ئېلېكترون بۇرۇن
ئېلېكترون بىلىملىرى
ئىتنىڭ بۇرنى ئوخشاش بولمىغان2 مىليون خىل پۇراقنى سېزەلەيدۇ. يېتىلگەن كېۋەز پىتىنىڭ ئەركىكى چىشى كېۋەز پىتى چىقارغان پۇراقنى10 نەچچە كىلومېتىر يىراقتا تۇرۇپ «سېزەلەيدۇ». چۈمۈلە ئۆزى يەردە قالدۇرغان «پۇراق» قا تايىنىپ، ناھايىتى يىراق جايدىن ئەسلىدىكى يولىنى بويلاپ قايتىپ كېلەلەيدۇ.
زامانىۋى ئېلېكترون بۇرۇننىڭ «پۇراش سېزىمى» بۇ ھايۋانلارنىڭكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ. ھاۋانىڭ تەركىبىدە پەقەت مىليوندىن بىر قىسىم ھىدروگېن گازى بار بولسا ياكى100 مىڭدىن بىر قىسىم توڭلاتقۇدا ئىشلىتىلىدىغان فورېئون بار بولسا ئېلېكترون بۇرۇن ئۇنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن كۆمۈر گازى تۇرۇبىسىدىن گاز قاچقان - قاچمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، تۇرۇبا يولى ئىشچىلىرى يەرنى كولاپ ئولتۇرمايدۇ، خۇددى مىنا ئىزدىگۈچى ئىشچى ئەسكەرلەرگە ئوخشاش، ئېلېكترون بۇرۇننى ئېلىپ، يەر ئۈستىدە تۇرۇپ يەر ئاستىدىكى گاز قاچقان ئورۇننى پۇراپ تاپالايدۇ.
ئېلېكترون بۇرۇن ئاساسلىقى گازغا نىسبەتەن سەزگۈر بولغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ دېتال بىلەن ئېلېكترون زەنجىرىدىن تۈزۈلىدۇ. گازغا سەزگۈر يېرىم ئۆتكۈزگۈچ دېتال بولسا گازغا نىسبەتەن سەزگۈر بولغان بىر خىل ماتېرىيالدىن ياسىلىدۇ. بۇنداق ماتېرىياللارنىڭ دانچىلىرى ئىنتايىن ئۇششاق، مىكرو كاۋاكچىلىرى ناھايىتى كۆپ، بۇلۇت (خەيميەن) قا ئوخشاش مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان »بۇرۇن تۆشۈكچىلىرى« بار بولۇپ، گازلارنى ئۆزىگە سۈمۈرەلەيدۇ. گاز مولېكۇلىلىرى دېتال دانچىلىرىنىڭ يۈزىگە يېپىشقان چاغدا، ئۇنىڭ توك ئۆتكۈزۈش قابىلىيىتىدە دەرھال ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدۇ، بۇ چاغدا، خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان كۆپ خىل گازنىڭ «پۇرىقى» نى سەزگەنلىكىنى ئېلېكترون زەنجىرى ئارقىلىق كۆرسىتىدۇ ياكى خەۋەر قىلىدۇ. گاز تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئېلېكتر قارشىلىقى دەرھال ئەسلىگە كېلىدۇ - دە، ئۇنى يەنە قايتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ خىل ئېلېكترون بۇرۇن «پۇرىقىنى» سېزەلەيدىغان گازلار30 -40 خىلدىن كەم ئەمەس.
ئېلېكترون بۇرۇننىڭ گازلارنى پەرقلەندۈرۈش شەكلى ناھايىتى كۆپ، كىشىلەر ئىشلىتىلىش ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكترون بۇرۇنلارنى ياسىيالايدۇ. سىركونىي ئوكسىدلىق ساپالدىن ياسالغان گازغا نىسبەتەن سەزگۈر بولغان بىر خىل دېتال بار بولۇپ، ئۇ بەلگىلىك شارائىت ئاستىدا ئوكسىگېن مولېكۇلىلىرىنى ئوكسىگېن ئىئونلىرىغا ئايلاندۇرالايدۇ. بۇ ئوكسىگېن ئىئونلىرى قىزدۇرۇلغان سىركونىي ئوكسىدلىق ساپال تۇرۇبىدىن ئۆتكەن چاغدا، تۇرۇبا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىككى ئېلېكتر قۇتۇپى ئېلېكتر بېسىمىنى ھاسىل قىلىدۇ. پەقەت ئېلېكتر بېسىمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى ئۆلچەپ چىقساقلا، گاز تەركىبىدىكى ئوكسىگېننىڭ مىقدارىنى بىلەلەيمىز. مانا بۇ مەخسۇس ئوكسىگېننى «پۇراپ» بىلىدىغان ئېلېكترون بۇرۇن.