توك سوقۇشتىن ساقلىغۇچ
ئېلېكترون بىلىملىرى
بەزى توكلۇق ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىگە ئادەم ئېھتىياتسىزلىقتىن تېگىپ كېتىپ توك سوقۇش يۈز بەرسە توك مەنبەسى ئۆزلۈكىدىن ئۈزۈلۈپ، ئادەم بەدىنىنىڭ يارىلىنىش ھادىسىسى كېلىپ چىقمايدۇ، بۇ، ئۇلارغا توك سوقۇشتىن ساقلىغۇچ ئورنىتىلغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ.
توك سوقۇشتىن ساقلىغۇچتا بىر ئالاھىدە ترانسفورماتور بار بولۇپ، ئۇنىڭ رەسمىي نامى ئۆزئارا توك ئىندۇكسىيىلىگۈچ، ئۇنىڭ سىرى ئۇنىڭ بىرلەمچى (ئاساسىي) كاتۇشكىسىدا، ئۇنىڭ بىرلەمچى كاتۇشكىسى ئىككى تال سىمنى جۈپلەپ ئوراش ئارقىلىق ياسىلىپ، ئۇنىڭ بىر تېلى ئوت سىمغا، يەنە بىر تېلى نۆل سىمغا ئۇلىنىدۇ. نورمال ئەھۋالدا، بىرلەمچى كاتۇشكىنىڭ ئىككى تال سىمىدىكى توكنىڭ چوڭلۇقى تەڭ، يۆنىلىشى قارىمۇقارشى بولغانلىقتىن، ترانسفورماتورنىڭ تۆمۈر ئۆزىكىدە ھاسىل بولغان ماگنىتلىق خۇسۇسىيەت ئۆزئارا يېيىشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىككىلەمچى (قوشۇمچە) كاتۇشكىدا ئىندۇكسىيىلىك ئېلېكتر بېسىمى ھاسىل بولمايدۇ.
ئۇنداق بولسا، توك سوقۇشتىن ساقلىغۇچ نېمە ئۈچۈن ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزالايدۇ؟ ئەسلىدە ئادەمنىڭ بەدىنى توك ئۆتكۈزەلەيدۇ. مۇبادا ئادەمنىڭ بەدىنى ئوت سىمغا تېگىپ قالسا، بىر قىسىم توك ئادەم بەدىنى ئارقىلىق ئۆتۈپ بىۋاسىتە يەرگە كىرىپ كېتىدۇ، بىرلەمچى كاتۇشكىدىكى نۆل سىم ئارقىلىق قايتىپ كەتمەيدۇ. نەتىجىدە، ئوت سىمدىن ئۆتىدىغان توك چوڭ، نۆل سىمدىن ئۆتىدىغان توك كىچىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئىككىلەمچى كاتۇشكىدا ئىندۇكىسيىلىك توك ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئىندۇكسىيىلىك توك سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بولغان بىر ئۇلىغۇچ (ۋىكليۇچاتېل)، يەنى رېلېنى ئېلېكتر مەنبەسىدىن ئۈزۈۋېتەلەيدۇ. بۇ توك سوقۇشتىن ساقلىغۇچ توك سوقۇپ1 .0 سېكۇنت ئىچىدە توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتەلەيدۇ.220 ۋولت ئېلېكتىر بېسىمى ئاستىدا، بۇنداق قىسقا ۋاقىتلىق توك سوقۇش، ئادەم بەدىنىنى زەخىملەندۈرەلمەيدۇ.
توك سوقۇشتىن ساقلىغۇچنىڭ ئىچىدە يەنە بىر سىناش كۇنۇپكىسى بار بولۇپ، ئۇ خۇددى بىر نازارەتچىگە ئوخشايدۇ. بۇ سىناش كۇنۇپكىسىنى باسساق، بىر قىسىم توك باشقا بىر ئېلېكتر زەنجىرىدىن ئۆتىدۇ، بۇ خۇددى ئادەم بەدىنىنى توك سوققان ئەھۋالغا تەڭداش بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ توك سوقۇشتىن ساقلىغۇچنىڭ ئىشلىمەس بولۇپ قالغان - قالمىغانلىقىنى سىناشقا بولىدۇ.
توك سوقۇشتىن ساقلىغۇچنىڭ ئورنىتىلغانلىقىغا قاراپلا مۇتلەق بىخەتەر ئىكەن دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. چۈنكى، توك سوقۇشتىن ساقلىغۇچ پەقەت ئادەم يەر يۈزىدە تۇرغاندىكى توك سوقۇش ئەھۋالىنىلا «نازارەت» قىلالايدۇ. ئەگەر ئادەم بەدىنى بىلەن يەرنىڭ ئارىسى ئىزولياتسىيىلەنگەن (توك ئۆتكۈزمەس قىلىنغان) بولسا، توك سوقۇشتىن ساقلىغۇچ ئۇنىڭغا ئامال قىلالمايدۇ