UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىتوك سائىتى

توك سائىتى

ئېلېكترون بىلىملىرى توك سائىتى بولسا كىشىلەرنىڭ توك ئىشلىتىشنى «ستاتىستىكىلغۇچى». ئۇنىڭ يۈزىدە تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك ئىككى كۆزنەك بار بولۇپ، ئاستىدىكى كۆزنەكنىڭ ئىچىدە سەزگۈر ئاليۇمىن دىسكا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، توك ئىشلەتكەن چاغدا، ئاليۇمىن دىسكا ئايلىنىپ مىنۇت - سېكۇنت ئىشلىتىلگەن توكنى ھېسابلاپ (ستاتىستىكىلاپ) تۇرىدۇ؛ ئۈستىدىكى كۆزنەكتە ئۆتۈۋاتقان توكقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان سانلار بار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قانچىلىك توك ئىشلەتكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. بۇ «ستاتىستىكىچى» دا ئاساسلىقى توك كاتۇشكىسى بىلەن ئېلېكتر بېسىم كاتۇشكىسىدىن ئىبارەت ئىككى «ئەزا» بار. ئېلېكتر ئۈسكۈنىسى ئىشلەشكە باشلىغان چاغدا، توك كاتۇشكىسىدىن توك ئۆتىدۇ، بۇ چاغدا ئېلېكتىر ماگنىت ئىندۇكسىيىسى سەۋەبىدىن ئاليۇمىن دىسكا ئايلىنىپ، «ستاتىستىكىلاش» قا باشلايدۇ ھەمدە ساناش قۇرۇلمىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ھەربىر پەيتتىكى نەتىجىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئېلېكتر ئۈسكۈنىسى ئىشلەشتىن توختىغان چاغدا، ئېلېكتر بېسىم كاتۇشكىسىدا يەنىلا220 ۋولتلىق ئېلېكتر بېسىمى بار بولۇپ، ئۇ، توك سائىتىنىڭ ئۆزىنىڭ «قان» ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئېلېكتر بېسىم كاتۇشكىسى مۇشۇنداق كېچە - كۈندۈز توختىماستىن ئىشلىگەچكە، ھەر ئايدا تەخمىنەن1 كىلوۋات سائەت توك سەرپ قىلىدۇ، بۇ سەرپ بولغان توك توك سائىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ھېساباتىغا كىرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەربىر ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان بىر فازىلىق توك سائىتىگە باش توك سائىتىدىن ھەر ئايدا1 كىلوۋات سائەت توك ياردەم بېرىلىدۇ. ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان بىر فازىلىق توك سائەتلىرىنىڭ ئېلېكتر بېسىملىرى ھەممىسىنىڭلا220 ۋولت بولۇپ، توك ئۆلچىمى2 ئامپېر،5 .2 ئامپېر،3 ئامپېر،5 ئامپېر ۋە10 ئامپېر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. ئادەتتىكى ئائىلىلەردە تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، توك دەزمال، ئېلېكتر چىراغ قاتارلىق ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتكەندە، ئەڭ چوڭ ئىشلىتىش قۇۋۋىتى تەخمىنەن660 ۋات بولىدۇ، بۇنىڭغا3 ئامپېرلىق توك سائىتىنى تاللاپ ئىشلەتكەن ياخشى. (3=220 /660 = ئېلېكتر بېسىمى/قۇۋۋەت = توك) تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ: ھازىر ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان توك سائەتلىرىنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارى چەكلىك. ئىشلىتىلىدىغان توك توك سائىتى توكىنىڭ %5 ىدىن كىچىك بولغاندا، ستاتىستىكا توغرا چىقمايدۇ. توك سائىتى توكىنىڭ قىممىتىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىلگەندە توك سائىتى كۆيۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، توك سائىتىنى تاللىغاندا ئۇنىڭ توكىنىڭ ئۆلچىمى بەك كىچىك بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ، شۇنداقلا بەك چوڭ بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ. توك سائىتى «ستاتىستىكىسى» نىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن توك سائىتىنىڭ سول ئاستىنقى تەرىپىدىكى بەلگىگە، يەنى1 كىلوۋات سائەت توكنى «ستاتىستىكىلاش» ئۈچۈن دىسكىنىڭ3000 قېتىم ياكى2400 قېتىم ئايلىنىدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر3000 قېتىم ئايلانسا،40 ۋاتلىق بىردانە لامپۇچكىنى25 سائەت، يەنى1500 مىنۇت يورۇتقاندا1 كىلوۋات سائەت توك سەرپ بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، توك سائىتىنىڭ دىسكىسى ھەر مىنۇتىغا: (قېتىم)2=1500÷3000 ئايلىنىدۇ. پەقەت40 ۋاتلىق بىر دانە لامپۇچكىنى يورۇتۇپ، دىسكىنىڭ بىر مىنۇتتىكى ئايلىنىش قېتىم سانىنى ئۆلچەپ چىقساقلا، توك سائىتىنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى