سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئالاقىلىشىش
ئېلېكترون بىلىملىرى
ھازىر كىشىلەر تېلېۋىزور ئېكرانىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ۋە شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى كۆرەلەيدۇ. بۇ تېلېۋىزىيە سىگناللىرى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يوللىنىدۇ، ئۇ ئەمەلىيەتتە سۈنئىي ھەمراھلىق ئالاقىلىشىشنىڭ بىر خىل شەكلى.1946
- يىلى ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر راداردىن پايدىلىنىپ ئېلېكتر دولقۇنىنى ئاي شارىغا قارىتا تارقاتتى ھەمدە بىرىنچى قېتىم ئاي شارىدىن قايتقان دولقۇننى قوبۇل قىلدى. بۇ پاكىت كىشىلەرگە سىگنال يۈكلەنگەن مىكرو دولقۇن ئاتموسفېرا قەۋىتىنى تېشىپ ئۆتۈپ، بىزدىن380 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى ئاي شارىدىن يەر يۈزىگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئەگەر بىر يۇلتۇز بار بولۇپ، ئۇنى نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان ئادىمى يوق مىكرو دولقۇن ئارىلىق پونكىتى قىلغىلى بولسا، يەر شارىدىن يوللانغان ئېلېكتر دولقۇن سىگنالىنى بۇ يەردە كۈچەيتىپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، قايتا يەر شارىغا قايتۇرۇپ، يىراق ئارىلىقتىن ئالاقىلىشىش ۋە خەلقئارا ئالاقىلىشىشنى ئاسانلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولاتتى. ئالاقىلىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ يەر شارى ئېكۋاتورىنىڭ ئۈستىدىكى تەخمىنەن36 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوربىتىغا ئېتىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، يەر شارىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئايلىنىش تېزلىكى يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى بويىچە ئايلىنىش تېزلىكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. شۇڭا، يەر شارىدىن قارىغاندا، ئۇ خۇددى قوزغالماي تىنچ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. پەقەت مۇشۇنداق ئۈچ دانە سۈنئىي ھەمراھ بولسىلا، پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئالاقىلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
سۈنئىي ھەمراھلىق ئالاقىلىشىش يىراق ئارىلىقتىن ئۇچۇر يوللىيالىغاندىن باشقا، ئالاقىلىشىش سىغىمى چوڭ، كاشىلىغا ئۇچرىشى ئاز، سۈپىتى ياخشى ۋە ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە. بىر ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى10 مىڭ يوللۇق تېلېفون، ئون يۈرۈشتىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە سىگنالىنى يوللىيالايدۇ. سۈنئىي ھەمراھلىق ئالاقىلىشىش تېلېۋىزىيە ئاڭلىتىشى ۋە تېلېۋىزىيە مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇزۇن يوللۇق تېلېۋىزىيە تېلېفونىنى تۇتاشتۇرۇپ، تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنىنى ئېچىپ، يىراق ئوكيان ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرغان كىشىلەرنى «يۈز كۆرۈشتۈرۈپ» ئۆزئارا سۆزلەشتۈرەلەيدۇ.
دۆلىتىمىز ئۆزىنىڭ ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۈرۈمچى، خۇخخوت، لاسا، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن سۈنئىي ھەمراھلىق ئالاقىلىشىش يەر يۈزى پونكىتلىرىنى قۇردى. بۇ رايونلاردىكى مەيلى بۇلۇتلار قاتلىمىنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ئايروپىلان، يەر يۈزىدە ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل ياكى دېڭىز - ئوكيانلاردا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقان پاراخوت، ھەتتا يېنىدا قوبۇل قىلىش ئاپپاراتىنى ئېلىپ كېتىۋاتقان پىيادە ئادەم بولسۇن، ھەممىسىلا سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئۆزئارا ئالاقىلىشەلەيدۇ.