UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىتوك كورا

توك كورا

ئېلېكترون بىلىملىرى توك كورىدا تاماق ئېتىش ئادەتتىكى قازانلاردا تاماق ئەتكەنگە قارىغاندا قۇلايلىق ھەم بىخەتەر بولىدۇ. پەقەت گۈرۈچنى يۇيۇپ سېلىپ، ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ، قاپقىقىنى يېپىپ، تېزگىنلەش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا، ئۇ، تاماقنى ئۆزلۈكىدىن پىشۇرىدۇ ھەمدە ئۇنى ئىستېمال قىلىشقا لايىق بولغان ℃60 تېمپېراتۇرىدا ساقلايدۇ. توك كورىنىڭ سىرتقى قېپى چىرايلىق سىرلىق (ئېماللىق) قاچىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىچىگە ئاليۇمىندىن ياكى داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان كورا سېلىنىدۇ. كورىنىڭ تېگىدە توك ئارقىلىق قىزىيدىغان دۈگىلەك دىسكا بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھالقىسىمان نەيچە شەكىللىك قىزدۇرغۇچ ئورنىتىلىدۇ. ئۇنى توك مەنبەسىگە ئۇلىساق ، توك ئوچاققا ئوخشاش تاماقلارنى پىشۇرىدۇ. توك كورىغا ماگنىتلىق ئۇلىغۇچ (كەيگۇەن)بىلەن قوش مېتال پلاستىنكىلىق تېرموستات (تېمپېراتۇرا تۇراقلاشتۇرغۇچ) تىن ئىبارەت ئىككى ئاپتوماتىك قۇرۇلما ئورنىتىلغان بولىدۇ. ماگنىتلىق ئۇلىغۇچ بولسا تېمپېراتۇرا سېزىدىغان ماگنىتلىق پولات (يۇمشاق ماگنىت) نىڭ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ تېمپېراتۇرىغا ئەگشىپ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇلىغۇچنى باشقۇرىدۇ. تاماق پىشىشنىڭ ئالدىدا كورا ئىچىدە سۇ بار بولغانلىقى ئۈچۈن كورا ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃100 تىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. تېمپېراتۇرا سەزگۈچى ماگنىتلىق پولات يەنىلا ماگنىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، توك مەنبەسىنىڭ ئۇلىغۇچى يەنىلا «ئۇلانغان» ھالەتتە تۇرىدۇ. تاماق پىشقان چاغدا كورا ئىچىدىكى سۇ تۈگەپ، تېمپېراتۇرا ℃100 تىن ئېشىپ كېتىدۇ، كورىنىڭ تېگىگە تېگىپ تۇرغان تېمپېراتۇرا سەزگۈچى ماگنىتلىق پولاتنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ ئۆرلەپ، ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتى تېزلا ئاجىزلاپ كېتىدۇ - دە، مەڭگۈ ماگنىت جىسىم پىشاڭلىق رولى ئارقىلىق نەيچە شەكىللىك قىزدۇرغۇچنىڭ ئېلېكتر زەنجىرىنى ئۈزۈۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن توك كورىنىڭ توكى ئۈزۈلۈپ، تاماقنىڭ پىشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قوش مېتال پلاستىنكىلىق تېرموستات ئىسسىقلىقتىن كېڭىيىش كوئېففىتسېنتى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل نېپىز مېتال پلاستىنكىدىن ياسىلىدۇ. كورىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىگەن چاغدا، ئىسسىقلىقتىن كېڭىيىش كوئېففىتسېنتى چوڭراق بولغان بىر تەرىپىنىڭ ئۇزىرىشى چوڭراق بولىدۇ ھەمدە ئىسسىقلىقتىن كېڭىيىش كوئېففىتسېنتى كىچىك بولغان تەرىپىگە قارىتا ئېگىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىككى تېگىشىش نۇقتىسى بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ، توك كورىنىڭ توكى ئۈزۈلىدۇ ۋە تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەيدۇ. تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەن چاغدا، ئىككى مېتال پلاستىنكا يەنە ئەسلىگە كېلىپ، ئىككى تېگىشىش نۇقتىسى قايتا بىر - بىرىگە تېگىش بىلەن توك ئۇلىنىدۇ. مۇشۇنداق قايتىلىنىشلار سەۋەبىدىن توك كورىنىڭ تېمپېراتۇرىسى℃60 − ℃70 ئەتراپىدا ساقلىنىدۇ. توك كورىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، كورىنىڭ تاشقى قېپىنى سۇ تۇرۇبىسىنىڭ تېگىگە قويۇپ سۇ بىلەن يۇيۇشقا بولمايدۇ، پەقەت توكتىن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ھۆل لاتا بىلەن سۈرتۈشكىلا بولىدۇ. ئەگەر سۇ تۇرۇبىسىنىڭ ئاستىغا قويۇپ يۇساق، توك مەنبەسىگە ئۇلىنىدىغان چېتىلغۇچ بار ئورۇننىڭ ئەتراپىدىكى يوچۇقلاردىن كورا تېگىگە سۇ كىرىپ كېتىپ، توك ئارقىلىق قىزىيدىغان دېتاللارنىڭ ئىزولياتسىيىلىك (توك ئۆتكۈزمەسلىك) خۇسۇسىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ - دە، ئاسان توك قېچىش خەتىرى كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى