UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىتېلېۋىزور

تېلېۋىزور

ئېلېكترون بىلىملىرى تېلېۋىزىيە بولسا ھەرىكەتتىكى تەسۋىرلەرنى رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق يىراق ئارىلىققا يوللايدىغان بىر خىل قۇرۇلما. تېلېۋىزىيە ئاڭلىتىشى بىلەن رادىئو (سۆز) ئاڭلىتىشى بىر - بىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. رادىئو ئاڭلىتىشىدا ئاۋاز سىگنالى ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇلۇپ تارقىتىلىدۇ، ئاندىن رادىئو قوبۇللىغۇچ ئۇنى قوبۇل قىلىپ ئېلېكتر سىگنالىنى ئاۋاز سىگنالىغا ئايلاندۇرىدۇ. تېلېۋىزىيە بولسا تەسۋىر (سۈرەت) بىلەن ئاۋازنى بىرلىكتە ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇپ تارقىتىدۇ، ئاندىن تېلېۋىزور ئۇنى قوبۇل قىلىپ تەسۋىر بىلەن ئاۋازغا ئايلاندۇرىدۇ. تېلېۋىزىيىدە تېلېكامېرا (تەسۋىر ئېلىش ئاپپاراتى) ئارقىلىق تەسۋىر (سۈرەت) ھاسىل قىلىنىدۇ. تېلېكامېردا ئالاھىدە بىر ئۈسكۈنە بار بولۇپ، ئۇ تېلېتۇرۇپكا (تەسۋىر ئېلىش لامپىسى) دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە ئېلېكترون مىلتىق بىلەن فوتو ئېلېكتر (يورۇقلۇق بىلەن ئېلېكتر) ئالماشتۇرغۇچ نىشان ئورنىتىلغان بولىدۇ. يوللىماقچى بولغان تەسۋىر نىشانغا چۈشۈرۈلگەن چاغدا، فوتو ئېلېكترلىك نىشان تەسۋىرنىڭ يورۇقلۇق سىگنالىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئېلېكتر زەرەت تەسۋىرى ھاسىل بولىدۇ. ئېلېكترون مىلتىق ھاسىل قىلغان ئېلېكترونلار دەستىسى پۈتۈن فوتو ئېلېكترلىك نىشاننى سىيپاپ ئۆتۈپ، نىشاندىكى ئېلېكتر زەرەت تەسۋىرىنى ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان تەسۋىر ئېلېكتر سىگنالغا ئايلاندۇرىدۇ. تېلېۋىزورنىڭ رولى تېلېكامېرا (تەسۋىر ئېلىش ئاپپاراتى) نىڭ رولىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇ، تېلېۋىزىيە تارقىتىش ئىستانسىسى يوللىغان ئېلېكتر سىگنالىنى يورۇقلۇق ۋە ئاۋاز سىگنالىغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ئېلېكتر ۋە يورۇقلۇق سىگنالىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، تەسۋىرنى قايتا ھاسىل قىلىدىغان ھالقىلىق دېتال كىنېسكوپ (تەسۋىر كۆرسىتىش لامپىسى) تىن ئىبارەت. ئۇمۇ بىر يۇقىرى دەرىجىدە ۋاكۇئۇملاشتۇرۇلغان (ھەقىقىي بوشلۇق قىلىنغان) ئەينەك كۆپۈكتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىچىگە بىر ئېلېكترون مىلتىق ئورنىتىلغان، ئۇ ھاسىل قىلغان ئېلېكترونلار دەستىسى تەسۋىر سىگنالىنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچرايدۇ، ئېلېكترونلار دەستىسى ئالدىدىكى يالتىراق ئېكرانغا ئۇرۇلغاندا، ئېكراندىكى يالتىراق ماتېرىيال تەسۋىرنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ (كۆرسىتىدۇ). تەبىئەتتىكى ھەر خىل رەڭلىك يورۇقلۇقلار قىزىل، كۆك ۋە يېشىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئەسلىي رەڭلىك يورۇقلۇققا بۆلۈنىدۇ. بۇ ئۈچ خىل رەڭلىك يورۇقلۇقنى ئوخشىمىغان نىسبەت بويىچە ئۆزئارا ئارىلاشتۇرساق، يەنە ھەر خىل رەڭلىك يورۇقلۇققا ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، رەڭلىك تەسۋىر ئېلىش ئاپپاراتىدا ئۈچ دانە تەسۋىر ئېلىش لامپىسىدىن پايدىلىنىپ، سىرتقى مەنزىرە جىسىمنىڭ يورۇقلۇقى ئوبيېكتىپتىن ئۆتكەندىن كېيىن، يورۇقلۇق ئايرىغۇچى قايتۇرغۇچ ئەينەك ئارقىلىق قىزىل، يېشىل ۋە كۆكتىن ئىبارەت ئۈچ يول ئەسلىي رەڭلىك يورۇقلۇققا ئايرىلىپ، ئۆزىگە ماس بولغان تەسۋىر ئېلىش لامپىسىغا قوشۇلىدۇ، بۇ ئۈچ ئاساسىي رەڭلىك سۈرەت ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈچ گۇرۇپپا ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، تارقىتىش ئاپپاراتىغا يوللىنىپ تارقىتىلىدۇ. تېلېۋىزوردا ئالاھىدە بىر كاتود نۇرى لامپىسى بار بولۇپ، ئۇ، ئۈچ خىل سىگنالنى ئەسلىدىكى قىزىل، يېشىل ۋە كۆكتىن ئىبارەت ئۈچ خىل يەككە رەڭلىك تەسۋىرگە ئايلاندۇرىدۇ، بۇلار ئارىلاشقاندىن كېيىن ئەسلىدىكى مەنزىرە جىسىمنىڭ رەڭلىك تەسۋىرى ھاسىل بولىدۇ. تېلېۋىزور ئانتېننىسى سىگنالنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، سىگنال كۈچەيتىلىپ، كاتود نۇرى لامپىسىدا شەكىللەنگەن ئېلېكترونلار دەستىسىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنىدۇ. رەڭلىك تەسۋىر كۆرسىتىش لامپىسى (كىنېسكوپ) نىڭ ئېكرانىغا تەرتىپ بويىچە قىزىل، يېشىل ۋە كۆك رەڭ فوسفور سىزىقلىرى سۈركەلگەن بولۇپ، قىزىل رەڭلىك فوسفور ئېلېكترونلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندا قىزىل رەڭلىك يورۇقلۇق چىقىرىدۇ، يېشىل رەڭلىك فوسفور يېشىل يورۇقلۇق چىقىرىدۇ، كۆك رەڭلىك فوسفور كۆك رەڭلىك يورۇقلۇق چىقىرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، تەسۋىر ئېلىش ئاپپاراتىنىڭ ئېكرانىدىكى ھەربىر نۇقتىنىڭ يورۇق - قاراڭغۇ رەڭلىرى قوبۇل قىلىش ئاپپاراتى (تېلېۋىزور) نىڭ ئېكرانىدىكى مۇۋاپىق ئورۇنلاردا قايتا ئەكس ئېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەسۋىر ئېلىش ئاپپاراتىدا «كۆرۈنگەن» تەسۋىرگە ئوخشاش بولغان رەڭلىك تەسۋىر ھاسىل بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
تېلېۋىزور | UyghurWiki | UyghurWiki