سوپۇن پاراشوكى ئىشلەتمەيدىغان كىرئالغۇ
ئېلېكترون بىلىملىرى
ئادەتتىكى كىرئالغۇلار كىر يۇيغاندا كۆپ مىقداردا سوپۇن پاراشوكى ئىشلىتىدۇ. يەنە بىر خىل كىرئالغۇ بار بولۇپ، ئۇ سوپۇن پاراشوكى ئىشلەتمەيمۇ كىيىملەرنى پاكىز يۇيالايدۇ.1894
- يىلى، ئەنگلىيىلىك ۋارناب دېگەن ئادەم، دېڭىزلاردا قاتنايدىغان پاراخوتلارنىڭ پىرقىرىغۇچلىرى بىر مەزگىل ئايلانغاندىن كېيىن،پىرقىرىغۇچ پالاقلىرى ئۇپراپ، پالاق يۈزلىرىنىڭ ئويمان - دۆڭ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئويۇلۇپ تېشىلىپ كېتىپ، پىرقىرىغۇچنىڭ خىزمىتىگە ۋە ئىشلىتىلىش ئۆمرىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. كېيىن، يەنە پاراخوتلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئايلىنىش تېزلىكى تېز بولغان پىرقىرىغۇچ، سۇ پومپىسى ۋە سۇ تۇربىنىسىنىڭ ئايلىنىدىغان پالاقلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق نۇقسان بارلىقىنى بايقىغان. ئۇ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ خىل بۇزغۇنچىلىقنى پەيدا قىلىدىغان باش جىنايەتچىنىڭ سۇدا ھاسىل بولغان بىر خىل گاز كۆپۈكچىسى ئىكەنلىكىنى تاپقان.سۇ كۈچى مېخانىزملىرىنىڭ ئايلىنىدىغان قىسىملىرى ئىشلىگەن چاغدا، سۇدا ئۈلۈكسىز ھالدا گاز كۆپۈكچىلىرى ھاسىل بولىدۇ، ئاندىن يېرىلىپ كېتىدۇ، ئاندىن يەنە ھاسىل بولۇپ، يەنە يېرىلىپ كېتىدۇ. بۇ خىل گاز كۆپۈكچىلىرى يېرىلغان چاغدا ناھايىتى زور ئۇرۇلۇش كۈچى ھاسىل بولۇپ، مېخانىزملارنىڭ دېتاللىرىنى بۇزىدۇ. مانا بۇ «گاز ئۇپرىتىشى» نىڭ بۇزغۇنچىلىقىدۇر.
ئالىملار گاز ئۇپرىتىشىنىڭ پرىنسىپىنى ئۇستىلىق بىلەن كىرئالغۇغا ئىشلەتتى . ياپونىيىلىكىلەر ھەممىدىن بالدۇر كىرئالغۇنىڭ ئىچىگە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنى كىرگۈزۈپ، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق كىرئالغۇنىڭ سۇ تۇڭى ئىچىدە كۆپ مىقداردا گاز كۆپۈكچىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، گاز كۆپۈكچىلىرى يېرىلغان چاغدا ھاسىل بولىدىغان چوڭمۇ ئەمەس ھەم كىچىكمۇ ئەمەس بىر خىل تەسىر كۈچتىن پايدىلىنىپ، ئۇنى سوپۇن پاراشوكى ئورنىدا ئىشلىتىپ، كىيىملەرنىڭ يۈزىدىكى پاسكىنا مىكرو زەررىچىلەرنى تازىلاپ چىقىرىۋەتكەن. بۇ خىل كىرئالغۇنىڭ ئاساسلىق دېتاللىرى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ھاسىل قىلغۇچ، سۈزگۈچ، گاز كۆپۈكچىسى ھاسىل قىلىش بۆلۈمى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، سوپۇن پاراشوكى ئىشلەتمەيدىغان بىر خىل كىرئالغۇدىن ئىبارەت.
سوپۇن پاراشوكى ئىشلەتمەيدىغان يەنە بىر خىل كىرئالغۇ بار بولۇپ، ئۇ، ۋاكۇئۇم (ھەقىقىي بوشلۇق) تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، كىر يۇيۇش تۇڭى ئىچىدىكى سۇنى «قاينىتىش» ئارقىلىق كۆپ مىقداردىكى گاز كۆپۈكچىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، شۇ ئارقىلىق پاسكىنا كىيىملەردىكى كىر زەررىچىلىرىنى چىقىرىۋېتىدۇ؛ بۇ كىر زەررىچىلىرى لەيلەپ سۇ يۈزىگە چىققاندىن كېيىن، مەركەزدىن قېچىش كۈچى ئۇلارنى سىلكىپ چەتكە چىقىرىۋېتىدۇ، ئاندىن ئۇلار سۇ چىقىرىش تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىق سۈزگۈچكە كىرىدۇ. بۇ خىل كىرئالغۇنىڭ ئاساسلىق دېتاللىرى ۋاكۇئۇم پومپىسى ، ۋاكۇئۇمخانا ۋە سۈزگۈچ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
گېرمانىيە ھازىر سوپۇن پاراشوكى ئىشلەتمەيدىغان بىر خىل ئاجايىپ «كىرئالغۇ» نى كەشىپ قىلدى. ئۇ، تېننىس توپ (تور توپ) چوڭلۇقىدىكى كىر يۇيۇش شارىدىن ئىبارەت. كىيىملەرنى پەقەت ئىلمان سۇغا چىلاپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە كىر يۇيۇش شارىنى سالساقلا، ئۇ، ئىنفرا ئاۋاز چاستوتىسىغا تەڭداش بولغان توك چىقىرىپ، ھەربىر مولېكۇلىنى تېز سۈرئەتتە تەۋرىتىپ كىرلەرنى توقۇلما تالالىرىدىن سىلكىپ چۈشۈرۈۋېتىدۇ. مەيلى قايسى خىل رەختتىن تىكىلگەن كىيىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۇنى بەش مىنۇتتىلا پاكىز يۇيۇۋېتىدۇ.