سىنئالغۇ
ئېلېكترون بىلىملىرى
كىنوغا ئېلىش ئاپپاراتىنىڭ ئورنىغا ماگنىت لېنتىلىق سىنئالغۇنى ئىشلىتىپ تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ئىشلەشكە بولىدۇ. «چاشقان بىلەن ئۆردەك» سىنئالغۇ ئارقىلىق ئېلىنغان كارتون فىلىم بولۇپ، ئۇ، كىنوغا ئېلىشقا قارىغاندا ئاددىي، ئۇنىڭدا كىنو پليونكىسى (لېنتىسى) ئىشلىتىلمەستىن، بەلكى سىنئالغۇ ئارقىلىق تەسۋىر بىلەن ئاۋاز ماگنىتلىق لېنتىغا خاتىرىلىنىدۇ، لېنتىغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، لېنتىنى كەينىگە ياندۇرۇپ قايتا قويساق، خاتىرىلەنگەن تەسۋىرلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.
تەسۋىر خاتىرىلەش (ئېلىش) تېخنىكىسىنىڭ ماھىيىتى ئاۋاز خاتىرىلەش تېخنىكىسى بىلەن ئوخشاش. سىنئالغۇ (سىن ئېلىش ئاپپاراتى) بولسا، تېلېكامېرا (سىن تارتىش ئاپپاراتى)، سىن ئېلىش ۋە قويۇش ئاپپاراتى ھەمدە تېلېۋىزورغا ئوخشاش كۆزىتىش ئاپپاراتىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. سىن ئېلىش (يەنى تەسۋىرنى خاتىرىلەش) تا تەسۋىرنىڭ يورۇقلۇق سىگنالى تېلېكامېرا ئارقىلىق كۈچلۈك - ئاجىزلىقى ئوخشاش بولمىغان ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ، ئاندىن ئۆتكۈزگۈچ سىم ئارقىلىق سىن ئېلىش ۋە قويۇش ئاپپاراتىغا يوللىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن سىن ئېلىش ۋە قويۇش ئاپپاراتىنىڭ ماگنىت بېشى ئېلېكتر سىگنالىنى ماس بولغان ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىش سىگنالىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى سىن لېنتىسىغا خاتىرىلىۋالىدۇ. سىننى (يەنى تەسۋىرنى) قويىدىغان چاغدا، سىن ئېلىش ۋە قويۇش ئاپپاراتىنىڭ ماگنىت بېشى ئارقىلىق ماگنىتلىق لېنتا (سىن لېنتىسى) دىكى سىگنال قايتا ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، كۆزىتىش ئاپپاراتى ياكى تېلېۋىزور ئارقىلىق تەسۋىر كۆرسىتىلىدۇ ھەمدە ئاۋازمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقىرىلىدۇ، مانا بۇ قايتا قويۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
سىنئالغۇنى ئۈنئالغۇغا سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭدىن ناھايىتى زور پەرقلىنىدۇ. تەسۋىر (سىن) سىگىنالىنىڭ چاستوتىسى ئادەمنىڭ قۇلىقى ئاڭلىيالايدىغان ئاۋاز چاستوتىسىدىن نەچچە يۈز ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. ماگنىتلىق لېنتىنىڭ خاتىرىلىيەلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى چاستوتىسى ماگنىت باش بىلەن ماگنىتلىق لېنتىنىڭ نىسپىي تېزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ماگنىت باش بىلەن ماگنىتلىق لېنتىنىڭ نىسپىي تېزلىكى ئاۋاز خاتىرىلەشنىڭكىگە قارىغاندا نەچچە يۈز ھەسسە تېز بولۇشى كېرەك. تەسۋىر خاتىرىلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سىنئالغۇدا ئايلانما ماگنىت باش ئىشلىتىلدى، يەنى ماگنىتلىق لېنتا ھەرىكەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماگنىت باشمۇ يۇقىرى تېزلىكتە ئايلىنىدۇ.
تەسۋىر خاتىرىلىنىدىغان ماگنىتلىق لېنتىغا تەسۋىر خاتىرىلەنگەندىن باشقا، يەنە ماگنىتلىق لېنتىنىڭ چېتىگە ئاۋاز سىگنالى خاتىرىلىنىدۇ. بۇ خاتىرىلەنگەن سىگناللارنى قايتا قويالايدىغان قىلىش ئۈچۈن، بىرلا ۋاقىتتا لېنتىغا يەنە تىزگىنلەش سىگنالىمۇ خاتىرىلىنىدۇ. ئۇ، تەسۋىرنى قايتا قويغان چاغدا، ماگنىتلىق لېنتىنىڭ ماگنىت باشنىڭ يوچۇقىدىن ئۆتۈش تېزلىكىنىڭ تەسۋىرنى خاتىرىلىگەن چاغدىكىگە ئوخشاش بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
تەسۋىر خاتىرىلەيدىغان ماگنىت باشنىڭ ئىشلەش يوچۇقى ئاۋاز خاتىرىلەيدىغان ماگنىت باشنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ تار بولۇپ، ماگنىت باش بىلەن ماگنىتلىق لېنتىنىڭ نىسپىي تېزلىكى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، ماگنىت تالقىنى ناھايىتى ئاسان تۆكۈلۈپ، ماگنىت باشنى پاسكىنا قىلىۋېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن دائىم تازىلاپ تۇرۇش ۋە ماگنىتسىزلاندۇرۇپ تورۇشقا توغرا كېلىدۇ. تازىلاشقا تېگىشلىك ئورۇنلىرى ئاساسلىقى ماگنىت باش، لېنتا يۈرگۈزۈش قۇرۇلمىلىرى ۋە ماگنىتلىق لېنتا بېسىپ ئۆتكەن ئورۇنلاردىن ئىبارەت. دائىم ماگنىتسىزلاندۇرۇپ تۇرغاندا، لېنتا يۈرگۈزۈش قۇرۇلمىلىرىنىڭ ماگنىتلىنىپ قېلىشىدىن ۋە لېنتىغا خاتىرىلەنگەن سىگنالنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.