UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىتەكشى تاختا شەكىللىك تېلېۋىزور

تەكشى تاختا شەكىللىك تېلېۋىزور

ئېلېكترون بىلىملىرى بۇ خىل تەكشى تاختا شەكىللىك تېلېۋىزورنىڭ چوڭلىرى بىر پارچە ماي بوياق رەسىمگە ئوخشايدۇ، ئۇنى تامغا ئېسىپ قويۇپ كۆرۈشكە بولىدۇ، كىچىكلىرى تاماكا قۇتىسىچىلىك بولۇپ، قولدا ئېلىپ يۈرىدىغان، ھەرىكەتچان «چاتما رەسىم» گە ئوخشايدۇ. بۇ خىل تېلېۋىزورنىڭ ئېكرانى ھەم تەكشى، ھەم نېپىز بولۇپ، يورۇقلۇق قانچە كۈچلۈك بولسا، تەسۋىر شۇنچە ئېنىق كۆرۈنىدۇ، ئۇنى ھەتتا قۇياش نۇرى ئاستىدىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. لېكىن، ئۇ ئادەتتىكى تېلېۋىزورلارغا قەتئىي ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭدا تەسۋىر كۆرسىتىش لامپىسى يوق. ئۇنىڭدا سۇيۇق كرىستال دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل غەلىتە تەسۋىر كۆرسىتىش ماتېرىيالى ئىشلىتىلگەن. سۇيۇق كرىستال بىر خىل غەلىتە بىرىكمە. ئۇ ھەم سۇيۇقلۇققا ئوخشاش ئاقالايدۇ، ھەم كرىستال جىسىملارغا ئوخشاش ئوپتىكىلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە، يەنە قىزىقارلىق ئىككى خىل مىجەزگە ئىگە. بىرىنچىسى، سۇيۇق كرىستالنىڭ مولېكولىلىرى رەتلىك ھەم تەرتىپلىك تىزىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ سۈزۈك بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا تۇراقلىق توك مەيدانى قوشۇلسا، مولېكولىلىرىنىڭ تىزىلىشى بۇزۇلۇپ كېتىپ سۈزۈكلۈكى يوقىلىدۇ. ئىككىنچىسى، سۇيۇق كرىستالغا بەزى بوياق ماتېرىياللىرىنى قوشۇپ، توك ئۆتكۈزىدىغان ئەينەكنىڭ ئۈستىگە قويساق، توك ئۆتكەندىن كېيىن رەڭگى روشەن ھالدا ئۆزگىرىدۇ. سۇيۇق كرىستالنىڭ بۇ ئىككى ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، رەقەم ۋە تەسۋىرلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ كۆرسەتكىلى بولىدۇ. تەكشى تاختا شەكىللىك تېلېۋىزورنىڭ سۇيۇق كرىستاللىق كۆرسىتىش تاختىسىنىڭ تۈزۈلۈشى قات - قات پېچىنىگە ئوخشاپ كېتىدۇ: ئەڭ سىرتقى قەۋىتى بىر پارچە تەكشى يۈزلۈك ئەينەك، ئىككنچى قەۋىتى تىك قويۇلغان ئېلېكتر قۇتۇپى، ئۈچىنچى قەۋىتى توك ئۆتكۈزمەيدىغان (ئىزولياتور) قەۋەت، تۆتىنچى قەۋىتى سۇيۇق كرىستال، بەشىنچى قەۋىتى يەنە توك ئۆتكۈزمەيدىغان قەۋەت، ئالتىنچى قەۋىتى توغرىسىغا قويۇلغان ئېلېكتر قۇتۇپى، ئەڭ ئاخىرقى بىر قەۋىتى قوغدىغۇچى پەردە. يەنى سۇيۇق كرىستال ئىككى توك ئۆتكۈزمەس قەۋەتنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلىدۇ، ئىككى توك ئۆتكۈزمەس قەۋەتنىڭ سىرتىغا تىك ۋە توغرىسىغا قويۇلغان ئىككى گۇرۇپپا ئېلېكتر قۇتۇپلىرى جايلاشتۇرۇلغان. ئېلېكتر قۇتۇپلىرى سۈزۈك ھەم توك ئۆتكۈزىدىغان نېپىز پەردىدىن ياسالغان. ئادەتتىكى تېلېۋىزورلاردىكى سۈرەت تەسۋىر كۆرسىتىش لامپىسىدىكى ئېلېكترونلار دەستىسىنىڭ يالتىراق ئېكراندا ئوڭ - سولغا يېيىلىشىدىن شەكىللىنىدۇ. تەكشى تاختا شەكىللىك سۇيۇق كرىستاللىق تېلېۋىزورلاردا بولسا، تىك ۋە توغرىسىغا كېسىشتۈرۈپ جايلاشتۇرۇلغان رەخت توقۇش ماشىنىسىدىكى تىك ۋە توغرىسىغا تارتىلغان يىپلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئېلېكتر قۇتۇپلىرىدىن تەسۋىر شەكىللىنىدۇ. ياپونىيىدە ئىشلەپچىقىرىلغان6 دىيۇيم (ئىنگلىز سۇڭى) لىق سۇيۇق كرىستاللىق تېلېۋىزورنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ تەسۋىر كۆرسىتىش تاختىسىدا320 تال تىك ئېلېكتر قۇتۇپى،240 تال توغرا ئېلېكتر قۇتۇپى بار. بۇ تىك (بويىغا) ۋە توغرىسىغا قويۇلغان ئېلېكتر قۇتۇپلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا توپ زەنجىر (توپلاشتۇرۇلغان توك يولى) ئارقىلىق تىزگىلىنىدۇ. توك ئۆتكەن چاغدا تىك ھەم توغرىسىغا قويۇلغان ئېلېكتر قۇتۇپلىرىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا ئېلېكتر مەيدانى ھاسىل بولۇپ، شۇ نۇقتىدىكى سۇيۇق كرىستالنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئېلېكتر بېسىمىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئەگىشىپ، سۇيۇق كرىستالدىكى رەڭنىڭ قېنىق - سۇسلۇقى ۋە يورۇق - غۇۋالىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.320 تال تىك ئېلېكتر قۇتۇپى بىلەن240 تال توغرا ئېلېكتر قۇتۇپى6 دىيۇيملىق كۆرسىتىش تاختىسىدا76 مىڭ800 دانە زىچ كېسىشىش نۇقتىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. يورۇقلۇق دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان بۇ كېسىشىش نۇقتىلىرى ئوخشاش بولمىغان خىلمۇخىل تەسۋىرلەرنى ھاسىل قىلىدۇ، كېسىشىش نۇقتىلىرى قانچە كۆپ بولسا، تەسۋىر شۇنچە ئەينەن بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى