ئۆتكۈزگۈچ سىم
ئېلېكترون بىلىملىرى
ئۆيىمىزگە يېڭى بىر ئېلېكتر ئۈسكۈنىسىنى ئالساق، دائىم دېگۈدەك ئۆتكۈزگۈچ سىم تارتىپ، توكنى ئۆتكۈزگۈچ سىم ئارقىلىق بىخەتەر ھالدا ئېلېكتر ئۈسكۈنىسىگە كىرگۈزىمىز. ئۆتكۈزگۈچ سىم توكنى يېتەكلىگۈچى، يەنى باشلاپ ماڭغۇچىدۇر. ئەگەر ئۆتكۈزگۈچ سىم مۇۋاپىق تاللانمىسا، ئېلېكتر ئۈسكۈنىسى بىخەتەر ئىشلىيەلمەيدۇ.
ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئۆتكۈزگۈچ سىملارنىڭ ئۆزىكى، يەنى ئىچكى قىسمى ئومۇمەن مىس سىم ياكى ئاليۇمىن سىملاردىن ئىبارەت بولۇپ، سىرتى بىر قەۋەت ياكى بىرنەچچە قەۋەت ئىزولياتور (توك ئۆتكۈزمەيدىغان) قاپ بىلەن قاپلىنىدۇ، بۇنداق ئۆتكۈزگۈچ سىملار ئىزولياتسىيىلەنگەن ئۆتكۈزگۈچ سىم دەپ ئاتىلىدۇ. مۇشۇنداق بىر قەۋەت »سىرتقى كىيىمى« بار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆيلەردىكى ئېلېكتر چىراغلىرى يېنىپ تۇرغان چاغدىمۇ، قول بىلەن ئۆتكۈزگۈچ سىملارنى تۇتساق توك سوقۇۋەتمەيدۇ.
ئۆتكۈزگۈچ سىم ئۆزىكىنىڭ قاتتىق − يۇمشاقلىق دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئۆتكۈزگۈچ سىملار يەنە قاتتىق سىم ۋە يۇمشاق سىم دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. يۇمشاق سىملار نۇرغۇن تال ئىنچىكە (قىل) مىس سىمدىن ياسىلىپ سىرتى سۇلياۋ بىلەن قاپلانغان سىملاردىن ئىبارەت بولۇپ، دائىم دېگۈدەك يۆتكەپ تۇرۇلىدىغان ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىدە، مەسىلەن، ئېلېكتر چىراغلىرى ئېسىلىدىغان توك سىملىرى، توك دەزمال ۋە توك قازانلارنى مەنبەگە ئۇلاش سىملىرى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن، سىملارنىڭ چىرىپ توك قاچىدىغان بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نەم ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغان، مەسىلەن، تام - تورۇسلارنىڭ ئىچىگە ئورنىتىلىدىغان سىملارنى قوغداش ئۈچۈن، ئادەتتىكى ئىزولياتورلۇق توك سىملىرىنىڭ سىرتى پولات تۇرۇبا ياكى سۇلياۋ تۇرۇبا بىلەن قاپلىنىدۇ.
ئۆتكۈزگۈچ سىملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش شەكلى ۋە ئورۇنلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، تاللىنىدىغان ئۆتكۈزگۈچ سىملارنىڭ توم - ئىنچىكىلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئاشخانا ۋە مۇھىت تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغان ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئۆتكۈزگۈچ سىملار ماس ھالدا تومراق بولۇشى، تۇرۇبا ئىچىگە ئورنىتىلىپ قوغدىلىشى كېرەك. يېڭىدىن سېتىۋالغان ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، مەسىلەن، ئۈستەل چىرىغى، مىكرو دولقۇنلۇق دۇخوپكا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ توك مەنبە سىمى ۋە چاتقۇچى (شتېپسېلى) بولىدۇ، ئىشلەتكەن چاغدا بىرتال ئۆتكۈزگۈچ سىم تارتىپ قۇلايلىق بىر ئورۇنغا سىم ئۇلاش تاختىسى ئورنىتىش لازىم بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى ئېلېكتر چىراغلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئىنچىكە سىم ئىشلىتىلسە بىخەتەر بولماي قالىدۇ. ئەگەر مىكرو دولقۇنلۇق دۇخوپكىنىڭ قۇۋۋىتى1000 ۋات، كىرئالغۇنىڭ500 ۋات، توك دەزمالنىڭ300 ۋات بولۇپ، بۇ ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىلسە، توك نەچچە ئون ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ − دە، ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، ئۆتكۈزگۈچ سىم ئىنچىكە بولسا قارشىلىقى چوڭ بولىدىغانلىقتىن، توكنىڭ ئۆتۈشۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، قىزىشتىن ئۆتكۈزگۈچ سىمنىڭ سۇلياۋ «سىرتقى كىيىمى» كۆيۈپ كېتىدۇ. ئادەتتە بەزى ئۆتكۈزگۈچ سىملارنىڭ سۇلياۋ سىرتقى قېپىنىڭ كۆيۈپ قارىداپ كېتىشى، ئۇ سىملاردىن ئۆتكەن توكنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئائىلىلەرگە يېڭىدىن ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنى ئالغاندا، ئەسلىدىكى سىم ئۇلاش تاختىسىنىڭ سىمى بىلەن ئۆيگە كىرگۈزۈلگەن توك مەنبەسى سىمىنىڭ توم - ئىنچىكىلىكلىكىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
ئۆتكۈزگۈچ سىملارنىڭ سۇلياۋ «سىرتقى كىيىمى» ئۆتكۈزگۈچ سىملارنى قوغداش، توك قېچىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، تۆمۈر سىم، قوغۇشۇن سىملارنىڭ ئۈستىگە ئۆتكۈزگۈچ سىم ۋە ئېلېكتر چىراغلىرىنى ئارتماسلىق ياكى ئۆتكۈزگۈچ سىملارنى كىر يايىدىغان قوغۇشۇن سىملارنىڭ ئۈستىگە ئورىماسلىق لازىم. چۈنكى، ئۇنداق قىلغاندا ئۆتكۈزگۈچ سىملارنىڭ سىرتقى قېپى ئاسان ئۇپراپ توك قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ.