لازېر نۇرلۇق كۆرۈش دىسكىسى
ئېلېكترون بىلىملىرى
بىر خىل «سىنئالغۇ» بار بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىشلىتىلىدىغىنى سىن ئېلىش لېنتىسى (ماگنىتلىق لېنتا) بولماستىن، بەلكى پارقىراپ نۇر چېچىپ تۇرىدىغان دۈگىلەك دىسكا (تەخسە) دىن ئىبارەت، ئۇ، لازېر نۇرلۇق كۆرۈش دىسكىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
لازېر نۇرلۇق كۆرۈش دىسكىسى سۇلياۋدىن ياسالغان بىر خىل دۈگىلەك نېپىز پلاستىنكىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى يۈزىدە ئادەتتىكى پاتېفون پلاستىنكىسىدىكىگە ئوخشاش ناھايىتى زىچ يۆگىمەچ ئىزلار بولىدۇ. لازېر نۇر ئارقىلىق ئويۇلغان بۇ ئۇششاق ئويمانلارنىڭ كەڭلىكى پەقەت4 .0 مىكرومېتىر بولۇپ، بىر تال چاچ دىئامېتىرىنىڭ200 دىن1 قىسمىغا توغرا كېلىدۇ، ئېرىقچىلار ئارىسىدىكى ئارىلىقمۇ چاچ دىئامېتىرىنىڭ50 دىن1 ىگە يەتمەيدۇ. كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بۇ ئۇششاق ئويمانلارغا تەسۋىر بىلەن ئاۋاز سىگنالى خاتىرىلىنىدۇ. كۆرۈش دىسىكىسى توكلۇق پاتېفونغا ئوخشاپ كېتىدىغان قويۇش ئاپپاراتىغا قويۇلۇپ، رەڭلىك تېلېۋىزورغا ئۇلانسا، قويۇش ئاپپاراتى لازېر نۇرلۇق «قويۇش بېشى» ئارقىلىق دىسكىغا خاتىرىلەنگەن تەسۋىر بىلەن ئاۋاز سىگنالىنى ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى تېلېۋىزوردا كۆرسىتىدۇ.
لازېر نۇر ئارقىلىق تەسۋىر خاتىرىلەشتە ئالدى بىلەن تەسۋىر ئېلىش لامپىسى ئارقىلىق تەسۋىرنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقى ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل يورۇقلۇق سىگناللىرى ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، ئاندىن لازېر نۇر دەستىسىنىڭ يورۇق - قاراڭغۇلۇق دەرىجىسى بۇ ئېلېكتر سىگنالى ئارقىلىق تىزگىنلىنىدۇ (كونترول قىلىنىدۇ)، دىسكىنىڭ لازېر نۇرى چۈشكەن ئورنى تېزلىكتە كۆيۈپ گازغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇ خۇددى ناھايىتى ئۆتكۈر بىر يورۇقلۇق «پىچىقى» بار بولۇپ، كۆرۈش دىسكىسىنىڭ تەكشى تېزلىكتە ئايلىنىشى ۋە يورۇقلۇق «پىچىقى» نىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ كۆرۈش دىسكىسىنىڭ ئۈستىگە بىر قاتار ئىزلارنى ئويۇپ چىققىنىغا ئوخشايدۇ. بۇ ئىزلارنىڭ شەكلى، ئۇزۇن - قىسقىلىقى، چوڭقۇر - تېيىزلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېلېكتر سىگنالىنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بۇ ئىزلاردا، تەسۋىر بىلەن ئاۋازنىڭ بارلىق سىگناللىرى ساقلانغان بولىدۇ.
ئاتالمىش لازېر نۇرلۇق «قويۇش بېشى» دېگىنىمىز، ئەمەلىيەتتە بىر تۆۋەن قۇۋۋەتلىك گازلىق لازېر ئاپپاراتىدىن ئىبارەت. قويغان چاغدا «قويۇش بېشى» كۆرۈش دىسكىسىنىڭ ئاستىدا ئىچىدىن تېشىغا قارىتا يۆتكىلىدۇ ھەمدە ئۈزلۈكسىز ھالدا يۇقىرىغا لازېر نۇرى تارقىتىدۇ، بۇ نۇرلار يىغىلىپ ئىنتايىن كىچىك يورۇقلۇق دەستىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ يورۇقلۇق دەستىسى كۆرۈش دىسكىسىدىكى ئىزلارنىڭ يۈزىگە چۈشۈشى بىلەنلا ئۇنىڭدىن قايتىپ، ئوپتىكىلىق ئوبيېكتىپ ئارقىلىق ئاپپارات ئىچىدىكى فوتو ئېلېكترلىك ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىغا يوللاپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ قايتقان يورۇقلۇق سىگنالى ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلىنىدۇ، بۇ سىگنال تېلېۋىزورغا كىرگەندىن كېيىن، ئىككى خىل سىگنالغا ئايرىلىپ، كۆرۈنمە چاستوتىلىق سىگنال تېلېۋىزور ئېكرانىدا تەسۋىر (سۈرەت) گە ئايلىنىدۇ، ئاۋاز چاستوتىلىق سىگنال بولسا ئاۋاز ياڭراتقۇچتا ئاۋازغا ئايلىنىدۇ، شۇنداق قىلىپ تەسۋىر بىلەن ئاۋاز بىرلەشكەن تېلېۋىزىيە نومۇرلىرى ھاسىل بولىدۇ.