UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىئېلېكترون گال

ئېلېكترون گال

ئېلېكترون بىلىملىرى دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان بىر ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلار كۆرگەزمىسىدە، بىر ئادەم ئۆز كەچۈرمىشىنى مىسال قىلىپ سۆزلەۋاتاتتى. ئۇ يانچۇقىدىن بىر نازۇك ئېلېكترونلۇق ئەسۋابنى چىقىرىپ، ئەسۋابنىڭ بىر تال ئۆتكۈزگۈچ سىمىنى ئاغزىدىكى بىر تال «چىشى» نىڭ ئورنىغا ئۇلىدى، شۇنىڭ بىلەن، ئورۇندىغۇچىنىڭ ئېغىز شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر بىر خىل غەلىتە ئاۋازنى ئاڭلىدى: «1958 - يىلى مېنىڭ گېلىم (بوغۇزۇم) كېسەل سەۋەبىدىن ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ئېلىۋېتىلدى، ھازىر دوختۇرلار ماڭا ئېلېكترون گال ئورنىتىپ، ماڭا ئىككىنچى قېتىملىق <سۆزلەش ھوقۇقى> بەردى...». «ئېلېكترون گال» ئاساسلىقى ئۈچ دانە ئېلېكترونلۇق ئەسۋابتىن تۈزۈلىدۇ: ئېلېكترونلۇق ئاۋاز چاستوتىلىق تەۋرەنگۈچ، ئېلېكترلىك ئاۋاز ئالماشتۇرغۇچ ۋە ئاۋاز ئۇزىتىش نەيچىسى، بۇلار ئادەمنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنىسىگە ئاساسەن، خىلمۇ خىل ئۆزگىرىدىغان ئاۋاز چىقىرالايدۇ. ئادەملەرنىڭ ئاۋازى مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى چالغاندىكىگە ئوخشاش ئاۋاز پەردىسى بىلەن بوغۇز (گال) نىڭ تەۋرىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. تىل بىلەن كالپۇك چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ تارى بىلەن تىلى (كۇنۇپكىسى) غا ئوخشاش ئاۋاز پەردىسى بىلەن بوغۇزنىڭ تەۋرىنىشىنى تەڭشەيدۇ ۋە تىزگىنلەيدۇ. ئېلېكترون گالنىڭ ئېلېكترونلۇق ئاۋاز چاستوتىلىق تەۋرەنگۈچى بوغۇزغا تەڭداش بولۇپ، ئۇنىڭ چاستوتىسىنى خالىغانچە تەڭشەشكە بولىدۇ، ئەرلەرنىڭ ئاۋازىدا چاستوتا تۆۋەنلىتىلىدۇ، ئاياللارنىڭ ئاۋازىدا چاستوتا يۇقىرىلىتىلىدۇ. ئېلېكترلىك ئاۋاز ئالماشتۇرغۇچنىڭ ئىقتىدارى ئاۋاز پەردىسىنىڭ ئىقتىدارىغا تەڭداش بولىدۇ. ئىشلەتكۈچى چاستوتىنى مۇۋاپىق تەڭشىگەندىن كېيىن، ئۆتكۈزگۈچ سىمنى ئۇتتۇر چىش ئورنىغا ئورنىتىلغان «ئېلېكترلىك ئاۋاز ئالماشتۇرغۇچ» قا ئۇلىسا، تەۋرىنىۋاتقان ئاۋاز چاستوتىلىق توك ئاۋازغا ئايلىنىدۇ. ئېلېكترلىك ئاۋاز ئالماشتۇرغۇچ ھاسىل قىلغان بىرلا ئاھاڭدىكى ئاددىي ئاۋاز ئاۋاز ئۇزىتىش نەيچىسى ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقىغا يوللىنىدۇ، پەقەت ئادەتتىكى ئادەم ئاۋاز چىقارغاندىكىگە ئوخشاش، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ شەكلى تەڭشەلسە ۋە تىزگىنلەنسىلا، سۆز ھاسىل بولىدۇ، شۇنداق قىلىپ، گاچىلارمۇ ئاغزىنى ئاچسىلا سۆزلىيەلەيدىغان ۋە ناخشا ئېيتالايدىغان بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
ئېلېكترون گال | UyghurWiki | UyghurWiki