ئاپتوماتىك ماركا سېتىش ماشىنىسى
ئېلېكترون بىلىملىرى
بەزى پوچتىخانىلارغا ساندۇق شەكىللىك بىر خىل كىچىك تىپتىكى ماشىنا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ پۇل كىرگۈزۈش ئاغزىدىن پەقەت50 پۇڭ كىرگۈزۈلسىلا، ئۇنىڭ ئاستىدىكى يوچۇقتىن50 پۇڭلۇق ماركا چىقىدۇ. ئەگەر كىرگۈزۈلگەن مېتال پۇل50 پۇڭدىن ئېشىپ كەتسە، ئۇ50 پۇڭلۇق ماركا چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاشقان پارچە پۇلنىمۇ قايتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئەگەر يالغان پۇل كىرگۈزۈلسە، ئۇ دەرھال ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقىرىدۇ. مانا بۇ ئاپتوماتىك ماركا سېتىش ماشىنىسىدىن ئىبارەت.
ئاپتوماتىك ماركا سېتىش ماشىنىسى نېمە ئۈچۈن بۇنداق چېچەن؟ ئەسلىدە بۇ ماشىنىنىڭ ئىچىدە تۆت دانە ئەسۋاب بار بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇھىم ھالقىلارنى تۇتىدۇ، ئۇلار پەرقلەندۈرگۈچ، سانىغۇچ، ماركا چىقارغۇچ ۋە پۇل قايتۇرغۇچلاردىن ئىبارەت.
پەرقلەندۈرگۈچ خۇددى ئادەمنىڭ كۆزىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر ئېلېكترونلۇق تەۋرىنىش زەنجىرى ئۇلىغۇچ قىلىنغان، ئۇ كىرگۈزۈلگەن مېتال پۇلنىڭ ئېغىرلىقىغا ياكى چوڭ - كىچىكلىكىگە ئاساسەن ئېلېكتر سىگنالى چىقىرىدۇ. مەسىلەن، پەقەت100 پۇڭ،50 پۇڭ ۋە10 پۇڭ مېتال پۇل كىرگۈزۈلگەندىلا ئېلېكتر زەنجىرى ئۈچ خىل ئېلېكتر سىگنالى چىقىرىدۇ، بۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇ ئۈچ خىل مېتال پۇلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، باشقا يالغان پۇللار كىرگۈزۈلسە »ھۇۋ − ھۇۋ − « قىلغان ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقىرىپ، پۇلنىڭ قىممىتىنى ۋە راست - يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
پەرقلەندۈرگۈچنىڭ كەينىدە سانىغۇچ بار بولۇپ، ئۇ خۇددى بىز ئىشلىتىدىغان چوت (سۇەنپەن) قا ئوخشايدۇ. پەرقلەندۈرگۈچ يوللىغان سىگنال سانىغۇچتا خاتىرىلىنىدۇ، بۇ خۇددى ساننىڭ چوت ئۇرۇقلىرى ئارقىلىق چوتقا سېلىنغىنىغا ئوخشايدۇ. بۇ سانىغۇچ ئىككىلىك سىستېما بويىچە سانايدۇ، سانىغۇچتا خاتىرىلەنگەن پۇل50 پۇڭدىن ئېشىپ كەتكەن چاغدا، ئۇ ئۆزلۈكىدىن ماركا چىقارغۇچ بىلەن پۇل قايتۇرغۇچقا سىگنال بېرىپ، ئۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ.
ماركا چىقارغۇچ رەقەملىك ئۇلىغۇچ ئارقىلىق تىزگىنلىنىدۇ. بۇ ئۇلىغۇچ بولسا سانىغۇچنىڭ رەقەملىك سىگنالى ئارقىلىق تىزگىنلىنىدۇ. سانىغۇچ20 پۇڭلۇق ئىككىلىك سىستېمىدىكى رەقەم ھالىتىدە تۇرغاندا، ماركا چىقارغۇچ «ئېچىلىپ» ماركا چىقىرىدۇ؛ ئۇنداق بولمىغاندا «يېپىلىپ» ماركا چىقارمايدۇ.
ماركا چىقىرىلغاندىن كېيىن، بەلگىلىك ئېلېكتر زەنجىرىنىڭ تىزگىنلىشى ئاستىدا، ئاشقان پۇل قايتۇرۇلىدۇ.
ئاپتوماتىك ماركا سېتىش ماشىنىسىنىڭ بۇ لايىھىلىنىش پرىنسىپى سودا سىستېمىسىدىكى باشقا مال سېتىش ماشىنىلىرىنىڭ لايىھىلىنىشىگىمۇ ماس كېلىدۇ. مەسىلەن، ئاپتوماتىك ھالدا ئىچىملىك، يېمەكلىك، سوپۇن قاتارلىقلارنى سېتىش ماشىنىلىرىدىمۇ، پەقەت قەغەز پۇللار ئالدىنئالا مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن ۋاكالىتەن ئىشلىتىلىدىغان مېتال پۇللارغا ئالماشتۇرسىلا بولىدۇ.