UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىيېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئىسسىتىش - سوۋۇتۇش ساندۇقى

يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئىسسىتىش - سوۋۇتۇش ساندۇقى

ئېلېكترون بىلىملىرى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئېففېكتى (تەسىرى) دىن پايدىلىنىپ ياسالغان بۇ خىل ئىسسىتىش - سوۋۇتۇش ساندۇقى ھەم سوۋۇتالايدىغان كىچىك تىپتىكى توڭلاتقۇ (توڭلىتىش ساندۇقى)، ھەم ئىسسىقلىق چىقىرالايدىغان بىر خىل ئىسسىقلىق ساقلاش ساندۇقىدىن ئىبارەت. يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئىسسىتىش - سوۋۇتۇش ساندۇقىدا يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك سوۋۇتۇش ۋە ئىسستىش دېتاللىرى بار بولۇپ، ئۇلار100 جۈپچە ئوخشاش بولمىغان ماتېرىياللاردىن ياسالغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ پارچىسىدىن تۈزۈلىدۇ. ھەربىر جۈپ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيالنىڭ توك ئۆتكۈزۈش شەكلى ئوخشاش ئەمەس بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا N تىپلىق ۋە P تىپلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار جۈپ - جۈپ بولۇپ تىزىلغان بولىدۇ ھەمدە ئىككى پارچە مېتال پلاستىنكا ئارقىلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەر بىر - بىرىگە ئۇلىنىدۇ. بۇنداق ياسالغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سايمانلارنىڭ بىر خىل ئاجايىپ ئېففېكتى بار بولۇپ، توك بىر خىل يېرىم ئۆتكۈزگۈچتىن ئىككىنچى بىر خىل يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە ئۆتكەن چاغدا، ئىككى ئۇچنىڭ ئۇلىنىش نۇقتىسىدا ئىسسىقلىق چىقىرىش ۋە ئىسسىقلىق سۈمۈرۈش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. يەنى، بىر ئۇچ ئىسسىقلىق چىقىرىپ ئىسسىتىدۇ، ئىككىنچى بىر ئۇچ ئىسسىقلىق سۈمۈرۈپ سوۋۇتىدۇ. توكنىڭ يۆنىلىشى ئەكسىچە بولسا، ئىسسىقلىق چىقىرىش ياكى ئىسسىقلىق سۈمۈرۈش ئۇچىمۇ ئەكسىگە ئايلىنىدۇ، يەنى ئەسلىدە سوۋۇتىدىغان ئۇچ ئىسسىتىدىغان ئۇچقا ئايلىنىدۇ. چىقىرىدىغان ياكى سۈمۈرىدىغان ئىسسىقلىقنىڭ ئاز - كۆپلۈكى توكنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئىسسىتىش - سوۋۇتۇش ساندۇقلىرى مۇشۇ خىل يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سايمانلاردىن پايدىلىنىپ ئىشلەيدۇ. ساندۇقنىڭ ئىچكى قەۋىتى نېپىز مېتالدىن ياسىلىدۇ، سىرتقى قەۋىتىگە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدىغان ماتېرىيال ئىشلىتىلىدۇ. يېرىم ئۆتكۈزگۈچ دېتال ساندۇقنىڭ ئىچكى تېمىغا تېگىپ تۇرىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، بىر ئۇچىغا ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش قابىلىيىتى كۈچلۈك بولغان ئاليۇمىن، مىس ماتېرىيال ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر ئىسسىقلىق سۈمۈرۈش يۈز بەرسە، بۇ ماتېرىيال ئارقىلىق ساندۇق ئىچىدىن كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق سۈمۈرۈلۈپ، ساندۇق ئىچىدىكى تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ. يەنە بىر ئۇچىغا ئىسسىقلىق تارقاتقۇچ (رادىئاتور) ۋە كىچىك يەلپۈگۈچ ئورنىتىلىپ، ساندۇق ئىچىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىسسىقلىقنى ئىسسىقلىق تارقىتىش ئۇچى ئارقىلىق سىرتقا تارقىتىپ، سوۋۇتۇش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئەگەر توك مەنبەسىنىڭ قۇتۇپى ئۆزگەرتىلسە، سىرتتىكى ئىسسىقلىق سۈمۈرۈلۈپ، يەنە بىر ئۇچتا ساندۇق ئىچىگە تارقىتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ساندۇق ئىچىدىكى تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، ئىسسىقلىق ساقلاش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشىدۇ. مۇھىت تېمپېراتۇرىسى 20℃ بولغان چاغدا، سىغىمى10 لىتىر كېلىدىغان ئىسسىتىش - سوۋۇتۇش ساندۇقىنىڭ ساندۇق ئىچىدىكى تېمپېراتۇرىسى 5℃ - تىن تۆۋەن بولىدۇ؛ توك مەنبەسىنىڭ قۇتۇپىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئىسسىقلىق چىقىشقا باشلاپ، ساندۇق ئىچىدىكى تېمپېراتۇرا 70℃ تىن ئاشىدۇ. يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئىسسىتىش - سوۋۇتۇش ساندۇقىنىڭ تۈزۈلۈشى ئاددىي، بىخەتەر ھەم ئىشەنچلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا توڭلاتقۇ ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچلەردىكىگە ئوخشاش، سوۋۇتۇش ئۈچۈن كومپرېسسور ۋە توڭلىتىش خۇرۇچى لازىم بولمايدۇ. بۇ خىل ئىسسىتىش - سوۋۇتۇش ساندۇقىنىڭ توك سەرپىياتى ئاز، ئېلىپ يۈرۈشكە قۇلايلىق بولغاچقا، ئائىلە، مېھمانساراي، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى كۆپەيتىش، چارۋىچىلىق ۋە ئىلمىي تەجرىبە قاتارلىقلاردا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئىسسىتىش - سوۋۇتۇش ساندۇقى | UyghurWiki | UyghurWiki