UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىتوڭلاتقۇ

توڭلاتقۇ

ئېلېكترون بىلىملىرى ھازىر ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان كومپرېسسورلۇق توڭلاتقۇلاردا، توڭلاتقۇ ئىچىدىكى سوغۇقنى ھاسىل قىلىدىغىنى بىر خىل غەلىتە ماتېرىيال بولۇپ، ئۇ، فورېئون دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ بىر غەلىتە مىجەزى بار بولۇپ، نۆلدىن تۆۋەن ℃29.8 تا ھورلىنىپ گازغا ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توڭلاتقۇ ئىچىدىكى ئىسسىقلىقنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن توڭلاتقۇ ئىچىگە سېلىنغان ھەرقانداق يېمەكلىكنىڭ ئىسسىقلىقىنى ئۆزىگە سۈمۈرۈۋېلىپ ئۇلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. فورېئوننىڭ توڭلاتقۇ ئىچىدە سوغۇقنى ھاسىل قىلىشى يەنە كومپرېسسور دەپ ئاتىلىدىغان بىر ماشىنا بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. كومپرېسسور ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، بۇ ئىسسىقلىقنى سۈمۈرۈۋېلىپ ھورلىنىپ گازغا ئايلانغان سوۋۇتقۇچى خۇرۇچنى قىسىپ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق يۇقىرى بېسىملىق ھورغا ئايلاندۇرۇپ، سوۋۇتقۇچ ئىچىگە كىرگۈزىدۇ، سوۋۇتقۇچ ئىچىدە ئۇنىڭدىكى ئىسسىقلىق ئەتراپتىكى ھاۋاغا تارقىلىپ كېتىپ، فورېئون ئەسلىدىكى سۇيۇق ھالىتىگە قايتىدۇ. فورېئون سۈزگۈچ ئارقىلىق سۈزۈلگەندىن كېيىن، بىرنەچچە تال چاچنىڭ توملۇقىچىلىك توملۇقتىكى ئىنچىكە نەيچىدىن ئۆتۈپ ھورلاندۇرغۇچقا قايتىپ كېلىدۇ. يۇقىرى بېسىملىق سۇيۇق ھالەتتىكى فورېئون ھورلاندۇرغۇچقا كىرىشى بىلەنلا ھەجمى تۇيۇقسىز كېڭىيىپ، يەنە تېزلىكتە ئىسسىقلىق سۈمۈرۈپ گازغا ئايلىنىدۇ. مۇشۇنداق قايتا - قايتا تەكرارلىنىۋېرىش بىلەن، توڭلاتقۇ ئىچىدىكى تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ كېرەك بولغان دەرىجىگە يېتىدۇ. توڭلاتقۇ ئىچىدە تېمپېراتۇرا سەزگۈچى دېتال بار بولۇپ، ئۇ، ھورلاندۇرغۇچنىڭ يۈزىگە تېگىپ تۇرىدۇ. كومپرېسسور ئىشتىن توختىغان چاغدا، ھورلاندۇرغۇچنىڭ يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، تېمپېراتۇرا سەزگۈچى دېتال مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلمىلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، كومپرېسسورنىڭ ئېلېكتر زەنجىرىنى ئۇلاپ، كومپرېسسورنى قايتا ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ كېرەكلىك قىممەتكە يەتكەن چاغدا، كومپرېسسور دەرھال توختايدۇ. شۇنداق قىلىپ كومپرېسسورنىڭ ئىشلىشى ۋە توختىشىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق تېمپېراتۇرا ئاپتوماتىك تىزگىنلىنىدۇ. ئادەتتە توڭلاتقۇلار بىر ئىشىكلىك ۋە قوش ئىشىك قوش تېمپېراتۇرىلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. بىر ئىشىكلىك توڭلاتقۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى توڭلىتىش بۆلۈمى بولۇپ، تېمپېراتۇرىسى ئومۇمەن ℃ 4- ئەتراپىدا بولىدۇ. ئاستىنقى قىسمى كۆپ قەۋەتلىك سوغۇق ساقلاش بۆلۈمى بولۇپ، تېمپېراتۇرىسى ℃ 0 تىن يۇقىرى بولىدۇ. قوش ئىشىك قوش تېمپېراتۇرىلىق توڭلاتقۇنىڭ چوڭ - كىچىك ئىككى ئىشىكى بار بولۇپ، كىچىك ئىشىكى مەخسۇس توڭلىتىش بۆلۈمىنى تىزگىنلەيدۇ، تېمپېراتۇرىسى ℃ 15- تىن ℃ 18- قىچە بولۇپ، ئۇنىڭدا ساقلانغان يېمەكلىكلەر خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە سۈپىتىنى ساقلىيالايدۇ. چوڭ ئىشىكى سۇغۇق ساقلاش بۆلۈمىنى تىزگىنلەش ئىشىكى بولۇپ، ھەر خىل سوغۇق يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، مېۋە، كونسېرۋا، ئىچىملىك قاتارلىقلارنى قويۇشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ، ساقلاش ۋاقتى قىسقىراق بولىدۇ. توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش بۆلۈمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئومۇمەن ℃ 0 بىلەن ℃8 ئارىلىقىدا بولىدۇ. خەلقئارا ئۆلچەمدە، توڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃ 24- تىن تۆۋەن بولغىنى تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك، ℃18- تىن تۆۋەن بولغىنى ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىك دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇلاردا توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ساقلاشقا بولىدۇ. توڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃12- تىن تۆۋەن بولغىنى ئىككى يۇلتۇز دەرىجىلىك دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، يېمەكلىكلەرنى ساقلاش ۋاقتى بىر ئايدىن ئارتۇق بولىدۇ؛ ℃ 6- تىن تۆۋەن بولغىنى بىر يۇلتۇز دەرىجىلىك دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، يېمەكلىكلەرنى ساقلاش ۋاقتى بىر ھەپتىدىن ئارتۇق بولىدۇ. توڭلاتقۇلارنىڭ ئىچىدىكى سوغۇق مىكرو جانلىقلارنى توڭلىتىپ مىدىرلىيالماس قىلىۋېتىدۇ، لېكىن ئۇلار توڭلىسمۇ ئۆلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېمەكلىكلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش ۋاقتى بەلگىلىك چەككە ئىگە. تۆۋەندىكى جەدۋەلدە ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى ℃ 0 تىن ℃6 قىچە بولغان دائىرىدە يېڭى پېتى ساقلاشنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى كۆرسىتىلدى. توڭلاتقۇنى يېمەكلىكلەرنىڭ «كاپالەت ساندۇقى» دەپ قاراشقا بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
توڭلاتقۇ | UyghurWiki | UyghurWiki