UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىتېلېفون خەت ساندۇقى

تېلېفون خەت ساندۇقى

ئېلېكترون بىلىملىرى پوچتىكەش خەت ساندۇقى ئارقىلىق خەتنى خەت تاپشۇرۇپ ئالغۇچىغا يەتكۈزىدۇ. تېلېفون جاراڭلىغاندا، ئىزدىگەن ئادەم يوق بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ تېلېفوندا سۆزلىگەن سۆزنى كېيىن ئاڭلىشى ئۈچۈن، بۇ سۆزنى ئوخشاشلا «خەت ساندۇقى» غا كىرگۈزۈپ قويغىلى بولىدۇ. بۇ خىل خەت ساندۇقى «تېلېفون خەت ساندۇقى» دەپ ئاتىلىدۇ. تېلېفون خەت ساندۇقى بولسا بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ تارقالغان بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا كومپيۇتېر تېخنىكىسى بىلەن تېلېفون تېخنىكىسى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھەربىر ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ كومپيۇتېرىدا بىر تېلېفون ساندۇقىنى تەسىس قىلسا، ئاممىۋى تېلېفون تورى ئارقىلىق ھەرقانداق ئورۇن ۋە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاۋاز ئۇچۇرىنى ساقلىغىلى ۋە ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ئىشلەتكەن چاغدا، پەقەت شۇ يەردىكى كومپيۇتېر كاتىپى ئىستانسىسىغا تېلېفون بەرسىڭىزلا، كاتىپ خانىمنىڭ: «زىيارىتىڭىزنى قارشى ئالىمىز، داۋاملىق كاتىپ رەقەمنى بېسىڭ» دېگەن سۆزىنى ئاڭلايسىز. بۇ كاتىپ رەقەم دېگىنى قارشى تەرەپنىڭ تېلېفون خەت ساندۇقىنىڭ نومۇرىدىن ئىبارەت، سىز خەت ساندۇقىنىڭ نومۇرىنى باسسىڭىزلا، «تېلېفون خەت ساندۇقى» غا سۆز قالدۇرۇپ قويالايسىز. خەت ساندۇقىنىڭ ئىگىسى خالىغان ۋاقىتتا ۋە خالىغان ئورۇندا تېلېفوندىن پايدىلىنىپ مەخپىي نومۇر ئارقىلىق خەت ساندۇقىنى ئېچىپ، سىز قالدۇرغان سۆزنى ئاڭلىيالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىشلەتكۈچى پەقەت خەت ساندۇقى نومۇرىنى ئۆزىنىڭ ساۋاقدىشى، دوستى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا ئېيتىپ بەرسىلا، ناھايىتى ئاسانلا ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىشەلەيدۇ. تېلېفون خەت ساندۇقى ئۈنئالغۇلۇق تېلېفونغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ سۆز قالدۇرۇشى ۋە سۆزنى چىقىرىشى پۈتۈنلەي كومپيۇتېر ئارقىلىق باشقۇرۇلىدۇ. ھەربىر خەت ساندۇقىغا10 مىنۇتلۇق ياكى20 تال ئۇچۇر قالدۇرۇشقا بولىدۇ، شۇنداقلا تەلەپكە ئاساسەن ئۇچۇر سىغىمىنى ئاشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. ئىشلەتكۈچى مەخپىيەتلىكنى ساقلىغان ھالدا ئۆزىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئۇچۇر يوللىيالايدۇ، كومپيۇتېر تىلنى بىرتەرەپ قىلىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، سۆز قالدۇرغۇچىنىڭ پۈتۈنلەي ئەينەنلىكىنى ساقلىغان سۆزىنى «خەت ساندۇقى» غا كىرگۈزۈپ ساقلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تېلېفون خەت ساندۇقى يەنە تېلېفون «قارا قۇتىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خەت ساندۇقىنىڭ ئىگىسى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن بىر مەخپىي نومۇر ئارقىلىق، قالدۇرۇلغان سۆزنى خالىغان ۋاقىتتا ئاڭلىيالايدۇ ۋە يوقىتىۋېتەلەيدۇ ياكى قالدۇرۇلغان سۆزنى مەڭگۈ ساقلىنىدىغان قىلىپ بىرتەرەپ قىلالايدۇ. تېلېفون خەت ساندۇقىنى يەنە PB ئاپپاراتى بىلەن تورلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر بىرەر ئادەم خەت ساندۇقىنىڭ ئىگىسىگە سۆز قالدۇرسا، ئۇنىڭ PB ئاپپاراتىدا «بىر كىشى سىزگە سۆز قالدۇردى» دېگەن سىگنال كۆرۈنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
تېلېفون خەت ساندۇقى | UyghurWiki | UyghurWiki