UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىئەينەن يوللاش ماشىنىسى

ئەينەن يوللاش ماشىنىسى

ئېلېكترون بىلىملىرى گېزىتلەرنى ئېچىپ قارىساق، نۇرغۇن فوتو رەسىملەرگە «ئەينەن يوللانغان فوتو رەسىم» دەپ ئىزاھ بېرىلگەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇلار بۇ فوتو رەسىملەرنىڭ ھەممىسى سىرتلاردىن ئەينەن يوللاشتىن ئىبارەت مۇشۇ خىل ئالاقىلىشىش شەكلى ئارقىلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، فوتو رەسىملەرنى ئەينەن يوللىغاندىن باشقا، كىشىلەرنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان پوچېركىلىرىنى، ھۆججەتلەرنى ۋە گرافىك - جەدۋەللەرنى ئەينەن يوللاش، گېزىتلەرنى ئەسليى نۇسخىسى بويىچە ئەينەن يوللاش، مېتېئورولوگىيە ئىستانسىلىرىنىڭ بۇلۇت قاتلاملىرىنىڭ سۈرىتىنى ئەينەن يوللاش قاتارلىقلارمۇ بار. ئۇنداق بولسا «ئەينەن يوللاش» زادى قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟ ئەينەن يوللاش ئالاقىسى سىملىق ئېلېكتر زەنجىرى ياكى سىمسىز ئېلېكتر زەنجىرى ئارقىلىق تىنچ تەسۋىر ياكى يېزىق ۋە بەلگىلەرنى يوللاش تېخنىكىسىدىن ئىبارەت. بىر «ئەينەن يوللاش» ئويۇنىنى ئويناپ كۆرەيلى. ئىككى دەرسخانىنىڭ ھەربىرىگە بىر ۋاراقتىن ئاق قەغەزنى قويۇپ، ئۇلارغا ئوخشاش چوڭلۇقتا100 دانە چاقماقنى سىزايلى (توغرىسىغا ۋە بويىغا10 تالدىن سىزىق سىزايلى). چاقماق قەغەزنىڭ بىرسىگە«战» دېگەن خەتنى يېزىپ، بۇنى قارشى تەرەپكە (يەنە بىر دەرسخانىدىكىلەرگە) دېمەيلى، ئۇلار پەقەت بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە سولدىن ئوڭغا، ئۈستىدىن ئاستىغا بىزنىڭ ئېيتىپ بەرگىنىمىز بويىچە ھەربىر كاتەكچىنى بوياپ چىقسۇن. قارشى تەرەپ قايسى قۇردىكى قايسى كاتەكچە قارا دېگەننى ئاڭلىسا، شۇ كاتەكچىنى قارىغا بويىسۇن، قايسى كاتەكچە بوش (بويالمايدۇ) دېگەننى ئاڭلىسا شۇ كاتەكچىنى بوش قويسۇن. مۇشۇنداق قىلىپ قۇرمۇقۇر، كاتەكچىمۇكاتەكچە داۋاملاشتۇرسا، ئەڭ ئاخىرىدا قارشى تەرەپمۇ بىز يازغان »战« خېتىگە ئوخشاش بولغان خەتكە ئىگە بولىدۇ، يەنى ئۆزى ئەسلىدە بىلمەيدىغان خەت ياكى سۈرەتنى ئىپادىلەپ چىقالايدۇ. زامانىۋى ئەينەن يوللاش ماشىنىسىنىڭ پرىنسىپى مۇشۇ ئويۇننىڭ پرىنسىپىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، پەقەتلا تېخنىكىسى بۇنىڭدىن كۆپ مۇرەككەپ بولىدۇ. ئۇ يوللاش ماشىنىسى بىلەن قوبۇل قىلىش ماشىنىسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. يوللاش ماشىنىسىدا بىر تۇلۇق بار بولىدۇ، يوللىنىدىغان گېزىت ياكى سۈرەت تۇلۇقنىڭ ئۈستىگە يۆگىلىدۇ. بىر يۈرۈش ئوپتىكىلىق ۋە ئېلېكتر زەنجىرى قۇرۇلمىسى ئارقىلىق، يوللىماقچى بولغان ھۆججەت، قوليازما ياكى تىنچ تەسۋىر نۇرغۇن تەسۋىر نۇقتىلىرىغا ئايرىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يېيىش ئارقىلىق ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ، ئاندىن بىرتەرەپ قىلىپ، كۈچەيتىلگەندىن كېيىن قارشى تەرەپكە يوللىنىدۇ. قوبۇل قىلىش ماشىنىسىدىمۇ بىر تۇلۇق بار بولىدۇ، ئۇنىڭغا يورۇقلۇق سەزگۈر قەغەز ياكى خاتىرىلەش قەغىزى يۆگىلىدۇ. بۇ ئېلېكتر سىگنالىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى كۈچەيتىپ بىرتەرەپ قىلىپ، خاتىرىلەش بېشى ئارقىلىق يورۇقلۇق سەزگۈر قەغەز ياكى خاتىرىلەش قەغىزىگە ئەسلىدىكىگە ئوخشاش بولغان ھۆججەت، قوليازما ياكى تىنچ تەسۋىرنى تەقلىد قىلىپ بېسىپ چىقىرىدۇ. ئەينەن يوللاشنى1842 - يىلى ئەنگلىيىلىك بېيئېن دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغان.1925 - يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئامېرىكىنىڭ رادىئو شىركىتى ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان تۇنجى ئەينەن يوللاش ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن گېزىتنى ئەينەن يوللاش، ھەقىقىي قوليازمىنى ئەينەن يوللاش، ھاۋا رايىنى ئەينەن يوللاش، خەت - چەكلەرنى ئەينەن يوللاش قاتارلىقلارنىڭ ئىشلىتىلىشى كۈندىن - كۈنگە كېڭىيىپ كەتتى.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى