۇلغان قايناق سۇنى ئىشلىتىش كېرەك.