بىئو كومپيۇتېر
ئېلېكترون بىلىملىرى
سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، بۇ بىر كىچىك ھېسابلىغۇچنىڭ ئادەتتىكى كىچىك قۇتىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئەينەكتىن ياسالغان ئىنتايىن نېپىز سىرتقى قېپى بار بولۇپ، ئىچىگە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان كۆپ قەۋەتلىك ئاقسىل قاچىلانغان، ئاقسىللارنىڭ ئارىسى مۇرەككەپ كرىستال پەنجىرىلەر ئارقىلىق ئۇلانغان بولۇپ، «ئادەتتىن تاشقىرى ئادەم» دېگەن كىنودىكى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكى پاناھ جايىغا ناھايىتى ئوخشايدۇ. بۇ خىل نازۇرك ئاقسىل كرىستال پەنجىرىلىرىنىڭ ئىچىدە بىئو مولېكۇلىلار (جانلىقلارنىڭ مولېكۇلىلىرى) بار بولۇپ، بۇلار بىئوكومپيۇتېرنىڭ توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتر زەنجىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بىئوكومپيۇتېردىكى بىئومولېكۇلىلار توكنىڭ تەسىرىدە ئوخشاشلا «ئۇلاش» ۋە «ئۈزۈش» تىن ئىبارەت ئىككى خىل ھالەتنى ھاسىل قىلالايدۇ، شۇنداقلا «0» بىلەن «1» دىن ئىبارەت مۇشۇنداق ئىككىلىك سىستېمىدىكى ئۇچۇرلارنى ساقلىيالايدۇ ۋە چىقىرالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كومپيۇتېرغا ئوخشاش ھېسابلاشلارنى ئېلىپ بارالايدۇ ۋە ئۇچۇرلارنى بىرتەرەپ قىلالايدۇ.
بىئو كومپيۇتېرنى تۈزىدىغان ئاقسىل مولېكۇلىلىرىنىڭ دىئامېتىرى بىر تال چاچنىڭ5000 دىن1 ىچىلىك بولىدۇ. ھەجمى بىر تال بارماقنىڭ توملۇقىچىلىك بولغان بىئوكومپيۇتېرنىڭ ئۇچۇرلارنى ساقلاش سىغىمى ھازىرقى ئادەتتىكى كومپيۇتېرلارنىڭكىگە قارىغاندا10 مىليون ھەسسە چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىئومولېكۇلىلار ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، ئۆزئارا ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن بولغاچقا، ئۇچۇرلارنى ئۇزىتىش ۋە ھېسابلاش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولىدۇ. ئەگەر بۇ خىل كومپيۇتېرنى ئادەملەرنىڭ مېڭىسىگە سېلىشتۇرساق، ئادەم مېڭىسىنىڭ تەپەككۇر يۈرگۈزۈشى نېرۋا ئىمپۇلسىغا تايىنىپ ئۇزىتىلىدۇ، ئۇ ئاۋازنىڭ ھاۋادا تارقىلىش تېزلىكى (سېكۇنتىغا330 مېتىر) گە تەڭداش بولىدۇ. بىئو كومپيۇتېردا مولېكۇلىلارنىڭ ئېلېكترونلۇق ھەرىكەت تېزلىكى يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىن بولۇپ، سېكۇنتىغا300 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىئو كومپيۇتېرنىڭ تېزلىكى ئادەم مېڭىسى تەپەككۇرىنىڭ تېزلىكىدىنمۇ تەخمىنەن1 مىليون ھەسسە تېز بولىدۇ.
بىئو كومپيۇتېرنىڭ بۇنداق كىچىك ھەجمى ۋە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھېسابلاش تېزلىكىدىن پايدىلىنىپ، ھەقىقىي ئادەم چوڭلۇقىدىكى ماشىنا ئادەمنى ياساپ، ماشىنا ئادەمنى ئادەم مېڭىسىگە ئوخشاش ئەقىلگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. بىئوكومپيۇتېرنى ساغلام ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىگە ئۇلاشقا، ھەتتا ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىگە كىرگۈزۈپ، چوڭ مېڭىسى كېسەل بولغان ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ئورنىدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان، ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىدىغان ۋە ئەستە تۇتىدىغان قىلغىلى بولىدۇ. ئۇ ئارقىلىق ماشىنا ئادەمنى قوراللاندۇرۇپ، ماشىنا ئادەمنى تېخىمۇ كىچىك ۋە ئەپچىل قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىدىكى خەتەرلىك ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدىغان قىلغىلى بولىدۇ. ئادەم بەدىنىگە كىرگۈزۈپ، پالەچ ئادەملەرنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ ماڭدۇرغىلى، قارىغۇلارغا قايتىدىن يورۇقلۇق ئاتا قىلغىلى بولىدۇ. چەت ئەلدە روسنا ئىسىملىك بىر «تۇتاش تەنلىك ئادەم» بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى بەدىنى بار، لېكىن چوڭ مېڭىسى بىرلا. ئىككى بەدەن بىرلا چوڭ مېڭىنىڭ بۇيرۇقىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا بىر بىئوكومپيۇتېر كىرگۈزۈلسە، ئۇ ھالدا بۇ ماشىنا مېڭە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر بەدەننىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ - دە، ئاندىن تاشقى كېسەللەر ئوپېراتسىيىسى ئارقىلىق مۇكەممەل ئىككى ئادەمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.