ئېھتىيات سىمى
ئېلېكترون بىلىملىرى
ئېھتىيات (بىخەتەرلىك) سىمى ئېلېكتر زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن خەۋەر بېرىدىغان ئەسۋاب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئېلېكتر زەنجىرىدىكى توك يول قويۇلىدىغان قىممەتتىن ئېشىپ كەتكەن چاغدا، ئېھتىيات سىمى ئېرىپ، توك مەنبەسىنى ئۈزۈپ، ئېلېكتر زەنجىرى بىلەن توك ئىشلەتكۈچى ئەسۋابلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن، ۋەقە سادىر بولۇشتىن ياكى ئوت ئاپىتى كېلىپ چىقىشتىن ساقلاپ قالىدۇ.
ئېھتىيات سىمى يۇمشاق، ئېرىش تېمپېراتۇرىسى مىس، تۆمۈر، ئاليۇمىنلارغا قارىغاندا كۆپ تۆۋەن بولغان قوغۇشۇندىن ياسىلىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە ئاز مىقداردا ئېرىش تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنرەك بولغان سۈرمە ياكى قەلەي بار بولىدۇ. ئېھتىيات سىمىنىڭ توم ياكى ئىنچىكە بولۇشىنىڭ ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئوخشىمايدۇ. توم بولغانلىرىدىن ئۆتۈشكە يول قويۇلىدىغان توك چوڭ بولىدۇ؛ ئىنچىكىلىرىدىن پەقەت كىچىك توكنىلا ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ.
ئېھتىيات سىمىنى ئېلېكتىر زەنجىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلىشىنى قوغدىيالايدىغان قىلىش ئۈچۈن، ئېھتىيات سىمىغا نىسبەتەن قاتتىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان: توك ئۆتۈشكە يول قويۇلىدىغان توكنىڭ45 .1 ھەسسىسىگە يەتكەن چاغدا، ئېھتىيات سىمى چوقۇم بىر مىنۇت ئىچىدە ئېرىپ ئۈزۈلۈشى كېرەك؛ ئۆتۈشكە يول قويۇلىدىغان توكتىن ئېشىپ كېتىش ھەسسە سانى قانچە چوڭ بولسا، ئېھتىيات سىمىنىڭ ئېرىپ ئۈزۈلۈش ۋاقتى شۇنچە قىسقا بولۇشى كېرەك؛ ئېلېكتر زەنجىرىدىكى توك ئىشلەشكە يول قويۇلىدىغان دائىرە ئىچىدە بولغاندا، ئېھتىيات سىمى ئۈنۈملۈك ھالدا ئۆزىنى ساقلاپ، ئېلېكتر زەنجىرىدىكى توكنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېھتىيات سىمىنى تاللىغان چاغدا، ئالدى بىلەن ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكتر ئۈسكۈنىسىنىڭ ئومۇمىي ۋات سانىغا ئاساسەن، ئېلېكتر زەنجىرىدىن ئۆتىدىغان ئەڭ چوڭ ئىشلەش توكىنى ھېسابلاپ چىقىپ، ئېھتىيات سىمى چەكلەيدىغان توكنى ئېلېكتر زەنجىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەش توكىغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن سەل چوڭ قىلىش كېرەك. كىرئالغۇ، توڭلاتقۇ قاتارلىق ئىچىدە ئېلېكتر ماتورى بار ئۈسكۈنىلەرگە نىسبەتەن، ئېلېكتر ماتورى قوزغىتىلىدىغان چاغدا ئۇنىڭدىن ئۆتىدىغان توك ئۇنىڭ ئىشلەش توكىدىن نۇرغۇن ھەسسە چوڭ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئادەتتىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئېھتىيات سىمى يول قويىدىغان توك ئېلېكتر ماتورنىڭ ئىشلەش توكىدىن ئۈچ ھەسسە چوڭ بولۇشى كېرەك.
ئېھتىيات سىمى فارفوردىن ياسالغان قۇتا ئىچىگە ئورنىتىلىدۇ. ئېھتىيات سىمىنى تەكشۈرگەن ياكى ئالماشتۇرغان چاغدا، فارفور قۇتىنىڭ قاپقىقىنى پەقەت يۈك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىلا تارتىپ چىقىرىش ياكى بېسىپ كىرگۈزۈش كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا، ئېلېكتر يايى ھاسىل بولۇپ ئادەمنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى يۈز بېرىش مۇمكىن.