UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىئاپتوماتىك كود تەرجىمە قىلىش ماشىنىسى

ئاپتوماتىك كود تەرجىمە قىلىش ماشىنىسى

ئېلېكترون بىلىملىرى بۇرۇن تېلېگرامما يوللىغاندا، تۆت دانە ئەرەب رەقىمى بىر خەنزۇچە خەتكە ۋەكىللىك قىلاتتى، ئۇ «تىك - تاك، تىك - تاك» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ تارقىتىلاتتى. تېلېگرامما خادىمى تېلېگراممىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى تېلېگرامما تەرجىمە قىلغۇچىغا بېرەتتى - دە، تەرجىمان ئۇنى خەنزۇچە خەتكە تەرجىمە قىلىپ، تېلېگرامما قوبۇل قىلغۇچىغا يوللاپ بېرەتتى. شۇنداق قىلىپ يوللىغان ۋە قوبۇل قىلغان تېلېگرامما مەزمۇنىنى تەرجىمە قىلىشقا ھەم ۋاقىت، ھەم ئادەم كۈچى سەرپ بولۇپلا قالماي، ئاسان خاتالىق كېلىپ چىقاتتى. ھازىر تېلېگرامما يوللاش ئاپپاراتلىرىدا ئاپتوماتىك كود تەرجىمە قىلىش ماشىنىسى ئىشلىتىلگەچكە ئىنتايىن قۇلايلىق بولۇپ كەتتى. بۇ خىل ماشىنا كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى خەت ساقلىغۇچ، ۋاقىت ئېلېكتر زەنجىرى، يېيىپ تەكشۈرگۈچ ۋە چىقىرىش ئۈسكۈنىسىدىن تۈزۈلىدۇ. كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى خۇددى توشۇغۇچى خادىمغا ئوخشاش بولۇپ، يىراقتىن كەلگەن تېلېگراممىلارنى ئۈزلۈكسىز ھالدا كود تەرجىمە قىلىش ماشىنىسىغا يوللاپ بېرىدۇ. قارشى تەرەپتىن كەلگەن تۆت رەقەملىك تېلېگراممىغا ئاساسەن، ئالدى بىلەن تۆشۈك تېشىش ماشىنىسى قەغەز لېنتىغا ماس بولغان تۆشۈكلەرنى تېشىدۇ، بۇ ئوخشاش بولمىغان تۆشۈكلەر تېشىلگەن قەغەز لېنتا «فوتو ئېلېكترلىك ئوقۇش ماشىنىسى» دىن ئۇچقاندەك ئۆتكەن چاغدا، ئېلېكتر ئىمپۇلسى ھاسىل بولۇپ، «تىك - تاك، تىك - تاك» قىلغان سىگنالغا ئوخشاش سىگنال چىقىدۇ - دە، خەت ساقلىغۇچقا خەۋەر بېرىدۇ. خەت ساقلىغۇچ خۇددى بىر تىرىك تېلېگراف كودى قوللانمىسىغا ئوخشاش بولۇپ، مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان كىچىك ماگنىت ئۆزەكلەرگە تايىنىپ ئۇچۇر ساقلايدۇ، ئۇنىڭدا10 مىڭ دانە خەنزۇچە خەت،26 دانە ئىنگلىزچە ھەرپ،10 دانە ئەرەب رەقىمى ۋە دائىم ئىشلىتىلىدىغان شەرتلىك بەلگىلەر بار. كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى بىر تېلېگراممىنىڭ تۆت رەقىمىنى كىرگۈزسە، ئۇ ماس بولغان خەتنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا بەلگە قويۇپ، تەكشۈرۈشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ۋاقىت زەنجىرى خۇددى بىر «باشقۇرغۇچى خادىم» غا ئوخشاش بولۇپ، ئۇ كىشىلەر ئالدىنئالا تۈزۈپ قويغان ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن، ھەرقايسى قىسىملارنىڭ خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىدۇ. خەت ساقلىغۇچ خەنزۇچە خەتنى تېپىپ چىققاندىن كېيىن، ۋاقىت زەنجىرى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئۈچۈن يېيىپ تەكشۈرگۈچكە خەۋەر قىلىدۇ. تەكشۈرۈپ توغرا ئىكەنلىكى بېكىتىلگەندىن كېيىن، بۇ خەتنىڭ سىگنالى چىقىرىش ئۈسكۈنىسىگە يوللاپ بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ساقلىغۇچتا قويۇلغان بەلگە ئۆچۈرۈۋېتىلىدۇ. چىقىرىش ئۈسكۈنىسى خۇددى بىر خەت يازغۇچى خادىمغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇ يېيىپ تەكشۈرگۈچ تەكشۈرۈپ چىققان خەت ئۇچۇرىنى تېلېگرامما قەغىزىگە «يېزىپ» چىقىدۇ، مانا بۇ كىشىلەر كۆرىدىغان تېلېگرامما مەزمۇنىدىن ئىبارەت. كود تەرجىمە قىلىش ماشىنىسى پۈتۈنلەي ئېلېكترونلۇق دېتاللار بىلەن قوراللانغان، شۇنىڭ ئۈچۈن تەرجىمە قىلىش ۋە بېسىش سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا مىنۇتىغا2800 دىن ئارتۇق خەنزۇچە خەتكە يېتىدۇ، بۇ كىشىلەر قولدا ئىشلىگەنگە قارىغاندا نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، خاتالىق يۈز بېرىش نىسبىتى100 مىڭدىن1 دىنمۇ تۆۋەن.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
ئاپتوماتىك كود تەرجىمە قىلىش ماشىنىسى | UyghurWiki | UyghurWiki