UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىكومپيۇتېر دوختۇر

كومپيۇتېر دوختۇر

ئېلېكترون بىلىملىرى كومپيۇتېر دوختۇر زامانىمىزدىكى داڭلىق دوختۇر بىلەن «كۈچ سىنىشىپ» باققان. كىشىلەر جىگەر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور پەن چېڭليەن بىلەن كومپيۇتېر دوختۇرنى ئايرىم - ئايرىم ئىككى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا كېسەل كۆرسەتكەن.170 نەپەر بىمارغا ئالدى بىلەن پەن دوختۇر دىئاگنوز قويغان، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇلارنى كومپيۇتېر دوختۇر كۆرگەن. نەتىجىدە، بۇلارنىڭ قويغان دىئاگنوزى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپلا قالماي، يېزىپ بەرگەن رېتسېپلىرىمۇ ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئېنىقلىق دەرىجىسى %99 تىن ئېشىپ كەتكەن. كومپيۇتېر دوختۇر ئەمەلىيەتتە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بىر يۈرۈش مىكرو تىپلىق كومپيۇتېردىن ئىبارەت. ئۇ، كومپيۇتېر، كۇنۇپكا تاختىسى بار شەكلى ۋە چوڭلۇقى تېلېۋىزورغا ئوخشاپ كېتىدىغان كۆرسەتكۈچ ۋە بىر ئەپچىل بېسىش ماشىنىسىدىن تۈزۈلىدۇ. ئادەتتىكى كومپيۇتېرلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭغا ھەرقايسى جاي ھەرقايسى بۆلۈملەردە ئىشلىگەن داڭلىق دوختۇرلارنىڭ كېسەل داۋالاشتىكى ئاجايىپ تەدبىرلىرى − دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش يۇمشاق دېتالى قاچىلانغان. ئاتالمىش دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش يۇمشاق دېتالى دېگىنىمىز، سانلىق مەلۇماتلار ئۇچۇرىنى ساقلايدىغان بىر پارچە ماگنىتلىق دىسكىدىن ئىبارەت. ئۇ، داڭلىق دوختۇرلارنىڭ كېسەل كۆرگەندىكى پىكىر يۈرگۈزۈش جەريانىنى ۋە تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، ئۇنى ماتېماتىكىلىق فورمۇلىغا ئايلاندۇرۇپ خاتىرىلىۋېلىپ، كومپيۇتېر ئىجرا قىلالايدىغان پروگراممىغا ئايلاندۇرۇۋالغان. ئۇ كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، كومپيۇتېر داڭلىق دوختۇرلارغا ئوخشاش كېسەل كۆرەلەيدۇ. كومپيۇتېر دوختۇر كېسەل كۆرگەن چاغدا، بىر نەپەر ياش دوختۇر كېسەل ئەھۋالىنى سوراپ، تومۇرىنى تۇتۇپ، تىلىنى كۆرۈپ، بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ھەر خىل خىمىيىۋى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن قوشۇپ كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق كومپيۇتېرغا «ئېيتىپ» بېرىدۇ. كومپيۇتېر داڭلىق دوختۇرلارنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن، بىرەر مىنۇتنىڭ ئىچىدىلا ئۆزىنىڭ «ئاغزى» − ئېلېكترلىك خەت بېسىش ماشىنىسى ئارقىلىق، دىئاگنوز نەتىجىسىنى «دوكلات» قىلىپ، رېتسىپ يېزىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا يەنە بەلگىلىمە بويىچە دەم ئېلىش قەغىزىمۇ يېزىپ بېرىدۇ. كومپيۇتېر دوختۇر پۈتكۈل دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق دوختۇرلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. ئالىملار پۈتكۈل دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق دوختۇرلارنىڭ كېسەل كۆرۈش تەجرىبىلىرىنى توپلاپ ماگنىتلىق دىسكىغا ئېلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى دوختۇرخانىلارغا يوللاپ بەرسە، دوختۇرخانىلار كومپيۇتېرلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن «قوراللاندۇرسا»، ئۇ ھالدا ھەممىلا يەردە «داڭلىق دوختۇر» بار بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
كومپيۇتېر دوختۇر | UyghurWiki | UyghurWiki