UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىتىل پەرقلەندۈرۈش ماشىنىسى

تىل پەرقلەندۈرۈش ماشىنىسى

ئېلېكترون بىلىملىرى بۇ خىل ماشىنا ئادەمنىڭ بۇيرۇقىغا بىۋاسىتە بويسۇنۇپ ھەر خىل ئىشلارنى قىلالايدۇ. تېلېۋىزورغا قاراپ تۇرۇپ «ئاچ» دېسىڭىز، تېلېۋىزور ئاپتوماتىك ھالدا ئېچىلىدۇ؛ پوچتا - تېلېگراف خادىمى پوچتا يوللانمىسىنى يوللاش تاسمىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، پوچتا نومۇرىنى ئۇقتۇرسا ياكى بىۋاسىتە يەرنىڭ نامىنى ئۇقتۇرسا، ماشىنا پوچتا يوللانمىلىرىنى شۇ يەرنىڭ كاتەكلىرىگە يوللاپ بېرىدۇ. ماشىنا قانداق قىلىپ ئادەمنىڭ سۆزىنى چۈشىنىدۇ؟ ئەسلىدە ئالىملار مەخسۇس بىر ئەسۋابنى لايىھىلەپ چىقتى، ئۇ، «سۆز رەسىمى ئەسۋابى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ بىر تاۋۇشنىڭ ياكى بىر جۈملە سۆزنىڭ ئاۋاز دولقۇنىنى قەغەزگە خاتىرىلىۋېلىپ، سۆز رەسىمى دەپ ئاتىلىدىغان بىر پارچە رەسىمگە ئايلاندۇرىدۇ. مەيلى كىم سۆزلىشىدىن قەتئىينەزەر، سۆزلەنگەن سۆز پەقەت ئوخشاش تەلەپپۇزدا بولسىلا، سۆز رەسىمىنىڭ شەكلى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ سۆز رەسىمىنى كۆرگەن چاغدا، ئۇنىڭ نېمە مەنىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. «فوتو ئېلېكترلىك ئاۋاز چىقىرىش ماشىنىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماشىنا بار بولۇپ، ئۇ سۆز رەسىمىگە قاراپ ئادەملەرنىڭ سۆزىنى چۈشىنىدۇ. ئادەم سۆزلىگەن سۆزنىڭ «سۆز رەسىمى» بۇ خىل ماشىنىنىڭ فوتو ئېلېكتر لامپىسىنىڭ ئاستىغا قويۇلسا، فوتو ئېلېكتر لامپىدىن ئىبارەت بۇ «كۆز» پليونكا ئۈستىگە سىزىلغان بۇ شەكىللەرنىڭ يورۇقلۇق سىگنالىنى ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇپ، تىلنىڭ ئاۋاز دولقۇنىنى تەقلىد قىلىپ چىقىش بىلەن، ئاۋاز ياڭراتقۇچنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ قايتىدىن ئاۋاز چىقىرىدۇ. تىلنىڭ تىزگىنلىشى بىلەن ئىشلەيدىغان ماشىنا «تىل پەرقلەندۈرۈش ماشىنىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ مەركىزى نىسبەتەن مۇرەككەپ بولغان بىر كومپيۇتېردىن ئىبارەت. كومپيۇتېرنىڭ ئەستە تۇتىدىغان «مېڭە» ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان قىسمى ساقلىغۇچ دەپ ئاتىلىدۇ. كومپيۇتېرنى گەپ ئاڭلايدىغان قىلىش ئۈچۈن، خۇددى كىچىك بالىغا سۆزلەشنى ئۆگەتكەنگە ئوخشاش، ھەر خىل تاۋۇشلارنىڭ شەكىل بەلگىلىرى ماشىنا «چۈشىنەلەيدىغان» رەقەمگە ئايلاندۇرۇلۇپ، ساقلىغۇچتا ساقلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن، كومپيۇتېر ئادەم چىقارغان بۇيرۇقنى ئاڭلىغان چاغدا، بۇ بۇيرۇقنىڭ تاۋۇش بەلگىلىرىنى ساقلىغۇچتا ساقلانغان ھەرقايسى پايدىلىنىش تاۋۇش بەلگىلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، ئەڭ ئوخشاپ كېتىدىغان بىرسىنى تاپقاندىن كېيىن، بۇيرۇقنىڭ مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلالايدۇ. ئەگەر كومپيۇتېرنى مەشىق قىلدۇرغان بىر توپ ئادەمنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى ئالدى بىلەن كومپيۇتېرنىڭ ئېسىدە قالدۇرۇپ، ئاندىن سۆزلىگەن ئادەمنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قايسى بىرى ئىكەنلىكىنى كومپيۇتېرغا ھۆكۈم قىلدۇرساق، سۆزنى پەرقلەندۈرۈپ ئادەمنى تونۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، پەقەت ئۆزىنىڭ خوجايىنىنىڭ بۇيرۇقىلا ئۇنىڭ ئىش ئىشلىشىگە قوماندانلىق قىلالايدىغان بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى