UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىتەبىئىي شامالدەك شامال چىقىرىدىغان توكلۇق يەلپۈگۈچ

تەبىئىي شامالدەك شامال چىقىرىدىغان توكلۇق يەلپۈگۈچ

ئېلېكترون بىلىملىرى بىر خىل توكلۇق يەلپۈگۈچ بار بولۇپ، ئۇ، ئامەت يەلپۈگۈچ دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ پالاقلىرى ئايلانغاندا ھاسىل بولغان شامال بىۋاسىتە پۈركۈلۈپ چىقماستىن، بەلكى بىر ئايلىنىدىغان پالاقلىق چاقنى ئايلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شامالنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگىرىپ، كىشىلەرگە غۇر - غۇر مەيىن شامال تۇيغۇسىنى بېرىدۇ. مانا بۇ مېخانىك شەكىلدىكى تەبىئىي شامالدەك شامال چىقىرىدىغان توكلۇق يەلپۈگۈچتىن ئىبارەت. نۇرغۇن يېڭى تىپتىكى توكلۇق يەلپۈگۈچلەردە ئېلېكترونلۇق دېتاللاردىن پايدىلىنىپ تىزگىنلەش ئارقىلىق ئۆزگىرىشچان شامال چىقىرىلىدۇ. بۇ ئېلېكترونلۇق دېتال ئەمەلىيەتتە بىر ئېلېكترونلۇق ئۇلىغۇچ بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇلىنىپ تۇرۇش ۋاقتى تەخمىنەن4 -12 سېكۇنت، ئۈزۈلگەن ھالەتتە تۇرۇش ۋاقتى4 سېكۇنت بولىدۇ. مۇشۇنداق بىر ئۇلاپ، بىر ئۈزۈش ئارقىلىق تىزگىنلەنگەنلىكتىن، يەلپۈگۈچ توختاپ - توختاپ ئىش قىلىپ، كۈچلۈك - ئاجىزلىقى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان شامال چىقىرىدۇ، بۇ تەبىئىي غۇر - غۇر شامالغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقتىن، كىشىلەر تەبىئىيلىك ھېس قىلىدۇ. لېكىن، بۇ توكلۇق يەلپۈگۈچلەرنىڭ چىقارغان شامىلى قانۇنىيەتلىك بولۇپ، تەبىئىي شامالدىن يەنىلا خېلى چوڭ پەرقلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تەبىئىي شامالنىڭ بىردەم كۈچلۈك، بىردەم ئاجىز بولۇپ چىقىشىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ياكى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇپ، ئۆزگىرىشى قانۇنىيەتلىك بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنژېنېرلار يەنە ئېلېكترون زەنجىرى ئارقىلىق تىزگىنلىنىدىغان »تەبىئىي شاماللىق توكلۇق يەلپۈگۈچ«نى لايىھىلەپ چىقتى، ئۇنىڭدا كۆپ خىل مۇزىكىلىق توپ زەنجىرنىڭ مۇزىكا سىگنالىنى تەبىئىي شامالغا تەقلىد قىلىنغان (ئوخشىتىدىغان) سىگنال قىلىپ ئىشلەتتى. ئاددىي مۇزىكىلىق توپ زەنجىرنى ئېلېكترونلۇق قول سائەت ۋە مۇزىكىلىق يېڭى يىلنى تەبرىكلەش ئاتكرىتكىسى قاتارلىقلاردا ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئۇلارنى توك مەنبەسىگە ئۇلىساق، رىتىمى خىلمۇخىل ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان يېقىملىق مۇزىكىلار چىقىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ سىگنالىنى كۈچەيتىپ، ئۇنى تىزگىنلەش زەنجىرىگە تەسىر قىلدۇرساق، توكلۇق يەلپۈگۈچ ماشىنىسىنىڭ ئىشلەش ئېلېكتر بېسىمى مۇزىكا رىتىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يەلپۈگۈچ پالاقلىرىنىڭ ئايلىنىش تېزلىكىدە ياكى شامال مىقدارىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىدە ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدۇ. بۇرىغۇچنى بۇراش ئارقىلىق مۇزىكىنىڭ ئورۇندىلىنىشىنىڭ تېز - ئاستىلىقىنى خالىغان ۋاقىتتا ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈنچى شامال ئارىلىقىنىمۇ تىزگىنلەشكە بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، يەلپۈگۈچ چىقارغان شامال بىردەم كۈچلۈك - بىردەم ئاجىز، ئارىلىق ئۆزگىرىشىمۇ قانۇنىيەتسىز بولىدۇ - دە، تەقلىدىي تەبىئىي شامال (تەبىئىي شامالغا ئوخشاپ كېتىدىغان شامال) چىقىرىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. يەنە بىر خىل تەبىئىي شاماللىق توكلۇق يەلپۈگۈچ بار بولۇپ، ئۇ، كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ تەقلىد قىلىدۇ، شۇڭا ئەقلىي ئىقتىدارلىق توكلۇق يەلپۈگۈچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ مىكرو ئېلېكترونلۇق مېڭىسىدە نۇرغۇن پروگراممىلار ساقلانغان بولۇپ، بۇ پروگراممىلار مۇزىكا سىگنالىغا ئوخشاش يەلپۈگۈچنىڭ تېزلىكىنىڭ پەللە سانى (خوت سانى) بىلەن ۋاقىتنى تەرتىپسىز قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ، نەتىجىدە «تەبىئىي شامال» ھاسىل بولىدۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەقلىد قىلىش يەنە بىرنەچچە خىل ئوخشاش بولمىغان «تەبىئىي شامال» ھاسىل قىلالايدۇ. بۇ خۇددى بۇرۇنقى بىر مۇزىكىنى ئاساسىي ئاھاڭ قىلىپ، ئۇنىڭغا يەنە يېڭى مېلودىيە قوشۇپ، «ۋارىئاتسىيىلىك مۇزىكا» ئىجاد قىلغانغا ئوخشاش، تېزلىك پەللىسىنى ۋە ۋاقىت ئارىلىقىنى تېخىمۇ قانۇنىيەتسىزلەشتۈرۈپ، توكلۇق يەلپۈگۈچىنىڭ چىقارغان شامىلىنى تەبىئىي شامالغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر تەبىئىي مۇھىتتا تۇرۇۋاتقاندەك سالقىنلىق ھېس قىلىدۇ
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
تەبىئىي شامالدەك شامال چىقىرىدىغان توكلۇق يەلپۈگۈچ | UyghurWiki | UyghurWiki