ترانسفورماتور
ئېلېكترون بىلىملىرى
بەزى توك سىم تۈۋرۈكلىرىگە چوڭ بىر تۆمۈر ساندۇق ئورنىتىپ قويۇلغان بولىدۇ، ئۇ ئۈزلۈكسىز گىژىلدىغان ئاۋاز چىقىرىپ تۇرىدۇ، مانا بۇ، ئۆزگىرىشچان ئېلېكىر بېسىمىنى ئۆرلىتەلەيدىغان ياكى تۆۋەنلىتەلەيدىغان ترانسفورماتوردىن ئىبارەت.
ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى يىراق ئارىلىققا يوللاش جەريانىدا ئېلېكتر بېسىمى قانچە يۇقىرى بولسا ئىقتىسادىي جەھەتتىن شۇنچە پايدىلىق بولىدۇ. ئېلېكتر بېسىمى يۇقىرى بولسا، ئوخشاش قۇۋۋەتتىكى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى يوللاشتا توك كىچىكرەك بولسىمۇ بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئېلېكتر كۈچىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىمۇ ئازىيىدۇ، ئىشلىتىلىدىغان توك سىمى ئىنچىكىرەك بولسىمۇ بولىدۇ. گېنېراتور چىقارغان ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ئالدى بىلەن ترانسفورماتور ئارقىلىق ئېلېكتر بېسىمى نەچچە ئون مىڭ ۋولت ياكى نەچچە يۈز مىڭ ۋولت ئۆرلىتىلىپ، ئاندىن يۇقىرى بېسىملىق توك يوللاش سىملىرى ئارقىلىق توك ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارغا يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ خىل يۇقىرى بېسىملىق ئۆزگىرىشچان توكنى بىۋاسىتە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئېلېكتر بېسىمىنى يەنە ترانسفورماتور ئارقىلىق بەلگىلىك دەرىجىگە چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن زاۋۇتلار ۋە ئائىلىلەر ئىشلەتسە بولىدۇ.
ترانسفوماتورنىڭ پرىنسىپى ۋە تۈزۈلۈشى ناھايىتى ئاددىي. بۇنىڭدا تۇيۇق تۆمۈر ئۆزەكنىڭ ئۈستىگە ئورام سانى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئورام سىم، يەنى كاتۇشكا ئورىلىدۇ، بۇنىڭ بىرى ئاساسىي (بىرلەمچى) كاتۇشكا، يەنە بىرى قوشۇمچە (ئىككىلەمچى) كاتۇشكا دەپ ئاتىلىدۇ. ئاساسىي كاتۇشكىغا ئۆزگىرىشچان توك ئۇلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ئۆزگىرىشچان توك ئۆتۈپ، بۇ توك تۆمۈر ئۆزەكتە ئۆزگىرىشى ئۆزگىرىشچان توكنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئوخشاش بولغان ماگنىت مەيدانىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ئۆزگىرىشچان ماگنىت مەيدانى بولسا، تۆمۈر ئۆزەككە ئورالغان قوشۇمچە كاتۇشكىدا ئىندۇكسىيىلىك ئېلېكتر بېسىمىنى ھاسىل قىلىدۇ. چىقىش ئېلېكتر بېسىمى بىلەن ئېلېكتر بېسىمىنىڭ نىسبىتى، قوشۇمچە كاتۇشكىنىڭ ئورام سانى بىلەن ئاساسىي كاتۇشكىنىڭ ئورام سانىنىڭ نىسبىتىگە تەڭ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ئاساسىي كاتۇشكىنىڭ ئورام سانى قوشۇمچە كاتۇشكىنىڭ ئورام سانىدىن كۆپ بولسا، ئۇ، بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى ترانسفورماتور بولىدۇ؛ ئەگەر قوشۇمچە كاتۇشكىنىڭ ئورام سانى ئاساسىي كاتۇشكىنىڭ ئورام سانىدىن كۆپ بولسا، ئۇ، بېسىمنى ئۆرلەتكۈچى ترانسفورماتور بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ترانسفورماتور ھەممە ئائىلىلەردە دېگۈدەك بار. مەسىلەن، يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك رادىئو قوبۇللىغۇچلاردا پەقەت6 ۋولتلىق ئېلېكتر بېسىمىلا ئىشلىتىلىدۇ، تېلېۋىزورلارنىڭ كىنېسكوپى (تەسۋىر كۆرسىتىش لامپىسى) دا10 مىڭ ۋولتلىق يۇقىرى ئېلېكتر بېسىمى ئىشلىتىلىدۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ توك مەنبەسىگە ئۇلىنىدىغان چاتقۇچى (شتېپسېلى)220 ۋولتلىق چېتىلغۇچ (روزېتكا) قا ئۇلىنىدۇ، شۇڭا بۇلاردا ترانسفورماتور بولمىسا ئەلۋەتتە بولمايدۇ. تۇراقلىق توك ئاساسىي كاتۇشكىدىن ئۆتكەن چاغدا، ئۆزگىرىشچان ماگنىت مەيدانى ھاسىل بولمايدۇ، شۇڭا قوشۇمچە كاتۇشكىدىمۇ ئىندۇكسىيىلىك ئېلېكتر بېسىمى ھاسىل بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ترانسفورماتور ئارقىلىق تۇراقلىق توكنىڭ بېسىمىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.