تۇراقلىق توك ۋە ئۆزگىرىشچان توك
ئېلېكترون بىلىملىرى
بىر باتارېيىنىڭ بېشى (مۇسبەت قۇتۇپى) نى يەنە بىر باتارېيىنىڭ قۇيرۇقى (مەنپىي قۇتۇپى) غا توغرىلاپ قولچىراغ (پروژېكتور) نىڭ ئىچىگە سالساق، قولچىراغ يورۇيدۇ؛ ئەگەر ئەكسىچە، بېشىنى بېشىغا ياكى قۇيرۇقىنى قۇيرۇقىغا توغرىلاپ قولچىراغنىڭ ئىچىگە سالساق، قولچىراغ يورۇمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، باتارېيە ھاسىل قىلغان ئېلېكتر توكى (قىسقىچە توك دەپ ئاتىلىدۇ) ھامان بىرلا يۆنىلىشكە قاراپ ئاقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تۇراقلىق توك دەپ ئاتىلىدۇ.
توك يوللاش سىمى ياكى كابېل ئارقىلىق ئائىلىلەرگە كىرىدىغان توك تۇراقلىق توك ئەمەس، بەلكى ئۆزگىرىشچان توك. چۈنكى، بۇ خىل توك بىردەم مەلۇم بىر يۆنىلىشىكە قاراپ ئاقسا، بىردەم ئۇنىڭغا قارىمۇ - قارشى يۆنىلىشكە قاراپ ئاقىدۇ.
ئۆزگىرىشچان توك گەرچە »ئۆزگىرىشچان« بولسىمۇ، ئۇنى تۇراقلىق توك بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەڭ چوڭ بىر ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولۇپ، ترانسفورماتوردىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ ئېلېكتر بېسىمىنى ئېھتىياجغا ئاساسەن ئۆرلىتىشكە ياكى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئېلېكتر ئىستانسىلىرى ئىشلەپچىقارغان توك ئىستېمالچىلارنى تەمىنلەش ئۈچۈن، ناھايىتى يىراق جايلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ. ئېلېكتر بېسىمى قانچە يۇقىرى بولسا، يوللاش جەريانىدىكى زىيان (خوراش) شۇنچە ئاز بولىدۇ. ئېلېكتر بېسىمى ئۆرلىتىلىپ35 مىڭ ۋولت ياكى110 مىڭ ۋولت ھەتتا220 مىڭ ۋولتقا يەتكۈزۈلسە، توك يوللاش تېخىمۇ تېجەشلىك بولىدۇ. مەيلى قانداق ئورۇن توك ئىشلەتسۇن، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەممىسىدىلا ئېلېكتر بېسىمى تۆۋەنلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئائىلىلەردە پەقەت220 ۋولت ئېلېكتر بېسىمىلا ئىشلىتىلىدۇ، زاۋۇتلاردا بولسا دائىم دېگۈدەك380 ۋولت ئېلېكتر بېسىمى ئىشلىتىلىدۇ ۋەھاكازا.
تۇراقلىق توكنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بار. خىمىيە سانائىتىدە ئېلېكتر ئارقىلىق ھەل بېرىش قاتارلىقلاردا چوقۇم تۇراقلىق توك بولمىسا بولمايدۇ. ترامۋاي قاتارلىق توك ئارقىلىق ماڭىدىغان ماشىنىلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈشتىمۇ تۇراقلىق توك ئىشلىتىلسە ياخشىراق بولىدۇ.
ھەر خىل ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزگىرىشچان توكنى تۇراقلىق توكقا ئايلاندۇرشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ، توك توغرىلاش دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك رادىئو قوبۇللىغۇچ ياكى ئۈنئالغۇلارنى سىرتقى توك مەنبەسىگە (يەنى ئۆزگىرىشچان توك مەنبەسىگە) ئۇلاشقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تۆت چاسا قۇرۇلما ئارقىلىق ئۆزگىرىشچان توك تۇراقلىق توكقا ئايلاندۇرۇلۇپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ، بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ۋە توكنى توغرىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇلما مەنبە ئالماشتۇرغۇچ دەپ ئاتىلىدۇ.