UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىقوش ئېكرانلىق تېلېۋىزور

قوش ئېكرانلىق تېلېۋىزور

ئېلېكترون بىلىملىرى قوش ئېكرانلىق تېلېۋىزورنىڭ سىرتقى شەكلى ئادەتتىكى تېلېۋىزورنىڭكىگە ئوخشاش، لېكىن ئۇنىڭدا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى يۈرۈش نومۇرنى كۆرگىلى بولىدۇ، شۇڭا ئۇ سۈرەت ئىچىدە سۈرەت بار تېلېۋىزور دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل تېلېۋىزورنىڭ ئېكرانىدا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى كۆرۈنۈش كۆرۈنىدۇ، چوڭى ئانا كۆرۈنۈش دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئادەتتىكى تېلېۋىزورلارغا ئوخشاش بولۇپ، ئاۋازىمۇ ئۆزى بىلەن بىللە چىقىدۇ. كىچىكى بالا كۆرۈنۈش دەپ ئاتىلىپ، چوڭ كۆرۈنۈشنىڭ مەلۇم بىر بۇلۇڭىدىن چىقىدۇ، ئۇنىڭغا تىڭشىغۇچنى ئۇلىغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭدىن ئاۋازنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. بۇ خىل سۈرەت ئىچىدە سۈرەت بار تېلېۋىزورنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى كۆرۈنۈشنى ھاسىل قىلالىشى، ئۇنىڭدا مۇستەقىل ئىككى يۈرۈش سۈرەت سىگنالى قانىلى (يولى) بار بولغانلىقىدىن بولىدۇ. ئانا كۆرۈنۈشنىڭ سىگنال قانىلى ئادەتتىكى تېلېۋىزورلارنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ. بالا كۆرۈنۈشنىڭ سىگنال قانىلىدا ئانا كۆرۈنۈشنىڭ سىگنال قانىلىدىكىگە قارىغاندا بىر ساقلىغۇچ ئارتۇق بولىدۇ. ساقلىغۇچتا بالا كۆرۈنۈشنىڭ سىگنالى ساقلىنىپ تۇرىدۇ، ئېلېكترونلار دەستىسى يېيىلىپ ئۆتۈپ بالا كۆرۈنۈشنى لازىم قىلغان چاغدا، دەرھال لازىم بولغان كىچىك كۆرۈنۈش سىگنالىنى ئېلىپ چىقىپ، ئانا كۆرۈنۈش بىلەن بالا كۆرۈنۈشنى ۋاقىت جەھەتتە بىردەك قىلىپ كۆرسىتىدۇ. قوش ئېكرانلىق تېلېۋىزورلاردا بالا كۆرۈنۈشنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى مەكتەپلەردە ئەدەبىياتنىڭ بوش ئورۇن تولدۇرۇش مەشىقلىرىنى ئىشلەشكە ئوخشاپ كېتىدۇ. تېلېۋىزور ئېكرانىدا، ھەربىر تەسۋىر يەككە سانلىق قۇر بىلەن قوش سانلىق قۇرغا بۆلۈنۈپ ئىككى قېتىم سىيپاپ ئۆتۈش (يەنى تەسۋىر يېيىش) نىڭ قاتلىنىشىدىن شەكىللىنىدۇ. يەنى ھەربىر قېتىم5 .312 قۇر سىيپاپ ئۆتكەندە، ھەربىر كۆرۈنۈش تىك يۆنىلىشتىكى625 نۇقتا بىلەن توغرا يۆنىلىشتىكى تەخمىنەن400 نۇقتىدىن تۈزۈلىدۇ. بىر پارچە تەسۋىرنى بىر پارچە ماقالە دېسەك، ئېلېكترونلار دەستىسىنىڭ بىر قۇرنى سىيپاپ ئۆتۈشى ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت64 مىكرو سېكۇنت (1 مىكرو سېكۇنت مىليوندىن بىر سېكۇنتقا تەڭ) بولىدۇ، بۇ خۇددى ماقالىنىڭ ھەربىر قۇرىدا64 خەت بار بولغىنىغا ئوخشايدۇ. ئەگەر بالا كۆرۈنۈش ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇلۇڭغا توغرىلانسا ھەم چوڭلۇقى چوڭ كۆرۈنۈشتىكى5 .312 قۇرنىڭ ئۈچتىن بىرىچىلىك بولسا، ئۇ ھالدا209 - قۇردىن باشلاپ312 - قۇرغىچە ھەربىر قۇرنىڭ43 - مىكروسېكۇنتتىن ئىلگىرىكى رەڭلىك پارچىسى ئانا كۆرۈنۈشنى كۆرسىتىپ،44 - مىكروسېكۇنتتىن باشلاپ، بالا كۆرۈنۈشنىڭ بىرىنچى قۇرىنى ساقلىغۇچتىن چىقىرىپ ئېلىپ ئۇلايدۇ.210 - قۇرنىڭ44 - مىكروسېكۇنتىدىن64 - مىكروسېكۇنتىغىچە بالا كۆرۈنۈشنىڭ ئىككىنچى قۇرى توشقۇزۇلىدۇ،...312 - قۇرىغا كەلگەندە بالا كۆرۈنۈشنىڭ104 - قۇرى توشقۇزۇلىدۇ، شۇنداق قىلىپ بالا كۆرۈنۈش ئانا كۆرۈنۈشكە قىستۇرۇلىدۇ. قوش ئېكرانلىق تېلېۋىزورنىڭ ھەرقايسى قاناللىرىنىڭ تېلېۋىزىيە نومۇرلىرى بىر مەخسۇس تىزگىنلىگۈچى ئېلېكتر زەنجىرى ئارقىلىق باشقۇرۇلىدۇ. پەقەت ئوخشاش بولمىغان كۇنۇپكىلارنى باسساقلا، بالا كۆرۈنۈش ئايلىنىپ تۇرىدىغان پانۇسقا ئوخشاش ئېكراننىڭ تۆت بۇلۇڭىدا پەيدا بولىدۇ. بۇ تىزگىنلىنىدىغان سىگناللارنىڭ ھاسىل بولۇشىنىڭ ئالدى - كەينى پەقەت يۈزدىن بىر سېكۇنت پەرقلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، بالا كۆرۈنۈشنىڭ ھاسىل بولۇشى بىلەن قىستۇرۇلۇپ كىرىش جەريانىنى كىشىلەر كۆز بىلەن كۆرەلمەيدۇ. ئەگەر ئانا كۆرۈنۈشتىكى مەلۇم بىر مومېنتتىكى (پەيتتىكى) تەسۋىرگە قىزىقسىڭىز، «ساقلاش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ، بۇ چاغدا ئەسلىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان تەسۋىر تىنچ تۇرغان تەسۋىرگە ئايلىنىپ، سىزنىڭ ھۇزۇرلىنىشىڭىز، تەتقىق قىلىشىڭىز ياكى رەسىمگە تارتىشىڭىزنى تەمىنلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى