UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىئېلېكترونلۇق قۇلۇپ

ئېلېكترونلۇق قۇلۇپ

ئېلېكترون بىلىملىرى 20 - ئەسىرنىڭ70 - يىللىرى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى ئۇچقۇچىلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر يۈرۈش پەلەي ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن،4000 نەپەر ئۇچقۇچىنىڭ قولىنى بىرمۇبىر ئۆلچەپ چىقىپ، نەتىجىدە، ھەربىر ئۇچقۇچىنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ كۈتۈلمىگەن بايقاش، ئالىملارنىڭ بارماقنى ئاچقۇچ ئورنىدا ئىشلىتىدىغان بىر خىل ئېلېكترونلۇق قۇلۇپ ياساپ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ خىل ئېلېكترونلۇق قۇلۇپ كود يەشكۈچ بىلەن كود تۈزۈگۈچتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. كود تۈزگۈچ بولسا ئادەمنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىق ئۇچۇرىنى بىر پارچە ماگنىتلىق كارتىغا خاتىرىلەپ بېرىدىغان بىر خىل قۇرۇلما. كود يەشكۈچ بولسا، ئادەمنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ماگنىتلىق كارتىغا خاتىرىلەنگىنىگە ماس كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان قۇرۇلما. كىشىلەر بۇ خىل ئېلېكترونلۇق قۇلۇپ ئورنىتىلغان ئىشىكتىن كىرمەكچى بولغاندا، ئالدى بىلەن ماگنىتلىق كارتىنى كود يەشكۈچكە كىرگۈزىدۇ، ئاندىن باش بارمىقىدىن باشقا قالغان تۆت بارمىقىنى ئويمان نوكەش ئىچىگە كىرگۈزۈپ ئالىقىنى بىلەن كود يەشكۈچنىڭ يۈزلۈك تاختىسىنى چىڭ باسىدۇ، بۇ چاغدا يۈزلۈك تاختىنىڭ ئاستىدىكى فوتو ئېلېكترلىك قوبۇللىغۇچ تۆت بارماقنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىنى ئۆلچەپ، ئۆلچەشتىن چىققان سانلىق قىممەتنى ماگنىتلىق كارتىدىكى سانلىق قىممەتكە سېلىشتۇرىدۇ. ئەگەر سانلىق قىممەت ئوخشاش چىقسا، ئېلېكترونلۇق قۇلۇپ ئېچىلىدۇ، ئوخشاش چىقمىسا ھەرقانداق قىلغان بىلەنمۇ ئېچىلمايدۇ. ئېلېكترونلۇق قۇلۇپ ئىچىدىكى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان چىراغ يورۇقلۇقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بەلگىلىك مىقداردىكى نۇر تىرناق ۋە تىرناق يىلتىزىدىن ئۆتىدۇ، ھەربىر ئادەمنىڭ تىرناق يىلتىزىدىكى گۆشنىڭ قېلىنلىقى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەگەر كىرگۈزۈلگىنى قۇلۇپ ئىگىسىنىڭ قولى بولمىسا ياكى ھەقىقىي قولنىڭ شەكلىگە ئوخشىتىپ گەجدىن ياسالغان يالغان قول بولسا، بۇلار ھىچقاچان كۆزنى بوياپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ. بارماقنى ئاچقۇچ ئورنىدا ئىشلىتىدىغان ئېلېكترونلۇق قۇلۇپ يەنە بانكا، كومپيۇتېرخانا، ھۆكۈمەتنىڭ مەخپىي ئورگانلىرى، ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئەسلىھەلىرى ۋە مۇھىم ھەربىي ئورۇنلارنىڭ كىرىش - چىقىش ئېغىزلىرىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ، «بىر ئاچقۇچ ئارقىلىق بىرلا قۇلۇپنى ئېچىش» نى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
ئېلېكترونلۇق قۇلۇپ | UyghurWiki | UyghurWiki