ياڭراتقۇ
ئېلېكترون بىلىملىرى
كەڭ ئېكرانلىق ستېرېئو ئاۋازلىق كىنونى كۆرگەن چاغدا، ئارتىس ئېگىز تاغنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ ناخشا ئېيتسا، تاماشىبىنلار بۇ ناخشا ئاۋازىنى يىراق ھاۋا بوشلۇقىدىن لەيلەپ كەلگەندەك ھېس قىلىدۇ. كىنو قويۇلۇپ ئامما ئالقىش سادالىرى ياڭراتقان كۆرۈنۈشكە كەلگەندە، بۇ ئاۋازلار خۇددى تاماشىبىنلار ئولتۇرغان زالنىڭ تۆت ئەتراپىدىن چىقىۋاتقاندەك ئاڭلىنىپ، ئۆزى شۇ مۇھىتتا بولغاندەك ھېس قىلىدۇ.
بىزنىڭ ئاۋازنى ئاڭلىغان چاغدا ئاۋازنىڭ يۆنىلىشىنى ۋە ئىلگىرى - كېيىنلىك تەرتىپىنى پەرقلەندۈرەلىشىمىز، بىزنىڭ ئىككى قۇلىقىمىز بار بولغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئەگەر سول ئالدى تەرەپتە مۇزىكا ياڭرىسا، ئۇنىڭ چاستوتىسى ناھايىتى يۇقىرى بولسا، ئۇ ھالدا سول قۇلىقىمىز ئاۋاز مەنبەسىگە يېقىنراق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاۋاز ئالدى بىلەن تارقىلىپ سول قۇلىقىمىزغا كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن تارقىلىپ ئوڭ قۇلىقىمىزغا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تارقىلىپ ئوڭ قۇلىقىمىزغا كەلگەن ئاۋازنىڭ بىر قىسمى بېشىمىزغا تېگىپ قايتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوڭ قۇلىقىمىز ئاڭلىغان ئاۋاز سول قۇلىقىمىز ئاڭلىغان ئاۋازدىن ئاجىزراق بولىدۇ. ئىككى قۇلىقىمىزنىڭ ئاۋازغا بولغان سەزگۈسىدىكى بۇ خىل ئىنتايىن كىچىك پەرقنىڭ تارقىلىپ چوڭ مېڭە نېرۋىمىزغا بېرىشى نەتىجىسىدە، ئاۋازنىڭ يۆنىلىشى ۋە كۈچلۈك - ئاجىزلىق تەرتىپى قاتارلىقلارنى ھۆكۈم قىلالايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەقەت ھەرقايسى ئوخشاش بولمىغان ئاۋاز مەنبەلىرىنىڭ بوشلۇقتىكى ئورنى ئەكس ئەتتۈرۈلسىلا، كىشىلەر ھەرقايسى تەرەپتىكى ئاۋاز مەنبەلىرىدىن چىققان ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايدۇ ھەمدە مول سىتېرىئولۇق سەزگۈ ھاسىل بولىدۇ.
ستېرېئو ئاۋاز تېخنىكىسى بىرنەچچە ئايرىم ئاۋاز يوللىرىدىن پايدىلىنىپ ئوخشاش بولمىغان ئاۋاز سىگناللىرىنى ئۇزىتىدۇ، خاتىرىلەيدۇ ۋە قايتا چىقىرىدۇ. مەسىلەن، بىر مۇزىكا ئەترىتى مۇزىكا زالىنىڭ سەھنىسىدە مۇزىكا ئورۇندىغان چاغدا، سەھنىگە بىر رەت مىكروفون ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ھەربىر مىكروفون ئۆزىنىڭ كۈچەيتگۈچىگە ئۇلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن كۈچەيتىلگەندىن كېيىنكى ئۆزگىرىۋاتقان توك ئۆتكۈزگۈچ سىم ئارقىلىق يەنە بىر ئۆيدىكى بىر رەت ئاۋاز كانىيىغا ئۇزىتىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئاۋاز كانايلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇزىكا زالىدىكى مىكروفونلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا بىرمۇبىر ماس كەلسە، ئۇ ھالدا، بۇ ئۆيدە ئولتۇرغانلار ئاڭلىغان ئاۋاز مۇزىكا زالىدا بىۋاسىتە ئاڭلىغان ئاۋازغا ئوخشاش بولۇپ، كىشىلەر ھەرقايسى مۇزىكا ئەسۋابلىرىنىڭ ئورنىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، مول ستېرېئولۇق سېزىم ھاسىل بولىدۇ. مانا بۇ «كۆپ يوللۇق» ستېرېئوئاۋازلىق ئاۋاز يوللاش سىستېمىسىدىن ئىبارەت.
كەڭ ئېكرانلىق ستېرېئو ئاۋازلىق كىنودا ئاۋاز تۆت ئاۋاز يولى ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۈچ ئاۋاز يولى، ھەتتا قوش ئاۋاز يولى ئارقىلىقمۇ ستېرېئو ئاۋاز چىقىرىش ئۈنۈمىگە ئاساسەن ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىر سەھنىگە ئۆزئارا ئارىلىقى ئانچە يىراق بولمىغان ئۈچ ئورۇنغا مىكروفون ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈچ يۈرۈش كۈچەيتكۈچ ۋە ئاۋاز كانىيى ئارقىلىق ئاۋاز تارقىلىدىغان قىلساق، ئارتىس سەھنىدە سولدىن ئوڭغا قارىتا بىر تەرەپتىن مېڭىپ بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتسا، باشقا يەردىكى ئاڭلىغۇچىلار ئارتىس خۇددى ئۆزىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئېيتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ.
رادىئو قوبۇللىغۇچلۇق ئۈنئالغۇلاردا ئىشلىتىلىدىغان ماگنىتلىق لېنتا دائىم دېگۈدەك قوش ئاۋاز يولىدا ئاۋاز تارقىتىدۇ. ئادەتتىكى قوبۇل قىلىپ ئاڭلاش شارائىتى ئاستىدا، قوش يوللۇق ستېرېئو ئاۋازلىق ئىككى ئاۋاز كانىيىنىڭ ئورنىنىڭ ئۆزئارا ئارىلىقى5 .2 −4 مېتىرغىچە بولغىنى ئەڭ ياخشى. ئاۋازنىڭ ئەڭ ياخشى ئاڭلىنىش رايونى، ئىككى ئاۋاز كانىيى بىلەن تەك يانلىق ئۈچبۇلۇڭ ھاسىل قىلىدىغان ئورۇن، يەنى ئاۋاز كانىيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى، ئىككى ئاۋاز كانىيىنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن2 −5 .3 مېتىر يىراقلىقتىكى ئورۇن بولۇشى كېرەك.