UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىكۆچمە تېلېفون

كۆچمە تېلېفون

ئېلېكترون بىلىملىرى كۆچمە تېلېفون بولسا بىر خىل سىمسىز تېلېفون. ئاپتوموبىلدا، پويىزدا، ئايروپىلاندا ياكى پاراخوتتا كېتىۋېتىپمۇ كۆچمە تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلەشكىلى بولىدۇ. كۆچمە تېلېفون ئىشلىتىش دولقۇنى يېڭىدىن كۆتۈرۈلگەن چاغدا، كىشىلەر ئۇنى ئابرۇي ۋە بايلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قاراشتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى «داگېدا» (大哥大) دەپ ئاتىدى. ئاپتوموبىل تېلېفونىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭدا بىر مۇكەممەل ئالاقىلىشىش تورى بار. بۇ تورنىڭ «تور كاتەكچىسى» بىردىن - بىردىن تەرتىپلىك ئورۇنلاشقان نەچچە كىلومېتىر كەڭلىكتىكى ئالتە بۇلۇڭ شەكىللىك كىچىك رايوندىن ئىبارەت. ھەربىر كىچىك رايوندا بىر ئاساسىي پونكىت (بازا) بار بولۇپ، ئۇنىڭغا يۆنىلىشلىك ئانتېننا بىلەن مۇستەقىل تىزگىنلەش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ. ئاساسىي پونكىت خۇددى بىر تېلېفون باش ئاپپاراتىغا ئوخشايدۇ. ئۈچ دانە120 گرادۇسلۇق يەلپۈگۈچ شەكىللىك ئانتېننا كۆز، قۇلاقلىرى سەزگۈر ئۈچ تېلېفون خادىمىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى نەچچە ئون رادىئو »لىنىيىسى« نى باشقۇرىدۇ،360 گرادۇس ئىچىدىكى ھەربىر ئالاقىلىشىش لىنىيىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرالايدۇ. كىشىلەر ئاپتوموبىل ئىچىدە ئولتۇرۇپ تېلېفون بەرمەكچى بولسا، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى تېلېفون ئاپپاراتىغا مىكرو ئېلېكترونلۇق مېڭە ئورنىتىلغان بولۇپ، نومۇرنى ئاپتوماتىك ھالدا ئۆزى تۇرغان كىچىك رايوننىڭ «باش ئاپپاراتى» غا «خەۋەر» قىلىدۇ، باش ئاپپارات لىنىيە ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش ئىدارىسىگە «دوكلات» قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، شەھەر تېلېفون تورىغا ئۇلىنىپ، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا سۆزلىشەلەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېلېكترونلۇق مېڭە ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ ھەم توغرا، ھەم تېز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالماشتۇرۇش ئىدارىسى بار بولۇپ، ئۇ، تېلېفون باش ئىدارىسىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا ئېلېكترونلۇق مېڭە ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان ئالماشتۇرۇش ئاپپاراتى ئورنىتىلغان بولىدۇ. ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ بارغان - تۇرغان يەرلىرىنى ھەرۋاقىت نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ ھەمدە ئاپتوموبىل تۇرغان رايونغا ئاساسەن، ئاپتوموبىلدىكى تېلېفونغا ماس بولغان سۆزلىشىش چاستوتىسىنى تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. ئاپتوموبىل بىر رايوندىن ئىككىنچى بىر رايونغا كىرگەن چاغدا، يۆنىلىشلىك ئۆلچەش ئانتېننىسىدىن ئىبارەت بۇ «تېلېفون خادىمى» تېلېفوننىڭ چاستوتىسىنى دەرھال ئۆزگەرتىپ، كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدىكىگە ئوخشاش، سۆزلىشىش ۋەزىپىسىنى ئىككىنچى بىر كىچىك رايونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتوموبىل مەيلى قەيەرگە بارسىمۇ، ھەممىسىدىلا تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
كۆچمە تېلېفون | UyghurWiki | UyghurWiki