UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىخەت - چەكلەرنى ئەينەن يوللاش ماشىنىسى

خەت - چەكلەرنى ئەينەن يوللاش ماشىنىسى

ئېلېكترون بىلىملىرى خەت - چەكلەرنى ئەينەن يوللاش ماشىنىسى (فاكس) كىشىلەرنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان خەتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچىغا ناھايىتى تېزلىكتە يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. بىر بەت سالام خەت قەغىزىگە يېزىلغان مەزمۇن، پەقەت20 سېكۇنت ئىچىدىلا شېنجېندىن بېيجىڭغا يوللىنىپ، ناھايىتى تېزلا خەت تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئالاھىدە ئۆلچەمدىكى خەت - چەك «ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى» غا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، خەت - چەك ئاپتوماتىك ھالدا يىرتىپ ئېچىلىدۇ. بۇ «خەت ساندۇقى» بولسا «خەت - چەكلەرنى ئەينەن يوللاش ماشىنىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ، فوتو ئېلېكترلىك ئەسۋاب ئارقىلىق خەتنى خەتمۇخەت، جۈملىمۇجۈملە «كۆرۈپ» چىقىپ، يورۇقلۇق سىگنالىنى ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى رادىئو دولقۇنى ئارقىلىق يىراققا تارقىتىپ، خەت - چەكنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ئاپتوماتىك ھالدا يوقىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوبۇل قىلىش ئۇچىدىكى خەت - چەكنى ئەينەن يوللاش ماشىنىسى قوبۇل قىلىپ ئالغان ئېلېكتر سىگنالىنى قايتىدىن يورۇقلۇق سىگنالىغا ئايلاندۇرىدۇ ھەمدە ئېلېكترونلۇق رەسىم تارتىش شەكلىنى قوللىنىپ، خەت يوللىغۇچىنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان خېتىنى ئۆلچەملىك قەغەزگە خاتىرىلەپ، ئاپتوماتىك ھالدا ئاغزىنى ئېتىدۇ (چاپلايدۇ)، ئۇنىڭدىن كېيىن ئادرېسى، ئىسىم فامىلىسى، خەتنىڭ مەزمۇنى خەت سالغۇچىنىڭكى بىلەن ئوپمۇ - ئوخشاش بولغان خەتنى چىقىرىپ بېرىدۇ. مەيلى قانچىلىك يىراقلىقتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، «ئېلېكترونلۇق پوچتىكەش» پەقەت نەچچە ئون سېكۇنت ۋاقىت ئىچىدىلا بىر پارچە خەتنى يوللاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولىدۇ. پوچتا ئىدارىسى ئېلېكترونلۇق خەت - چەكنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى ئالاھىدە تېز يوللانما شەكلىدە تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ قولىغا يەتكۈزىدۇ. ئەگەر خەت تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ ئۆزىدە خەت - چەكنى ئەينەن يوللاش ماشىنىسى بار بولسا، ئۇ ھالدا سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولىدۇ. خەت - چەكنى ئەينەن يوللاشتا، يوللاش ئارىلىقى ناھايىتى يىراق بولسىمۇ بولىدۇ.1980 - يىل6 - ئاينىڭ17 - كۈنى، ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىكى خەلقئارا پوچتا ئىدارىسىدىن سېلىنغان بىر پارچە خەت سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئېلېكترونلۇق خەت قىلىپ يوللىنىپ، قىسقىغىنا بىر مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە ئاتلانتىك ئوكياننى ھالقىپ ئۆتۈپ، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىگە يەتكۈزۈلۈش بىلەن، دۇنيا بويىچە تۇنجى «ئالەم خېتى» بولۇپ قالدى. خەت - چەكلەرنى ئەينەن يوللاش ماشىنىسىدىن پايدىلانغاندا، خەت - چەكلەرنى يوللاش تېخىمۇ تېز ھەم قۇلايلىق بولغۇسى.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى