UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىمولتمېتىر

مولتمېتىر

ئېلېكترون بىلىملىرى توكنىڭ مىجەزى ئىتتىك، ئاچچىقى يامان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى كۆرگىلى يا تۇتقىلى بولمايدۇ، پەقەت ئۇنىڭ مىجەزىگە بېقىپ ئىش كۆرگەندىلا ئاندىن ئۇنى باشقۇرغىلى بولىدۇ. مولتمېتىر بولسا كىشىلەرنىڭ توكنىڭ مىجەزىنى بىلىشىگە ياردەم بېرىدىغان مۇھىم قورال. ئۇ ئۆزگىرىشچان توك ۋە تۇراقلىق توكنىڭ ئېلېكتر بېسىمىنى، توك كۈچىنى، ھەر خىل دېتاللارنىڭ ئېلېكتر قارشىلىقىنى «كۆرەلەيدۇ»، يەنە كرىستال لامپىلارنىڭ كۈچەيتىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئۆلچىيەلەيدۇ. مولتمېتىر ناھايىتى نۇرغۇن ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ «يۈرىكى» پەقەت سەزگۈر بولغان ماگنىت ئېلېكتر تىپىدىكى تۇراقلىق توك ئامپېرمېتىرىدىنلا ئىبارەت. بىر خىل ئاددىي بولغان كۆرسەتكۈچ ئەسۋاب بېشى قۇرۇلمىسى ماگنىت ئېلېكتر تىپىدىكى كۆرسەتكۈچ ئەسۋاب بېشى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ پرىنسىپى ئېلېكتر ماتورنىڭ ئىشلەش پرىنسىپىغا ئوخشاش بولۇپ، ماگنىت تۆمۈرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كاتۇشكىدىن توك ئۆتكەن چاغدا، ئېلېكتر ماگنىت ئىندۇكسىيىسى كاتۇشكىنى ئايلاندۇرىدۇ، ئۆتكەن توك قانچە چوڭ بولسا، ئۇنىڭ ئايلاندۇرۇش كۈچىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. كاتۇشكىنىڭ ئوقىغا ئېلاستىك پۇرژىنا ئورنىتىلغان بولۇپ، كاتۇشكا ئايلانغان چاغدا، پۇرژىنىنىڭ ئېلاستىك كۈچى ئۇنىڭ ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۇنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ كېلىدۇ. كاتۇشكىنىڭ ئايلىنىش بۇلۇڭى قانچە چوڭ بولسا، پۇرژىنىنىڭ ئەكسىگە تارتىش كۈچىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. ئەگەر كاتۇشكىنىڭ ئايلىنىش كۈچى بىلەن پۇرژىنىنىڭ ئەكسىگە تارتىش كۈچى تەڭلىشىپ قالسا، كاتۇشكا كەلگەن ئورنىدا توختاپ قالىدۇ، بۇ چاغدا كاتۇشكىغا ئورنىتىلغان ئىسترېلكا كاتۇشكىدىن ئۆتكەن توكنىڭ قىممىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزگىرىشچان توكنىڭ چوڭلۇقى بىلەن يۆنىلىشى داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، تۇراقلىق توك ئۆلچەش ئەسۋابى ئۇنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى قانداق بىلىدۇ؟ ئەسلىدە، مولتىمېتىرنىڭ ئىچىدە توك توغرىلىغۇچ بار بولۇپ، ئۇ، ئۆزگىرىشچان توكنى تۇراقلىق توكقا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن ئۆلچەيدۇ. ئامپېرمېتىر (يەنى توك ئۆلچەش ئەسۋابى) نى ۋولتمېتىر ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، توك بىلەن ئېلېكتر قارشىلىقىنىڭ كۆپەيتمىسى ئېلېكتر بېسىمىغا تەڭ بولىدۇ، ئېلېكتر قارشىلىقى ئۆزگەرمىگەندە، ئېلېكتر بېسىمى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۆتكەن توكمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆلچەش ئەسۋابىغا چوڭراق بىر ئېلېكتر قارشىلىقىنى ئارقىمۇئارقا ئۇلاپ، ئەسۋابنىڭ ئىككى ئۇلاش نۇقتىسىنى ئېلېكتر ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىككى ئۇچىغا ئۇلىساق، ئېلېكتر ئۈسكۈنىسىنىڭ ئېلېكتر بېسىمى بىلەن ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى ئېلېكتر بېسىمى ئوخشاش بولىدۇ − دە، ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ كۆرسەتكۈچ ئىسترېلكىسى كىشىلەرگە ئېلېكتر ئۈسكۈنىسىنىڭ ئېلېكتر بېسىمىنىڭ قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئامپېرمېتىرغا بىر دانە ئۆزگىرىشچان قارشىلىق بىلەن5 .1 ۋولتلىق بىر باتارېيە ئارقىمۇئارقا ئۇلانسا، ئۇ ئارقىلىق ئېلېكتر قارشىلىقىنىڭ قىممتىنىمۇ ئۆلچىگىلى بولىدۇ. ئېلېكتر ئۈسكۈنىسىنىڭ قارشىلىق قىممىتىنى توغرا ئۆلچەش ئۈچۈن، ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ ئىككى تال تاياقچىسىنى بىر - بىرىگە تەگكۈزۈپ، ئەسۋاب ئىچىدىكى ئۆزگىرىشچان قارشىلىقنى تەڭشەپ، كۆرسەتكۈچ ئىسترېلكىنى دەل تولۇق شكالىنى كۆرسىتىدىغان قىلساق، ئۇ، بۇ چاغدىكى ئېلېكتر قارشىلىقىنىڭ نۆل ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاندىن ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ ئىككى تال تاياقچىسىنى مەلۇم بىر ئېلېكتر ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىككى ئۇچىغا تەگكۈزسەك، شۇ ئېلېكتر ئۈسكۈنىسىنىڭ ئېلېكتىر قارشىلىقىنىڭ قىممىتىنى ئۆلچەپ چىققىلى بولىدۇ. مولتمېتىر يۇقىرىقىدەك نەچچە خىل ئۆلچەش ئېلېكتر زەنجىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان ھەمدە ئۇنىڭغا بىر ئەپچىل بولغان «ئۆزگىرىشچان توك، تۇراقلىق توك ۋە ئېلېكتر قارشىلىقى» نى ئالماشتۇرۇش ئۇلىغۇچى ئورنىتىلغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارى باشقا ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنىڭكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىپ، كىشىلەرنىڭ توكنىڭ نۇرغۇن خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىق كۆزىتەلەيدىغان «ئۆتكۈر كۆز» ىگە ئايلاندى. ئېلېكترون تېخنىكىسى يەنە يېڭى بىر ئەۋلاد رەقەملىك مولتمېتىرنى قوراللاندۇردى. ئۇ، كەڭ كۆلەمدە توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتر زەنجىرىنى «يۈرەك»، سۇيۇق كرىستالدىن پايدىلىنىپ كۆرسىتىشنى «كۆز» قىلىپ، كىشىلەرنىڭ «توكنى كۆرۈشى» نى تېخىمۇ قۇلايلىق قىلدى ۋە تېخىمۇ سەزگۈرلەشتۈردى.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
مولتمېتىر | UyghurWiki | UyghurWiki