يۈز مىليون قېتىملىق كومپيۇتېر
ئېلېكترون بىلىملىرى
1983 - يىل11 - ئايدا، مەملىكىتىمىز10 مىليون قېتىملىق دەرىجىدىكى كومپيۇتېرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، ئاندىن قىسقىغىنا بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، يەنە100 مىليون قېتىملىق «سامانيولى» ناملىق گىگانت كومپيۇتېر دۇنياغا كېلىش بىلەن، كومپيۇتېر دۇنياسىنىڭ ئاجايىپ تېز سۈرئەتلىك رېكورتى يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇنىڭ تەتقىق قىلىنىپ ياسىلىشى يەنە بىر قەدىمكى رىۋايەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن!
قەدىمكى زاماندا چۈەن شىن ئىسىملىك بىر ياش پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ ماتېماتىكىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن. بىرقېتىم ئۇ قوشنا دۆلەتنىڭ لى چۈنجېننەن ئىسىملىك بىر چىرايلىق مەلىكىسىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا توي قىلىش ئىلتىماسىنى قويۇپتۇ. مەلىكىنىڭ خېلى بۇرۇنلا بۇ پادىشاھنىڭ ماتېماتىكا تالانتىغا كۆزى چۈشۈپ يۈرگەنىكەن، لېكىن ئۇ پادىشاھنىڭ ئەمەلىي قابىلىيىتىنى سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ15 خانىلىق بىر ساننىڭ بىر ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىسىنى تېپىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ پادىشاھ بىر كىچىك قارا دوسكىنى تېپىپ، بىر - بىرلەپ كۆرسىتىش ئۇسۇلى بويىچە ھېسابلاش ئېلىپ بېرىپتۇ، يەنى بېرىلگەن بۇ ساننى2 ،3 ،5 ،7 ، ... لارغا بۆلۈپتۇ. بۇ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچى8 خانىلىق سان بولغانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھ ھەرقانداق قىلىپمۇ ھېسابلاپ چىقىرالماپتۇ. ئىككىنچى كۈنى، مەلىكە پادىشاھقا ئىككى ساننى بېرىپ، ئۇلارنىڭ كۆپەيتمىسى قايسى15 خانىلىق سان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلىپتۇ، پادىشاھ ئۇنى ناھايىتى تېزلا ھېسابلاپ چىقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەلىكە: »قارىغاندا ھېسابلاش (求) ئىسپاتلاش(证) تىن تەس ئىكەن، سەن ماڭا توي قىلىش تەلىپى(婚求) نى قويۇشقا لايىق ئەمەس ئىكەنسەن، پەقەت مېنىڭ تويۇمنىڭ گۇۋاھچىسى (人婚证) بولۇپ بەرسەڭلا بولغۇدەك« دەپتۇ.
پادىشاھ مەلىكىدىن ئۆزىگە ئاخىرقى بىر قېتىم توي قىلىش تەلىپىنى قويۇش پۇرسىتى بېرىشىنى تەلەپ قىلىپتۇ، مەلىكە بۇنىڭغا ماقۇل بوپتۇ. پادىشاھ باش ۋەزىر كوڭ خۇەنشىدىن مەسلىھەت سوراپتۇ. بۇ ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىمى پادىشاھقا مۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ: پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇقرالارنى10 جۈن (كورپۇس) گە، ھەربىر جۈننى10 شى (دىۋىزىيە) غا، ھەربىر شىنى10 تۇەن (پولك) ... گە بۆلۈڭ، ھەربىر بەن (ئوتدېلېنىيە) دە10 ئادەم بولسۇن. مۇشۇنداق قىلغاندا، ھەربىر پۇقراغا بىر8 خانىلىق رەت نومۇرى (جۈن، شى ... بەن، ئادەم نومۇرى) توغرا كېلىدۇ. پادىشاھ مەلىكىنىڭ سوئالىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشى بىلەنلا، دەرھال پۈتۈن مەملىكەتكە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ بېرىلگەن ساننى ھەربىر پۇقرا ئۆزىگە توغرا كەلگەن رەت نومۇرىغا بۆلسۇن ھەمدە نەتىجىنى دەرىجىمۇدەرىجە يۇقىرىغا يوللىسۇن، دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇقرالارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، ئاخىر مەلىكىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىپتۇ.
بۇ ھېكايە كىشىلەرگە بىر ئاددىي قائىدىنى ئېيتىپ بېرىدۇ: بوش، تارقاق ھېسابلاش بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ، قىممەتلىك ھېسابلاش ۋاقتىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. پادىشاھ بىر قېتىملىق ھېسابلاشنى تاماملىغان ۋاقىتتا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇقرالار تەڭلا100 مىليون قېتىملىق ھېسابلاشنى تاماملايدۇ. باش ۋەزىر ئىشلەتكەن بۇ خىل تېز سۈرئەتلىك ھېسابلاش ھازىر »پاراللېل ھېسابلاش ئۇسۇلى« دەپ ئاتىلىدۇ.
پاراللېل ھېسابلاش ئۇسۇلى قوللىنىلغان كومپيۇتېرلار سىستېمىسى كۆپ گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار ئۈستىدە بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بىر خىل ھېسابلاشنى ئېلىپ بارالايدۇ، بۇ، «ۋېكتور كومپيۇتېر» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىر خىل ئۇسۇل بار بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر مىكرو تىپلىق كومپيۇتېر ھېسابلىغۇچى خادىم ئورنىدا ئىشلىتىلىپ، بىر مۇرەككەپ كومپيۇتېرلار سىستېمىسى تۈزۈلىدۇ، بۇنىڭدىمۇ ھېسابلاش تېزلىكىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئالدىنقىسى يىغىپ ساقلايدۇ، ئىشلىتىشكە قۇلايلىق، ئۈنۈمى يۇقىرى، ھېسابلاش دائىرىسى كەڭ؛ كېيىنكىسى تارقاق ساقلايدۇ، زىيادە چوڭ كۆلەملىك توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتر زەنجىرىنى ئىشلىتىدۇ، سىستېمىنى كېڭەيتىشكە ئەپلىك. دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا خادىملىرى ئىككىسىنى ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئارتۇقچىلىقنى قوبۇل قىلىپ كەمچىلىكنى تۈگىتىپ، بىر - بىرىنى تولۇقلاش ئارقىلىق ئۈنۈمىنى كۆتۈرۈپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىلغار سەۋىيىگە ئىگە بولغان100 مىليون قېتىملىق كومپيۇتېرنى ياساپ چىقتى.