ئاۋاز خاتىرىلەيدىغان ۋە خەت يوللايدىغان تېلېفون
ئېلېكترون بىلىملىرى
ئەگەر ئۆيىڭىزگە ئاۋاز خاتىرىلەيدىغان (ئۈنئالغۇلۇق) تېلېفون ئورناتقان بولسىڭىز، سىز سىرتقا چىقىپ كەتسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق، ئاۋاز خاتىرىلەيدىغان تېلېفون سىرتتىن كەلگەن تېلېفوننىڭ مەزمۇنىنى خاتىرىلەپ قويىدۇ.
ئاۋاز خاتىرىلەيدىغان تېلېفون ئاساسلىقى بىردانە قۇتىلىق ماگنىت لېنتىلىق ئۈنئالغۇ بىلەن بىردانە ئادەتتىكى تېلېفون ئاپپاراتىدىن تۈزۈلىدۇ. تېلېفون ئاپپاراتى بىلەن ئۈنئالغۇنى ئۇلاش، ئىككى دانە تېلېفوننى بىر سىمغا ئۇلىغانغا تەڭداش بولىدۇ. ئۈنئالغۇنىڭ ئىچىدە قۇتىلىق ماگنىت لېنتا بار بولغاندىن تاشقىرى، يەنە بىر تەكرار ئايلىنىدىغان ماگنىتلىق لېنتىمۇ بولىدۇ. تەكرار ئايلىنىدىغان ماگنىتلىق لېنتىغا ئۆي ئىگىسىنىڭ قالدۇرغان سۆزى ئالدىنئالا خاتىرىلەپ قويۇلىدۇ، مەسىلەن: «بۇ ئاۋاز خاتىرىلەيدىغان تېلېفون، سۆزىڭىز بولسا سۆزلەڭ» ياكى «مەن ×× جايغا كەتتىم، سىز تېلېفون نومۇرى ×××× نى بېسىڭ» دېگەنگە ئوخشاش. ئۆي ئىگىسى سىرتقا چىقىپ كېتىدىغان چاغدا، پەقەت ئاۋاز خاتىرىلەيدىغان تېلېفوننىڭ مەلۇم بىر كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويسىلا بولدى. ئەگەر بىرەر ئادەمدىن تېلېفون كەلسە، تېلېفون قوڭغۇرىقى بەلگىلىك ۋاقىت جاراڭلىغاندىن كېيىن، ئۈنئالغۇ ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ، تېلېفوندىن تەكرار ئايلىنىدىغان ماگنىتلىق لېنتىغا خاتىرىلەپ قويۇلغان سۆز ئاڭلىنىدۇ، تەكرار ئايلىنىدىغان ماگنىتلىق لېنتا ئىشتىن توختىغاندىن كېيىن، ئاۋاز خاتىرىلەيدىغان ماگنىتلىق لېنتا ئىشنى باشلاپ، قارشى تەرەپنىڭ سۆزلىگەن سۆزىنى ماگنىتلىق لېنتىغا خاتىرىلىۋالىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ سۆزى تۈگەپ،10 سېكۇنت ئۆتكەندىن كېيىن تېلېفون ئۆزلۈكىدىن ئۈزۈلۈپ، يېڭىدىن كېلىدىغان تېلېفوننى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىنىدۇ. ئۆي ئىگىسى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۈنئالغۇنى ئاچسا، تېلېفوننىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى ئېنىق ئاڭلايدۇ.
يەنە خەت يېزىپ خاتىرىلەشكە ماھىر بولغان بىر خىل »خەت يوللاش تېلېفونى« مۇ بار. بۇ خىل تېلېفون ئاساسلىقى فاكس ئالاقىسى بىلەن تېلېفون ئالاقىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، تېلېفوندا ئېنىق دېگىلى بولمايدىغان يېزىق ۋە شەكىلنى تارقىتالايدۇ ۋە قوبۇل قىلالايدۇ. خەت يوللايدىغان چاغدا، ئالماشتۇرغۇچى ئۇلىغۇچ (كەيگۇەن) نى ئېچىپ، تېلېفون تۇرۇپكىسىنى ئېلىپ نومۇرىنى باسىمىز. تېلېفون ئۇلانغاندىن كېيىن، خەت يوللاش قەلىمى ئارقىلىق خاتىرىلەش قەغىزىگە خەت يازىمىز. خەت يوللاش قەلىمىنىڭ ئوڭ - سول ۋە ئاستى - ئۈستىدە، ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە ماس بولغان ئېلېكتر سىگنالى بار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قەلەم ئۇچىنىڭ تۇرغان ئورنى ئوخشاش بولمىسا، ئۇنىڭ لىنىيىگە يوللايدىغان ئېلېكتر سىگنالىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇلار تارقىلىپ قارشى تەرەپكە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ماس بولغان قۇرۇلمىلارغا يوللىنىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا خاتىرىلەش قەلىمىنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىدۇ - دە، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى خەت يوللاش قەلىمىنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشاش قىلىدۇ، شۇنداق قىلىپ يوللانغان يېزىق ياكى شەكىلنىڭ مەزمۇنى خاتىرىلىنىپ قالىدۇ.