ماشىنا ئادەم
ئېلېكترون بىلىملىرى
«سىزگە قۇلايلىق» دېگەن سۆز ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان بىر ماشىنا ئادەمنىڭ ئىسمى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدا «تۇغۇلغان» بولۇپ، بىر دانە چوڭ كۆزى بار.1981 - يىلى روژدېستۋو بايرىمىدا، ئامېرىكىنىڭ داللاستىكى بىر تۈرلۈك ماللار شىركىتىدە «سىزگە قۇلايلىق» خېرىدارلارنى كۈتۈۋاتاتتى.
بىر خېرىدار: «سىز ماڭا بىر ئىستاكان قەھۋە بېرەلەمسىز؟» دەپ سورىدى.
«KO، ئەپەندىم، سەل تەخىر قىلىپ تۇرۇڭ.» بىردەمدىن كېيىن ئۇ بىر ئىستاكان قەھۋەنى ئەكېلىپ قەھۋە ئىچىڭ، سىزنىڭ يەنە ماڭا بۇيرۇيدىغان ئىشىڭىز بارمۇ؟ دېدى. ئولىشىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇنىڭ قابىلىيىتىنى سىناپ كۆرگۈسى بار ئىدى. بىر ئادەم يۇقىرى ئاۋازدا: »سىز ماڭا تېلېۋىزورنى ئېچىپ بېرەلەمسىز؟ دەپ سورىدى. «سىزگە قۇلايلىق»بولىدۇ! دەپ ئەدەپ بىلەن جاۋاب بەردى. ئۇ، تېلېۋىزورنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بىر چەبدەس قولى بىلەن تېلېۋىزورنىڭ بۇرىغۇچىنى بۇراپ ئاچتى. ئۇنىڭ قىزغىن مۇلازىمىتى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئەمەلىيەتتە، كىشىلەرنى مەپتۇن قىلغان «سىزگە قۇلايلىق» بولسا، «نەچچىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر قىلىش» ئارقىلىق ياسالغان ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئېلېكتر ئۈسكۈنىسىدىن ئىبارەت. ئۇ، تېلېۋىزور، ئۈنئالغۇ، رادىئو قوبۇللىغۇچ، تېلېۋىزوردا ئويۇن ئويناش ماشىنىسى، سائەت، ۋاكۇئۇملۇق چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچ، يېمەكلىكلەرنى سالىدىغان تەخسە ۋە كومپيۇتېر قاتارلىقلارنى ئۆز بەدىنىگە توپلىغان بولۇپ، باتارېيىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدۇ، چوڭ كۆزى ئىچىدىكى تېلېۋىزىيە كامېراسى (سىنتارتقۇ) ئارقىلىق سىرتتىن كەلگەن سىگناللارنى سېزىپ قوبۇل قىلىدۇ، ئۇنىڭ بەدىنىدە تىزگىنلەش قۇلايلىق بولغان سېزىم ئۇزاتقۇچ (سېنزور)، پۇتىدا چاق بار بولۇپ، ئائىلە سايمانلىرى جايلاشتۇرۇلغان ئۆي ئىچىدە چاققانلىق بىلەن ماڭالايدۇ، بەدىنىنىڭ ئىچىگە تىل بىرىكتۈرگۈچ ئورنىتىلغان بولۇپ، كىشىلەر بىلەن سۆزلىشەلەيدۇ.
ئامېرىكىدا «ھوببات» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر خىل ماشىنا ئادەم بار بولۇپ، «باھاسى» پەقەت بىر تېخنىك ئىشچىنىڭ ئۈچ ئايلىق مائاشىغىلا تەڭ. ئۇنىڭ قىلىدىغان مۇلازىمىتىنىڭ تۈرى ئاز ئەمەس: ھەر كۈنى ئەتىگەندە سائەت قوڭغۇرىقىنى جاراڭلىتىپ خوجايىنىنى ئويغىتىدۇ، ئاندىن خوجايىنغا لۆڭگە، چاي، يېمەكلىك يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. خوجايىنى ئىشقا كەتكەن چاغدا، ئۇ بارلىق ئېلېكتر چىراغلىرى ۋە توك ئارقىلىق قىزىيدىغان ئۈسكۈنىلەرنى يېپىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ «جاپا - مۇشەققەتتىن باش تارتماي» قاچا يۇيۇش ماشىنىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، كىرئالغۇ قاتارلىقلارنى باشقۇرۇپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا باشلايدۇ.
ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا ئادەم ئائىلىدە خوجايىنىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپلا قالماستىن، خوجايىنى ئىشقا كەتكەندە ياكى سىرتقا چىقىپ كەتكەندە، يېنىدىكى تىزگىنلىگۈچ ئارقىلىق ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان ئىشلارنى ئىشلەشنى بۇيرۇق قىلسا، ئۇ ئىشلارنى ئىشلەيدۇ.