UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىسۈنئىي ھەمراھ تېلېفونى ۋە پۈتۈن يەر شارى بويىچە چاقىرىش

سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونى ۋە پۈتۈن يەر شارى بويىچە چاقىرىش

ئېلېكترون بىلىملىرى قاپقاراڭغۇ كېچىدە، يالغۇز ئۆزىڭىز خىلۋەت بىر جايدا بۇلاڭچىغا يولۇقۇپ قالغان چاغدا، ئەگەر سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدا كىچىك تىپتىكى سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونىدىن بىرى بار بولسا، سىز تېلېفوننىڭ بىرنەچچە كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا، بىردەمنىڭ ئىچىدە ئامانلىق ساقلاش ساقچىلىرىنىڭ بىر كىچىك ئەترىتى بۇلاڭچىلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولىدۇ... سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونى ساقچىلارنى «چاقىرىش» تا ئاسماندىكى سۈنئىي ھەمراھقا تايىنىدۇ. ئۈچ دانە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈنئىي ھەمراھ تىنچ ئوربىتىغا جايلاشتۇرۇلسا، يەر يۈزىدىكى ھەرقانداق بىر جايدا، ھەرقانداق بىر پەيتتە بۇ سۈنئىي ھەمراھلارنى بىرلا ۋاقىتتا كۆرەلەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ. ئۈچ سۈنئىي ھەمراھنىڭ سىگنالنى قوبۇل قىلغان چاغدىكى ئىنتايىن كىچىك ۋاقىت پەرقىگە ئاساسەن، قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغۇچىنىڭ تۇرغان ئېنىق ئورنىنى بەلگىلىگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ خاتالىق پەرقى پەقەت1 مېتىر ئەتراپىدىلا بولىدۇ. ئورۇن ئېنىق بەلگىلەنگەندىن كېيىن، ئۇچۇر ئاپتوماتىك ھالدا سىگنال تارقاتقۇچىغا ئەڭ يېقىن بولغان ساقچى ئىدارىسىغا يوللاپ بېرىلىدۇ، پۈتۈن جەريانغا پەقەت بىرنەچچە سېكۇنتلا ۋاقىت كېتىدۇ. ھازىر ئالىملار66 سۈنئىي ھەمراھتىن تۈزۈلگەن پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئالاقىلىشىش سىستېمىسىنى لايىھىلەپ چىقتى. بۇ سۈنئىي ھەمراھلار »پەرىشتە« لەرگە ئوخشاش يەر شارىدىن765 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئالتە ئوربىتىغا تەكشى جايلاشقان بولۇپ، تارقاتقان رادىئو دولقۇنلىرى يەر يۈزىدىكى ھەرقانداق بىر ئورۇننى داۋاملىق قاپلاپ تۇرىدۇ. كىشىلەر تارتىپ چىقىرىدىغان ئانتېننىلىق «داگېدا» (大哥大) تېلېفوننى ئىشلەتكەن چاغدا، تېلېفون سىگنالى ئالدى بىلەن تېلېفون بەرگۈچىگە ئەڭ يېقىن بولغان ئاسماندىكى «پەرىشتە» گە يوللاپ بېرىلىدۇ، «پەرىشتە» بۇ سىگنالنى تەرتىپ بويىچە يەردىكى «يول پونكىتى» غا يوللاپ بېرىدۇ، ئىشلەتكۈچىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكى بېكىتىلگەندىن كېيىن،1 سېكۇنتقا يەتمەيلا «پەرىشتە» لەر تېلېفون سىگنالىنى يەر شارىدىكى نىشانلانغان ئورۇنغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ بىر يۈرۈش سىستېما بار بولغاندا، چاقىرماقچى بولغان ئادەمنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت قارشى تەرەپنىڭ نومۇرىنى باسسىڭىزلا، تاغ - دەريالار ئايرىپ تۇرغان يىراقتىكى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىڭىز بىلەن دەرھال سۆزلىشەلەيسىز. بۇ سىستېمىدا، سۈنئىي ھەمراھ ئوربىتىسىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىسى ئېگىزلىكىنىڭ47 دىن1 ىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا رادىئو سىگنالىنىڭ بېرىپ - كېلىش جەريانىدا خورىشى كىچىك بولۇپ، تېلېفون ئۇرغان چاغدا ناھايىتى چوڭ قازان شەكىللىك ئانتېننا ئورنىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىر سۈنئىي ھەمراھنىڭ «دولقۇن دەستىسى» قاپلايدىغان رايوننىڭ دىئامېتىرى4074 كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارى يۈزىنى ئۆزئارا قاتلانغان ھالدا تولۇق قاپلاپ تۇرالايدۇ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ھەربىر «بۇلۇڭ - پۇچقاق» لىرىنىڭ ھەممىسىنى «يىپىدىن يىڭنىسىگىچە» بىلىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونىنىڭ سۈنئىي ھەمراھى يۆتكەلمە ئالاقىلىشىشتا ئىشلىتىلگەندىن باشقا، يەنە ئەينەن يوللاش، پۈتۈن يەر شارى بويىچە چاقىرىش، شۇنداقلا ئايروپىلان، پاراخوت ۋە يەر يۈزى كۆزىتىش ئەترەتلىرىنى ئورۇن بەلگىلەش ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇلارنى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئالىملار يەنە تېلېفون، ئەينەن يوللاش ماشىنىسى ۋە مىكرو ئېلېكترونلۇق مېڭە قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ خەت - ئالاقە ساندۇقى ياساپ، ئۇنى ھەر خىل تىل ۋە سانلىق مەلۇمات ئالاقىسى ئىقتىدارىغا ئىگە قىلدى، ئۇ خۇددى بىر «ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئىشخانا» غا ئوخشايدۇ. ئۇنى ئېلىپ يۈرگەندە، مەيلى ئىنسانلار ئىنتايىن شالاڭ ئولتۇراقلاشقان ياكى ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى قالاق رايونلاردا بولسۇن، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا پۈتۈن يەر شارى خاراكتېرلىك ئىش بېجىرىش كەسپىنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى