يالتىراق لامپا
ئېلېكترون بىلىملىرى
ئۇزۇندىن بۇيان، يالتىراق لامپا (كۈن نۇرلۇق لامپا) نوغۇچتەك ئۇزۇن كۆرۈمسىز بولۇپ كەلدى.1986 - يىلى، پارىژ خەلقئارا ئېنېرگىيە مەنبەسى كۆرگەزمىسىدە، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتر يورۇقلۇق مەنبەسى مۇتەخەسسىسلىرى ئەپچىل، ئۆزگىچە، كۆركەم ھەم تېجەشلىك بولغان ئۈچ ئاساسىي رەڭلىك ئېنېرگىيە تېجەيدىغان يالتىراق لامپىنى كۆرگەزمىگە قويدى. ئېنېرگىيە تېجەيدىغان بۇ13 ۋاتلىق بىر تال لامپىنىڭ يورۇقلۇقى60 ۋاتلىق چوغلانما لامپىنىڭكىگە تەڭداش كېلىدۇ.
كونا شەكىلدىكى يالتىراق لامپىنىڭ نەيچىسىنىڭ ئىچكى دىۋارىغا گالوگېنلىق كالتسىي فوسفات يالتىراق تالقىنى سۈركىلىپ، نەيچە ئىچىگە تۆۋەن بېسىملىق سىماب ھورى بىلەن ئاز مىقداردا ئارگون گازى توشقۇزۇلىدۇ. لامپا نەيچىسىنىڭ ئىككى بېشىنىڭ ھەربىرىدە بىردىن لامپا قىلى بار بولۇپ، بۇلار پەقەت توك ئۆتكەندىن كېيىن گازنى قىزدۇرۇپ، ئېلېكترونلارنى بۇ باشتىن ئۇ باشقا ماڭغۇزۇش رولىنىلا ئوينايدۇ. زەرەتلەر سىماب ھورىدىن ئۆتكەندە، سىماب ئاتومى ئىئونلىنىپ ئۇلترا بىنەپشە نۇر چىقىرىدۇ. ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئۆزى كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ، لېكىن ئۇ نەيچە دىۋارىدىكى يالتىراق تالقانغا يولۇققاندا، ئۇنىڭدىن كۆزگە كۆرۈنىدىغان يورۇقلۇقنى قوزغىتىپ چىقىرىدۇ. يالتىراق لامپىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئىككى خىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئۇزۇنراق بولغان ئۇلترا بىنەپشە نۇرلا يالتىراق تالقاندىن يورۇقلۇق چىقىرالايدۇ، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قىسقا بولغان ئۇلترا بىنەپشە نۇردا بۇنداق قابىلىيەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن، يالتىراق لامپىنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىش ئۈنۈمى تولۇق جارى بولمايدۇ.
ئالىملار، يالتىراق لامپىنىڭ نەيچىسىنى ئىنچىكىلەتكەندە، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ رادىئاتسىيە مىقدارىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇزۇنلۇقىنى ئۆزگەرتمەسلىك شەرتى ئاستىدا، ئىنچىكە نەيچىنى ئېگىپ D شەكىللىك، H شەكىللىك، U شەكىللىك، قوش ∏ شەكىللىك قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەرگە كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى كۆپ گۈزەللەشتى. گۈزەللىك ئىچىدە يېتەرسىز بولغىنى شۇكى، قىسقا دولقۇنلۇق ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ رادىئاتسىيە مىقدارىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆپەيدى. ئالىملار يەنە ئامال قىلىپ «كەم ئۇچرايدىغان ئۈچ ئاساسىي رەڭ» لىك يالتىراق تالقاننى تېپىپ چىقتى. بۇ تالقاننى گالوگېنلىق كالتسىي فوسفات تالقىنىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ ئىنچىكە نەيچىنىڭ ئىچكى دىۋارلىرىغا سۈركىگەندە، قىسقا دولقۇنلۇق ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ رادىئاتسىيىسىنى چەكلىگىلى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئۈچ ئاساسىي رەڭلىك يالتىراق لامپا ياسىلىپ چىقتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىش ئىقتىدارى ئەسلىدىكىدىن تۆتتىن بىر ھەسسە ئاشتى.
ئۈچ ئاساسىي رەڭلىك يالتىراق لامپىنىڭ يالتىراق تالقىنىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ئارقىلىق، ئۇنى سوغۇق ئاق رەڭ، ئىللىق ئاق رەڭ ۋە ئىسسىق ئاق رەڭ قاتارلىق ھەر خىل رەڭلىك يالتىراق يورۇقلۇق چىقىرىدىغان قىلغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا يەنە رەڭگى چىرايلىق، شەكلى ھەر خىل بولغان قىزىل، يېشىل، كۆك رەڭلىك يالتىراق يورۇقلۇق چىقىرىدىغان چىراغلارنىمۇ ياساشقا بولىدۇ.