UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىئېلېكتر كارتىلىق توك سائىتى

ئېلېكتر كارتىلىق توك سائىتى

ئېلېكترون بىلىملىرى ئائىلىلەرگە بۇ خىل توك سائىتى ئورنىتىلسا، تېلېگراف ئىدارىسىدىن بىر دانە توك ئىشلىتىش ئىناۋەت كارتىسى سېتىۋېلىپ، ئۇنى توك سائىتىگە قىستۇرساقلا توكنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانچىلىك توك ئىشلىتىلگەنلىكى، يەنە قانچىلىك توك ئېشىپ قالغانلىقى ئاپتوماتىك ھالدا ئېلېكتر كارتىسىغا خاتىرىلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا بولىدۇ، توك سائىتىگە قاراپ كۆچۈرۈۋېلىپ پۇل تۆلەش ئاۋارىچىلىكى بولمايدۇ. توكنى پىلانلىق ئىشلىتىشكە، تىزگىنلەپ ئىشلىتىشكە ياردەم بېرىدىغان بۇ خىل توك سائىتى «ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك سائىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك سائىتى تىزگىنلىگۈچ، ئىستېمالچى ئېلېكتر كارتىسى ۋە كارتىغا يېزىش ماشىنىسىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. تىزگىنلىگۈچ ئادەتتىكى توك سائىتىگە بىر مىكرو بىر تەرەپ قىلىش ماشىنىسى »مېڭە« قوشقانغا تەڭداش بولۇپ، ئۇ، فوتو ئېلېكترلىك سېنزور (سېزىم ئۇزاتقۇچ) ئارقىلىق ئىشلىتىلگەن توكنىڭ كىلوۋات سائەت سانىنى بىلىدۈ. تىزگىنلىگۈچتىن ئىبارەت بۇ مېڭە ئېلېكتر كارتىسىغا خاتىرىلەنگەن سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان توكنى پىلانلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشلىتىپ بولغان توكنى ئېلېكتر كارتىسىدىن چىقىرىۋېتىدۇ ھەمدە ئۇنى سۇيۇق كرىستاللىق رەقەم كۆرسەتكۈچتە ئىپادىلەپ كۆرسىتىدۇ. ئىستېمالچىلارنىڭ ئېلېكتر كارتىسى ئىناۋەت كارتىسىغا قارىغاندا كىچىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىناۋەت كارتىسىنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، كارتىدىكى ئېلېكترون توپ زەنجىرى بىر خاتىرىلەش دەپتىرىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىشلىتىش پىلانلانغان توك، ئىشلىتىلگەن توك، ئېشىپ قالغان توك ھەمدە ۋاقىت سانلىق مەلۇماتلىرى قاتارلىقلار خاتىرىلىنىدۇ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار بولسا كومپيۇتېرلىق كارتىغا يېزىش ماشىنىسى ئارقىلىق يېزىپ كىرگۈزۈلىدۇ. كارتىغا يېزىش ماشىنىسىنى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى باشقۇرىدۇ، ئۇ، ئېلېكتر كارتىسىدىكى ئىشلىتىلىپ بولغان توك، ئېشىپ قالغان توك، لازىم بولغان ئەڭ چوڭ توك مىقدارى قاتارلىق توك ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئوقۇپ چىقىرالايدۇ ھەمدە بۇ ئېلېكتر كارتىسى ئۈستىدە قايتا - قايتا يېزىپ كېرگۈزۈش ۋە قايتا - قايتا ئوقۇپ چىقىرىش ئىشىنى ئېلىپ بارالايدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك سائىتى بار بولسا، توكنى پىلانلىق تەمىنلىگىلى بولىدۇ. توك ئىشلەتكۈچى ئايلىق كارتا، پەسىللىك كارتا ياكى يىللىق كارتا سېتىۋالسا بولىدۇ، ھەربىر ئېلىكتر كارتىسىدا بەلگىلىك مىقداردا توك، بەلگىلىك ئېلېكتر ئېنېرگىيە يۈكى ۋە توك ئىشلىتىش ۋاقتى قاتارلىقلار بار بولىدۇ، بۇلار كارتىغا يېزىش ماشىنىسى ئارقىلىق ئېلېكتر كارتىسىغا ئېنىق خاتىرىلىنىدۇ. ئاندىن كارتا توك سائىتىنىڭ تىزگۈنلىگۈچىگە قىستۇرۇلسا توكنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر سىز سېتىۋالغان ئېلېكتر كارتىسىدىكى توك ئىشلىتىلىپ تۈگىگەن بولسا، دەرھال بېرىپ پۇل تۆلەپ قايتىدىن يازغۇزسىڭىزمۇ ياكى قەرزگە ئىشلىتىپ تۇرۇپ، بوش ۋاقتىڭىز چىققان چاغدا بېرىپ يېڭى كارتىغا ئالماشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك سائىتىنىڭ يەنە ھەرخىل ئاگاھلاندۇرۇش ئىقتىدارىمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ يۈز تاختىسىغا كۆرسەتكۈچ چىراغ ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچ ئورنىتىلغان. ئەگەر ئېلېكتر كۈچى نورمىدىن ئېشىپ كەتسە، ئېھتىيات سىمىغا ئوخشاش دەرھال ئېرىپ ئۈزۈلۈپ، پۈتۈن ئۆينى قاپقاراڭغۇ قىلىۋەتمەيدۇ، بەلكى: «خەتەرلىك» توك مەنبەسىنىڭ چاتقۇچىنى تېز يۇلۇپ چىقىرىۋېتىڭلار! دەپ ۋارقىرىغاندەك، ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرىدۇ، زادى بولمىغاندا، تىزگۈنلىگۈچ توكنى ئۆزلۈكىدىن ئۈزۈۋېتىدۇ. ئەگەر توك مىقدارى ياكى ۋاقىت ئېشىپ كەتسە، ئاگاھلاندۇرغۇچ ئالدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، قەرزگە ئىشلىتىش نورمىسىدىن ئېشىپ كەتسە، ئاندىن توكنى ئۈزۈۋېتىشكە باشلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
ئېلېكتر كارتىلىق توك سائىتى | UyghurWiki | UyghurWiki