خەت - چەك ئايرىش ماشىنىسى
ئېلېكترون بىلىملىرى
1990 - يىل5 - ئاينىڭ1 كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگودا پوچتا ئارقىلىق خەت سالسا، ئۆلچەملىك كونۋېرت (لېپاپ) ئىشلەتكەندىن باشقا، كونۋېرتقا چوقۇم پوچتا نومۇرىنى يېزىش يولغا قويۇلدى. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، خەت - چەكلەر تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ قولىغا تەگمەي قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى، ماشىنا خەت - چەكلەرنى پوچتا نومۇرىغا ئاساسەن ئايرىيدۇ، خەتنىڭ ئۈستىدىكى ئادرېسنى »تونۇمايدۇ«. بۇ ماشىنا خەت - چەك ئايرىش ماشىنىسىدىن ئىبارەت.
بۇرۇن پوچتىخانىلار خەت - چەكلەرنى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ ئايرىيتتى، ئەمگەك مىقدارى زور، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپ، يەنە ئاسان خاتالىق كېلىپ چىقاتتى. ھازىر خەت - چەكلەرنى ئايرىشنىڭ پۈتۈن جەريانى خەت - چەك ئايرىش ماشىنىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. پوچتا خالتىسىدىن تۆكۈپ چىقىرىلغان خەت - چەكلەر بىر چوڭ دۈگىلەك دىسكىنىڭ ئۈستىگە دۆۋىلىنىدۇ. دىسكىنىڭ ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، خەت - چەكلەر تەكشى يېيىلىپ، يوللاش تاسمىسى ئارقىلىق، بىر دەستە يورۇقلۇقتىن ئىبارەت »گەز« دىن پايدىلىنىپ، ئۆلچەملىك بولمىغان خەت - چەكلەر ۋە قالايمىقان غەيرىي نەرسىلەر سېلىنغان خەت - چەكلەر شاللاپ چىقىرىۋېتىلىدۇ، قالغانلىرى پەسكە قاراپ يۆنەلگەن يولنى بويلاپ، بىردىن - بىردىن تىك تىزىلغان خەت - چەكلەرگە ئايرىلىدۇ. بۇ خۇددى خەت ئايرىغۇچى خادىمنىڭ خەت - چەكلەرنى قول بىلەن ئايرىپ، رەتلىك تىزغىنىغا ئوخشايدۇ.
ئايرىغۇچى قۇرۇلما خەت - چەكلەرنى تېزلىكتە ئۇزىتىش تاسمىسىغا يوللاپ بېرىدۇ. ماشىنىدىكى فوتو ئېلېكترلىك يېيىتىش قۇرۇلمىسى ئادەمنىڭ كۆزىگە تەڭداش بولۇپ، ئۇ، كونۋېرتنىڭ ئۈستىدىكى پوچتا نومۇرىنى ئوقۇيدۇ ھەمدە ئۇنى تېزلىكتە ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرىدۇ، پەرقلەندۈرگۈچ سىگنال بىلەن ماشىنىنىڭ ئىچىدە ساقلانغان ئۆلچەملىك يېزىق بەلگىسىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭ قايسى رەقەم ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ چىقىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا پەرقلەندۈرۈش نەتىجىسىنى خەت كاتىكى «ئىشىك نومۇرى» نىڭ ئۇچۇرىغا ئايلاندۇرۇپ، خەتلەرنى كاتەككە كىرگۈزۈشنى تىزگىنلىگۈچكە خەۋەر قىلىدۇ، خەتلەر ماس بولغان كاتەك ئاغزىغا كەلگەندە، كاتەك ئىشىكى ئېچىلىپ، خەت - چەكلەر كاتەك ئىچىگە كىرىدۇ. ئەگەر يېزىلىشى ئوچۇق بولماي قالغان پوچتا نومۇرلىرى يولۇقسا، ماشىنا ئۇنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ، بۇنداق چەت - چەكلەر «سوغۇق ئوردا» غا كىرگۈزۈلۈپ، ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
دۇنيا بويىچە تۇنجى خەت - چەك ئايرىش ماشىنىسى1927 - يىلى گوللاندىيىدە بارلىققا كەلگەن. ھازىر پۈتۈن دۇنيا ئۇنى كېڭەيتىپ ئىشلەتمەكتە. ئەگەر خەت سالغاندا ئۆلچەملىك كونۋېرت ئىشلىتىلمىسە ياكى پوچتا نومۇرىنى يېزىش ئۇنتۇلۇپ قالسا، ئۇ خەت ماشىنا تەرىپىدىن «شاللاپ چىقىرىۋېتىلىپ»، «ئۆلۈك خەت» كە ئايلىنىپ قالىدۇ.