UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىتېلېۋىزىيە ئاڭلىتىش سۈنئىي ھەمراھى

تېلېۋىزىيە ئاڭلىتىش سۈنئىي ھەمراھى

ئېلېكترون بىلىملىرى ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق گەرچە تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى تارقىتىش مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تارقىتىش قۇۋۋىتى ناھايىتى كىچىك، قاپلاش دائىرىسى ناھايىتى چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، يەر يۈزىگە يېتىپ كېلىدىغان سىگنالى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى ناھايىتى چوڭ ئانتېننا ئورنىتىلغان سۈنئىي ھەمراھ يەر يۈزى پونكىتى بولغاندىلا ئاندىن قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر تېلېۋىزىيە ئاڭلىتىش سۈنئىي ھەمراھى ئىشلىتىلسە، ئادەتتىكى ئائىلىلەردىكى تېلېۋىزورلارمۇ سۈنئىي ھەمراھ تارقاتقان تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلالايدۇ. تېلېۋىزىيە ئاڭلىتىش سۈنئىي ھەمراھىغا مەخسۇس تېلېۋىزىيە ئالماشتۇرۇپ تارقىتىش ئەسۋابى ئورنىتىلغان بولۇپ، تارقىتىش قۇۋۋىتى ئادەتتىكى ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولىدۇ، ئادەتتە قۇۋۋىتى نەچچە يۈز ۋات بولۇپ، يەر يۈزىدىن تارقىلىپ كەلگەن نومۇرلارنى بەلگىلەنگەن رايونلارغا ئالماشتۇرۇپ تارقىتالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، دىئامېتىرى1 مېتىرگە يەتمەيدىغان ئانتېننا ۋە ئاددىي بولغان قوبۇل قىلىپ ئالماشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئۇنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئاڭلىتىشى يەر يۈزى ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىغا ئاساسەن، يەككە قوبۇل قىلىش ۋە كوللېكتىپ قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۆلچەملىك بولىدۇ. ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان تېلېۋىزورلارغا بىر ئاددىي قوبۇل قىلىپ ئالماشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى سەپلەنسە، تېلېۋىزىيە ئاڭلىتىش سۈنئىي ھەمراھى ئالماشتۇرۇپ تارقاتقان نومۇرلارنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ، مانا بۇ يەككە قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت. دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن زېمىنىگە قارىتا تېلېۋىزىيە ئاڭلىتىش سۈنئىي ھەمراھىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئالماشتۇرۇپ تارقىتىش ئاپپاراتىنىڭ تارقىتىش قۇۋۋىتى تەخمىنەن4000 ۋات بولسا، دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ كۆرەلەيدۇ. ئەگەر كوللېكتىپ قوبۇل قىلىش ئىشلىتىلسە، سۈنئىي ھەمراھنىڭ تارقىتىش قۇۋۋىتىنى600 ۋاتقا تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ، ئۇ چاغدا دىئامېتىرى2 مېتىر ئەتراپىدا بولغان ئانتېننا ئورنىتىلىپ، قوبۇل قىلىنغان تېلېۋىزىيە سىگنالى سىملىق ئاڭلىتىشتىكىگە ئوخشاش، كابېل ئارقىلىق ھەرقايسى ئائىلىلەرگە ئايرىپ يوللىنىدۇ. تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئالماشتۇرۇپ تارقاتقاندا، قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولۇپلا قالماستىن، يەنە يوللاش ھالقىلىرى ئاز، سۈپىتى ياخشى ۋە مۇقىم، ئىشەنچلىك بولىدۇ. زېمىنى كەڭ، يەر شەكلى مۇرەككەپ دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى