UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىچاڭ - توزان سۈمۈرگۈچ

چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچ

ئېلېكترون بىلىملىرى چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچ يەر يۈزى، تام، كارىۋات ۋە توك سايمانلىرى قاتارلىق ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلارنىڭ ئۈستىدىكى چاڭ - توزانلارنى پاك - پاكىز سۈمۈرۈۋالىدۇ ھەتتا يەردە ئۆمىلەپ يۈرگەن چۈمۈلىلەرمۇ ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچ ۋاكۇئۇم (ھەقىقىي بوشلۇق) لۇق چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان بىر يەل تارتىش ماشىنىسى بار بولۇپ، توك ئۆتكەندىن كېيىن يۇقىرى تېزلىكتە ئايلىنىپ، چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچنىڭ ئىچكى قىسمىد رولىنى ئوينايدۇ. بىردەمدىلا يۇقىرى ۋاكۇئۇم ھاسىل قىلىش بىلەن، چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچنىڭ ئىچىدىكى ھاۋا بېسىمىنى سىرتقى ھاۋا بېسىمىدىن كۆپ تۆۋەن قىلىۋېتىدۇ. بۇ ھاۋا بېسىمى پەرقىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، شوراش ئاغزى قوزغىتىۋەتكەن سىرتقى چاڭ - توزان ۋە پاسكىنا نەرسىلەر ھاۋا ئېقمىغا ئەگىشىپ چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچنىڭ قاچىسى ئىچىگە كىرىدۇ، ئاندىن سۈزگۈچ ۋە توزان يىغىش خالتىسىنىڭ سۈزۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، چاڭ - توزانلار توزان يىغىش خالتىسىنىڭ ئىچىدە قېلىپ، تازىلانغاندىن كېيىنكى ھاۋا ئېلېكتر ماتور ئارقىلىق قايتا ئۆي ئىچىگە چىقىرىلىدۇ، بۇ ئېلېكتر ماتورنى سوۋۇتۇش، ھاۋانى تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ. چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچكە ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلاردا ئىشلىتلىدىغان قوشۇمچە دېتاللارنى سەپلەش ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا بولىدۇ. پول (يەر) چوتكىسىنى سەپلەش ئارقىلىق، يەر يۈزىنى تازىلاشقا بولىدۇ. ياپىلاق يۇڭ چوتكىنى سەپلەش ئارقىلىق، ساپا يۈزى، ئەدىيال، پەردە، يۇڭ كىيىم ۋە يوتقاننىڭ تور پاختىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىدىكى چاڭ - توزانلارنى تازىلاشقا بولىدۇ، شۇنداقلا يەنە تورلۇق دېرىزە، ئىشىك، دېرىزە، چىراغ سايىۋىنى، ئەينەك رامكىسى، كىتاب ئىشكاپىدىكى كىتاب، تورۇس، تام قاتارلىقلارنى تازىلاشقىمۇ بولىدۇ. يۇمىلاق يۇڭ چوتكىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق دائىم دېگۈدەك تورۇس، ئىشىك - دېرىزە، تام يۈزى قاتارلىقلار تازىلىنىدۇ، ئۇ ئارقىلىق يەنە يۇمشاق بۇيۇملارنىڭ ئۈستىدىكى چاڭ - توزانلارنى تازىلاشقىمۇ بولىدۇ. تار يوچۇقلۇق شوراش ئاغزىنى سەپلەش ئارقىلىق ئۆي سايمانلىرىنىڭ تەكشى بولمىغان يۈزلىرىنى، تارتمىلارنىڭ ئىچى ۋە تېلېۋىزور، رادىئو قوبۇللىغۇچلارنىڭ ئىچىدە يىغىلىپ قالغان چاڭ - توزانلارنى تازىلاشقا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى