مىكرو دولقۇنلۇق دۇخوپكا
ئېلېكترون بىلىملىرى
1980 - يىلى پارىژ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكتر ئەسۋابلىرى كۆرگەزمىسىدە «تاماق پىشۇرۇش ئىلاھى» دەپ ئاتالغان بىر خىل ئاشخانا سايمىنى پەيدا بولدى. ئۈلگە كۆرسەتكۈچى خادىم يېمەكلىك سېلىنغان قاچىنى تېلېۋىزور سىياقىدىكى بىر ساندۇقنىڭ ئىچىگە سېلىپ، ئاندىن ساندۇقنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ، كۇنۇپكىسىنى بېسىۋېدى، بىردەمدىلا، رەڭگى يارقىن، پۇرىقى مەززىلىك ئېسىل تاماق پىشىپ چىقتى. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق گۈرۈچنى پىشۇرۇشقا پەقەت1 مىنۇت، گۆشنى پىشۇرۇشقا4 مىنۇت، پۈتۈن توخۇنى دۈملەپ پىشۇرۇشقا15 مىنۇتلا كېتىدۇ. تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، يېمەكلىك بىلەن بىللە ساندۇق ئىچىگە سېلىنغان قاچا قولنى كۆيدۈرمەيدۇ، ساندۇقنىڭ ئۆزىمۇ قىزىپ كەتمەيدۇ. مانا بۇ «يېڭى دەۋر» نىڭ ئاشخانا سايمىنى بولۇپ، ئۇنىڭ نامى مىكرو دولقۇنلۇق دۇخوپكا.
مىكرو دولقۇنلۇق دۇخوپكا مىكرو دولقۇندىن پايدىلىنىپ تاماقلارنى پىشۇرىدۇ. مىكرو دولقۇن بىرخىل ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى، لېكىن ئۇنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قىسقا دولقۇننىڭكىدىنمۇ قىسقا بولۇپ، ئۇلترا (زىيادە) قىسقا دولقۇنغا تەۋە. بۇ خىل ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ ئېنېرگىيىسى ئادەتتىكى رادىئو دولقۇنىنىڭكىدىن كۆپ چوڭ بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە ئالاھىدە «خاراكتېر» گە ئىگە: مىكرو دولقۇن مىس، ئاليۇمىن، داتلاشماس پولات قاتارلىق مېتاللارغا يولۇقسا، ئۇلاردىن دەرھال قايتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆتكۈزگۈچ جىسىملار ئۇنىڭ ئېنېرگىيىسىنى قوبۇل قىلالمايدۇ؛ مىكرو دولقۇن ئەينەك، فارفور (چاقچۇق)، سۇلياۋ قاتارلىق توك ئۆتكۈزمەيدىغان ماتېرىياللاردىن ئېنېرگىيىسىنى خوراتمايلا ئەركىن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ؛ لېكىن، مىكرو دولقۇن تەركىبىدە سۇ بار بولغان كراخمال، كۆكتات، گۆش تۈرىدىكى ھەمدە ياغ تۈرىدىكى ماددىلاردىن ئۆتۈپ كېتەلمەيلا قالماستىن، بەلكى بۇ ماددىلار مىكرو دولقۇننىڭ ئېنېرگىيىسىنى ئۆزىگە سۈمۈرۈۋالىدۇ.
مىكرو دولقۇنلۇق دۇخوپكا مىكرو دولقۇننىڭ دەل مۇشۇ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان. مىكرو دولقۇنلۇق دۇخوپكىنىڭ قېپى داتلاشماس پولات قاتارلىق مېتال ماتېرىياللاردىن ياسالغان بولۇپ، ئۇ، مىكرو دولقۇننى دۇخوپكا ئىچىدىن قېچىپ چىقىپ، ئادەم بەدىنىنى زەخىملەندۈرۈشتىن توسۇپ قالىدۇ. يېمەكلىك قاچىلانغان قاچا توك ئۆتكۈزمەيدىغان ماتېرىيال بولغانلىقى ئۈچۈن، مىكرو دولقۇن ئارقىلىق پىشۇرۇلىدىغان يېمەكلىكلەرگە «يېشىل چىراغ» يېقىپ بېرىدۇ. مىكرو دولقۇنلۇق دۇخوپكىنىڭ ئىچىدە ماگنېترون دەپ ئاتىلىدىغان ئېلېكترون لامپا بار، ئۇ سېكۇنتىغا2 مىليارد450 مىليون قېتىم (ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان دۇخۇپىكىدا) ياكى915 مىليون قېتىم (ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان دۇخۇپكىدا) ياكى915 مىليون قېتىم (سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان دۇخوپكىدا) ئۆزگىرىدىغان مىكرو دولقۇن ھاسىل قىلىپ، يېمەكلىك ئىچىدىكى ئەركىن ھەم قالايمىقان يۈرگەن ھەرقايسى سۇ مولېكۇلىلىرىنى مىكرو دولقۇن ئېلېكتر مەيدانىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە باش - ئاخىرىنى رەتلەپ «سەپكە تۇرۇش» قا مەجبۇر قىلىدۇ. مىكرو دولقۇن ئېلېكتر مەيدانى سېكۇنتىغا نەچچە مىليارد قېتىم ئۆزگىرىدىغانلىقى ئۈچۈن، سۇ مولېكۇلىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ نەچچە مىليارد قېتىم بىردەم ئۇياققا، بىردەم بۇياققا «موللاق» ئاتىدۇ، بۇنداق جىددىي ھەرىكەت زور مىقداردا ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ھاسىل قىلىپ، يېمەكلىكلەرنى پىشۇرىدۇ. مىكرو دولقۇن ئارقىلىق تاماق پىشۇرۇش ئادەتتىكى ئوت يالقۇنى ئارقىلىق تاماق پىشۇرۇشقا ئوخشىمايدۇ، ئالدى بىلەن ھاۋانى ۋە قازان تېگىنى قىزدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇنىڭدا ئىسسىقلىق بىۋاسىتە يېمەكلىكنىڭ ئىچكى قىسمىغا سىڭىپ كىرىپ، يېمەكلىكنى ئەتراپلىق ھەم تەكشى قىزدۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تاماقنى پىشۇرۇش سۈرئىتى ئادەتتىكى ئەنئەنىۋى ئوچاقلارنىڭكىگە قارىغاندا4 −10 ھەسسە تېز بولۇپ، ئىسسىقلىق ئۈنۈمى % 80 كە يېتىپ بارىدۇ، بۇ ئادەتتىكى توك ئوچاق خىلىدىكى ئاشخانا سايمانلىرىنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا يەنە %30 تىن ئارتۇق يۇقىرى. مىكرو دولقۇن ئارقىلىق پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر تەبىئىي رەڭگىنى ۋە پۇرىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ، ۋىتامىنلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىمۇ ناھايىتى ئاز بولىدۇ. توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى مىكرو دولقۇنلۇق دۇخوپكا ئارقىلىق »پىشۇرغان« دا، سۈرئىتى تېز بولۇپ، يېڭى تەمى ساقلىنىپ قالىدۇ. مىكرو دولقۇننىڭ يەنە تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مېۋە، سوغۇق يېمەكلىك قاتارلىقلارنى «يۇسا» ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
لېكىن، مىكرو دولقۇنلۇق دۇخوپكىدىن پايدىلانغاندا يېمەكلىكلەرنى «مايدا قورۇش» ۋە «مايدا پىشۇرۇش» ئىشلىرىنى قىلغىلى بولمايدۇ، گەرچە يېمەكلىكلەرنى «قورۇش» قا توغرا كەلگەندىمۇ، يەنىلا ئالدى بىلەن دورا - دەرمانلىرىنى سېلىۋېلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت، ئادەم بەدىنى توقۇلمىلىرىنىڭ سۇ تەركىبىمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مىكرو دولقۇنلۇق دۇخوپكىنى ئىشلەتكەن چاغدا چوقۇم بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش كېرەك، چوقۇم توك مەنبەسىنى ئۈزۈپ، ماگنېترون ئىشتىن توختىغاندىن كېيىن ئاندىن دۇخوپكا ئىشىكىنى ئېچىش كېرەك.