UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىكومپيۇتېر

كومپيۇتېر

ئېلېكترون بىلىملىرى پەندە نۇرغۇن مۇرەككەپ ھېسابلاش مەسىلىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئادەم كۈچى بىلەن ھېسابلانسا نەچچە يىل ۋاقىت كەتسە، كومپيۇتېر ئارقىلىق ھېسابلىغاندا پەقەت بىر - ئىككى سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ ئېلېكترون لامپىغا ئوخشاپ كېتىدىغان نۇرغۇن «ئۇلاپ - ئۈزگۈچى دېتاللىرى» بار بولۇپ، نەچچە يۈز مىليوندىن بىر سېكۇنت ۋاقىت ئىچىدە بىر قېتىم ئۇلاپ - ئۈزەلەيدۇ. كىشىلەر «ئۇلاش» بىلەن «ئۈزۈش» تىن ئىبارەت ئىككى خىل ھالەتتىن پايدىلىنىپ رەقەم0 بىلەن1 نى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن، ئۇلاپ - ئۈزگۈچى دېتاللارنىڭ پەقەت «ئۇلاش» بىلەن «ئۈزۈش» تىن ئىبارەت ئىككى خىللا ھالىتى بار،0 بىلەن1 دىن باشقا قالغان2 ،3 ، ....9 قاتارلىق رەقەملەرنى قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار بىر خىل ئالاھىدە ئىككىلىك سىستېما بويىچە سان خاتىرىلەش ئۇسۇلىنى، يەنى «ئىككىگە توشقاندا ئالدىنقى خانىغا بىر قوشۇلۇش» تىن ئىبارەت ھېسابلاش ئۇسۇلىنى قوللاندى. شۇنىڭ بىلەن2 ،3 ، ...،9 قاتارلىق سانلارنى0 بىلەن1 ئارقىلىق ئىپادىلەش مۇمكىن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى باشقا سانلارنىمۇ ئىپادىلەش مۇمكىن بولدى. مەسىلەن،2 بولسا «10» بىلەن ئىپادىلەندى،3 بولسا »11« قىلىپ يېزىلدى،13 دېگەن بۇ سان «1101» غا ئايلاندى، «1000» بولسا8 گە ۋەكىللىك قىلدى، «100» بولسا4 كە ۋەكىللىك قىلدى. كومپيۇتېرنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى ئادەملەرنىڭ ھېسابلاش جەريانىغا ناھايىتى ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغىمۇ خاتىرىلەش دەپتىرى، چوت ۋە قەلەم لازىم بولىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ خاتىرىلەش دەپتىرى ساقلىغۇچ دەپ ئاتىلىدۇ. ھېسابلاش ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، خۇددى بىز ھېسابلىنىدىغان مەسىلىنى ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلىنى قەغەزگە يېزىۋالغىنىمىزغا ئوخشاش، چوقۇم ھېسابلىنىدىغان سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ھېسابلاش قەدەم باسقۇچلىرىنى ئالدى بىلەن ساقلىغۇچقا كىرگۈزۈۋېلىشىمىز كېرەك. ھېسابلىغۇچ خۇددى بىر ئالاھىدە ئېلېكترونلۇق چوتقا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق قىسىملىرى قوزغاتقۇچ، رېگىستېر (ئامانەت قويغۇچ) ۋە قوشقۇچتىن ئىبارەت. قوزغاتقۇچ «چوت ئۇرۇقلىرى» غا تەڭداش بولۇپ، كومپيۇتېر تىزگىنلىگۈچىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ساقلىغۇچتىن سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلىپ، ھېسابلىنىدىغان سانلار بىلەن نەتىجىنى رېگستېرگە قويۇپ تۇرۇپ، قوشقۇچ ئارقىلىق قوشۇش ئەمىلىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، ھېسابلاشتىن چىققان نەتىجىنى ساقلىغۇچتىن ئىبارەت بۇ «خاتىرە دەپتەر» گە يېزىپ ساقلاپ قويىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ «قەلىمى» كىرگۈزگۈچ ۋە چىقارغۇچ دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە دائىم ئىشلىتىلىدىغان كىرگۈزگۈچلەردىن كۇنۇپكا تاختىسى، ماگنىت دىسكىلىق ماشىنا، ماگنىت لېنتىلىق ماشىنا، مائۇس قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئەڭ يېڭى تىپتىكى كىرگۈزگۈچ باشقۇرغۇچى خادىمنىڭ ئاۋازىنى بىۋاسىتە كومپيۇتېر پەرقلەندۈرەلەيدىغان ۋە ئىجرا قىلالايدىغان بۇيرۇققا ئايلاندۇرالايدۇ. چىقارغۇچ ئاساسلىقى كۆزەتكۈچ، ماگنىت دىسكىلىق ماشىنا، ماگنىت لېنتىلىق ماشىنا، بېسىش ماشىنىسى، سىزىش ماشىنىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كومپيۇتېرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلىدىغان بۇيرۇق ۋە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى ئىككىلىك سىستېمىدىكى رەقەملەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. كومپيۇتېر ئىچىدىكى ساقلىغۇچنىڭ بۇ بۇيرۇق ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى قوبۇل قىلىشى، خۇددى قەلەم ئارقىلىق ساقلىغۇچتىن ئىبارەت بۇ خاتىرە دەپتىرىگە خاتىرىلەپ قويغانغا ئوخشاش بولۇپ، كومپيۇتېر بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى بىرتەرەپ قىلىپ ۋە ھېسابلاپ بولغاندىن كېيىن، نەتىجىنى يەنە ئىككىلىك سىستېمىدىكى رەقەملەر بويىچە چىقارغۇچقا يوللاپ بېرىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتى تېز، خىزمىتى ئىشەنچلىك بولۇپ، ھېسابلاش ۋە لايىھىلەشتە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىپلا قالماستىن، سانائەتتە ئاپتوماتىك تىزگىنلەشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. كومپيۇتېر خەتنى رەقەمگە، رەقەمنى يەنە خەتكە ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، بىر خىل تىلنى يەنە بىر خىل تىلغا تەرجىمە قىلالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
كومپيۇتېر | UyghurWiki | UyghurWiki