UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىپروگراممىلىق تېلېفون

پروگراممىلىق تېلېفون

ئېلېكترون بىلىملىرى تېلېفون ئىدارىسىدە بىر ئەسۋاب بار بولۇپ، ئۇ ھەرقانداق ئىككى تېلېفوننى بىر - بىرىگە ئۇلاپ بېرەلەيدۇ، بۇ ئەسۋاب تېلېفون ئالماشتۇرغۇچ (كوممۇتاتور) دەپ ئاتىلىدۇ. ئالماشتۇرغۇچ بولسا ئادەم باشقۇرىدىغان ئالماشتۇرغۇچ، ئاپتوماتىك ئالماشتۇرغۇچ ۋە پروگرامما ئارقىلىق تىزگىنلىنىدىغان (يەنى پروگراممىلىق) ئالماشتۇرغۇچتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. ئادەم باشقۇرىدىغان ئالماشتۇرغۇچنىڭ تېلېفون سىستېمىسىدا، تېلېفوننى قولغا ئېلىش بىلەنلا، ئالماشتۇرغۇچتىكى چىراغ يورۇيدۇ، ئۇلىغۇچى خادىم چاقىرىشقا ياردەملىشىپ، تېلېفوننى ئالماشتۇرۇپ ئۇلاپ بېرىدۇ - دە، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا سۆزلىشىدۇ. ئاپتوماتىك ئالماشتۇرغۇچنى ئىشلەتكەن چاغدا، تېلېفون نومۇرىنى باسقاندىن كېيىن، ئۇلىغۇچى خادىمنى لازىم قىلمايلا، ئالماشتۇرغۇچ ئاپتوماتىك ھالدا تېلېفونلارنى ئۆزئارا ئۇلايدۇ. پروگراممىلىق تېلېفون كومپيۇتېرنىڭ پروگرامما ئارقىلىق تىزگىنلىشىدىن پايدىلىنىپ، ئالماشتۇرغۇچ ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان ئالماشتۇرۇپ ئۇلاش ھەرىكىتىنى پۈتۈنلەي پروگراممىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن ئۇنى تىزگىنلەش ئۈسكۈنىسىنىڭ ساقلىغۇچىغا كىرگۈزىدۇ. ئۇ خۇددى تېلېفون خىزمەتچىسىدەك، بىرەرسىنىڭ چاقىرىشىنى بايقىشى بىلەنلا، چاقىرىلغۇچىنى ئىزدەش، ئېلېكتر زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئالدىنئالا »تاپشۇرغان« تەلەپ بويىچە ئورۇندايدۇ. بۇرۇن بىر ئادەم نەچچە ئون تېلېفوننى باشقۇرغاچقا ئالدىراش ھەم سۈرئىتى ئاستا بولۇپ، ئاسان خاتالىق چىقاتتى. پروگراممىلىق تېلېفون تېلېفون سانى ئون نەچچە مىڭ ھەتتا يۈز نەچچە مىڭغا يەتسىمۇ، سۈرئىتى تېز، ئاۋازى ئېنىق، سۈپىتى ئىشەنچلىك بولۇشتەك ئارتۇقچىلىققا ئىگە. پروگرامما ئارقىلىق تىزگىنلىنىدىغان ئالماشتۇرغۇچنى ئىشلەتكەن چاغدا، ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى يېڭى مۇلازىمەت تەلىپىنى كۆپەيتىشكە توغرا كەلسە، ئۈسكۈنىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ياكى كۆپەيتىشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇنى پەقەت ماس بولغان پروگراممىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ مۇلازىمەت خاراكتېرىدىكى تۈرى50 −60 خىلغا يېتىدۇ. پروگراممىلىق تېلېفوندا تېلېفون نومۇرىنى قىسقارتىپ بېسىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. ھەرقېتىم تېلېفون ئۇرغاندا بەش خانىدىن ئارتۇق نومۇرنى ئۇرۇش زېرىكىشلىك بولۇپلا قالماستىن، ئەستە تۇتۇش تەس ھەم ئاسان خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ. تېلېفون ئىدارىسىدە يېڭى ساقلىغۇچ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئەسلىدىكى كۆپ خانىلىق تېلېفون نومۇرىنىڭ ئورنىغا ئىككى خانىلىق بەلگە نومۇر ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قىسقارتىلغان بەلگە نومۇرنى ئىشلەتكۈچى ئۆزى تاللىسا بولىدۇ. مەسىلەن «82435» دىن ئىبارەت ئالتە خانىلىق نومۇرنىڭ ئورنىغا «17» نى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا تېز ھەم قۇلايلىق بولۇپ ۋاقىتمۇ تېجىلىدۇ. پروگراممىلىق تېلېفون ئارقىلىق ئۈچ تەرەپ سۆزلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. سىز قارشى تەرەپ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ئەگەر ئۈچىنچى بىر ئادەمنى سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كەلسە، قارشى تەرەپ بىلەن سۆزلىشىشنى ئۈزۈۋەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئۇرۇپ، ئۈچ تەرەپ بىرلىكتە سۆزلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. پروگراممىلىق تېلېفونغا يەنە «ئېلېكترونلۇق مەخپىي نومۇرلۇق قۇلۇپ» ئورناتقىلى بولىدۇ. تېلېفون تۇرۇپكىسىنى ئېلىپ نومۇر بېسىش ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىز تۈزگەن بىر مەخپىي نومۇرنى تېلېفونغا بېسىپ كىرگۈزۈپ، ئاندىن تېلېفون تۇرۇپكىسىنى ئورنىغا قويسىڭىز، بۇ، «ئېلېكترونلۇق مەخپىي نومۇرلۇق قۇلۇپ» نى ئورناتقانغا تەڭداش بولىدۇ. تېلېفون بېرىدىغان چاغدا، تېلېفون تۇرۇپكىسىنى ئېلىپ، ماس بولغان مەخپىي نومۇرىڭىزنى بېسىپ، تېلېفوندا قوبۇل قىلىنغانلىق ئىسپات ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتسىڭىز قۇلۇپ ئېچىلغان بولىدۇ، ئاندىن تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قايتا ئېلىپ ئۇرماقچى بولغان تېلېفون نومۇرىنى باسسىڭىز بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مەخپىي نومۇرنى بىلمەيدىغان ئادەم بۇ تېلېفوننى ئىشلىتەلمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى