UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىئوپتىك تالالىق ئالاقىلىشىش

ئوپتىك تالالىق ئالاقىلىشىش

ئېلېكترون بىلىملىرى ئوپتىك تالالىق ئالاقىلىشىش بولسا، يورۇقلۇقنىڭ ئەينەك تالادىن ياسالغان «ئۆتكۈزگۈچ» تە سىگنال تارقىتىشىدىن پايدىلىنىدۇ. بۇ خىل يورۇقلۇق «ئۆتكۈزگۈچ» نى ئەنگلىيە فىزىكا ئالىمى دېندال ھەممىدىن بۇرۇن بايقىغان.1870 - يىلى دېندال بىر قېتىم ناھايىتى قىزىقارلىق بىر ئويۇن كۆرسەتتى. ئۇ بىر چوڭ تۇڭنىڭ يان تەرىپىدىن بىر كىچىك تۆشۈك ئېچىپ، ئاندىن تۇڭنىڭ ئىچىگە سۇ توشقۇزۇپ، سۇنى كىچىك تۆشۈكتىن ئېقىپ چىقىدىغان قىلغاندا، سۇ بىر تال ئەگرى تاياقچىدەك بولۇپ يەر يۈزىگە ئېقىپ چىقتى. ئاندىن تۇڭدىكى سۇنىڭ ئۈستىگە چىراغ ئورنىتىپ تۇڭدىكى سۇنىڭ يۈزىنى يورۇتتى. ئاندىن تۇڭنىڭ قاپقىقىنى يېپىپ، ئۆيدىكى چىراغنى ئۆچۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، سۇ ئىچىگە چۈشۈرۈلگەن يورۇقلۇقنىڭ سۇغا ئەگىشىپ كىچىك تۆشۈكتىن ئېقىپ چىققانلىقىنى ھەمدە ئەگرى سۇ ئېقىمى بىلەن بىللە ئېقىپ يەر يۈزىگە چۈشۈپ، يەر يۈزىدە بىر يورۇق داغنى ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆردى. دېندالنىڭ بۇ بايقىشى ئالىملارنى رىغبەتلەندۈردى، ئۇلار ناھايىتى ئىنچىكە سوزۇلغان ئەينەك سىم − ئوپتىك تالانى يورۇقلۇق «ئۆتكۈزگۈچ» قىلىپ ئىشلەتتى. تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەينەك سىمنىڭ قانچىلىك ئەگرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ بىر بېشىدىن كىرگەن يورۇقلۇق ئۇنىڭ ئەگرىلىكى بويىچە تارقىلىپ، ئۇنىڭ ئىككىنچى بىر بېشىدىن چىقىدۇ. بۇ خىل تالا ئوپتىك تالا (يورۇقلۇق ئۆتكۈزگۈچى تالا) دەپ ئاتىلىدۇ. يورۇقلۇقنى ئۇزىتالايدىغان ئوپتىك تالا ئاۋازنى ئۇزىتالايدۇ، شۇنداقلا تەسۋىر (سۈرەت) نىمۇ ئۇزىتالايدۇ. ئوپتىك تالانىڭ ئاۋازنى ۋە يېزىقنى ئۇزىتىش پرىنسىپى توك سىمىنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇ ئاۋاز بىلەن يېزىقنىڭ ئېلېكتر سىگنالىنى كۈچلۈك - ئاجىزلىقى ماس ھالدا ئۆزگىرىدىغان يورۇقلۇق سىگنالىغا ئايلاندۇرىدۇ. «يورۇقلۇق تېلېفونى» ياكى «يورۇقلۇق تېلېۋىزىيىسى» نىڭ بىر ئۇچىدا بىر كود تۈزگۈچ بار بولۇپ، ئۇ يوللىنىدىغان بارلىق ئاۋاز ياكى تەسۋىر (ياكى باشقا ئۇچۇر) لەرنىڭ ھەممىسىنى رەقەملىك سىگنالغا ئايلاندۇرىدۇ. مەسىلەن، بىر دانە0 بىلەن1 دىن تۈزۈلگەن رەقەمنى ئالساق، يورۇقلۇق تارقاتقۇچ رەقەمدىكى سانغا ئاساسەن، يورۇقلۇق چىقارغىنى ئارقىلىق1 نى، يورۇقلۇق چىقارمىغىنى (يەنى يورۇقلۇق يوق) ئارقىلىق0 نى ئىپادىلەپ، ئوپتىك تالا ئارقىلىق بىر قاتار يورۇق - قاراڭغۇلۇقى ئوخشاش بولمىغان يورۇقلۇق سىگنالىنى تارقىتىدۇ، بۇ سىگنال يەنە بىر ئۇچتىكى قوبۇللىغۇچقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى كود تەرجىمە قىلغۇچ ئۇنى ئەسلىدىكى ئاۋاز بىلەن تەسۋىرگە ئايلاندۇرىدۇ، شۇنداق قىلىپ، قارشى تەرەپ تېلېفون ئالغانغا ياكى تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى قوبۇل قىلغانغا ئوخشاش بىۋاسىتە ئاۋازنى ئاڭلايدۇ ياكى تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئوپتىك تالانىڭ ئىشلىتىلىدىغان ئورنى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، «يورۇقلۇق تېلېفونى» ۋە «يورۇقلۇق تېلېۋىزىيىسى» دىن باشقا، يەنە كومپيۇتېر تورى، زاۋۇت - كانلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئالاقىلىشىش، ئوپتىك كابېل ئارقىلىق يوللىنىدىغان تېلېۋىزىيە، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، تۆمۈريول سىستېمىلىرىنىڭ ئالاقىلىشىشى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئوپتىك تالا ئالاقىسىدە ئۇزىتىلىدىغىنى ئادەتتىكى يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى چاستوتىسى ناھايىتى ساپ بولغان بىر خىل لازېر نۇردىن ئىبارەت. ئۇنىڭ چاستوتىسى رادىئو دولقۇنلىرىنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ يۇقىرى. چاستوتىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇچۇر يوللاش سىغىمى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.1993 - يىل10 - ئاينىڭ15 - كۈنى، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئوپتىك تالالىق ئالاقىلىشىش غول لىنىيىسى دۆلىتىمىزدە ئېچىلدى. ئۇ بېيجىڭدىن باشلىنىپ خېبېي، خېنەن، خۇبېي، خۇنەن ئارقىلىق گۇاڭجۇغا، ئۇنىڭدىن داۋاملىشىپ نەننىڭ ۋە خەيكۇغا بارىدۇ، پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى4700 كىلومېتىر بولۇپ،105 مىڭدىن ئارتۇق ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئالاقىسىنى تەمىنلىيەلەيدۇ. ئوپتىك تالانى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەينەك ماتېرىيالى ناھايىتى مول، مىس بىلەن ئاليۇمىننىڭ ئورنىغا ئۇنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇ ھەجمى كىچىك، ئۆزى يېنىك، ياساش تەننەرخى تۆۋەن بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە. لېكىن، ئوپتىك تالا يورۇقلۇقنى ناھايىتى يىراق يەرلەرگە ئۇزىتالايدىغان بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئوپتىك تالانىڭ ئىچىگە بىرەر ئارىلاشمىلار ئارىلىشىپ قالغان ياكى ئۇنىڭدا بىرەر نۇقسان مەۋجۇت بولسا، يورۇقلۇق سىگنالى ئۇ يەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتەلمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
ئوپتىك تالالىق ئالاقىلىشىش | UyghurWiki | UyghurWiki