UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىئىشىك قوڭغۇرىقى

ئىشىك قوڭغۇرىقى

ئېلېكترون بىلىملىرى سۈرەت كۆرۈنىدىغان بىر خىل ئىشىك قوڭغۇرىقى بار بولۇپ، كەلگۈچى ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باسقاندىن كېيىن، ئۆي ئىگىسى قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلاپلا قالماستىن، ئىشىكنى ئاچماي تۇرۇپلا كەلگۈچى ئادەمنىڭ تەسۋىرى (سۈرىتى) نى كۆرەلەيدۇ. سۈرەت كۆرۈنىدىغان ئىشىك قوڭغۇرىقىنىڭ شەكلى خىلمۇخىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلى سۈرەت كۆرۈنىدىغان تېلېفونغا ئوخشاپ كېتىدۇ. كەلگۈچى ئىشىك قوڭغۇرىقىنىڭ كۇنۇپكىسىنى باسقاندا، ئىشىك سىرتىغا يوشۇرۇپ قويۇلغان بىر تېلېۋىزىيە كامېراسى بىلەن يورۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر كىچىك چىراغ ھەرىكەتكە كېلىدۇ؛ ئۇنىڭغا ئۇلىنىپلا ئۆي ئىچىدىكى قوڭغۇراق جىرىڭلاپ، ئۆي ئىگىسىگە مېھمان كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۆي ئىگىسى بىر تەرەپتىن تېلېفون ئارقىلىق كەلگۈچى بىلەن سۆزلىشەلەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن مىكرو كۆزەتكۈچتىن كەلگۈچىنىڭ تەسۋىرىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. مۇشۇ پرىنسىپقا ئاساسەن، ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئادەتتىكى تېلېۋىزورلارغا سەللا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، قوشۇمچە دېتاللارنى سەپلەپ، ئۇنى «قوشۇمچە ۋەزىپە» ئۆتەيدىغان كەلگۈچىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئىشىك قوڭغۇرىقىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. كىچىك تىپتىكى بىر تېلېۋىزىيە كامېراسى ئىشىك سىرتىدىكى بىر يوشۇرۇن جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كامېرانىڭ ئۇلىغۇچى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى تېلېۋىزورغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. كەلگۈچى ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باسقان چاغدا، ئۆي ئىگىسى بىر كۇنۇپكىنى باسسا، تېلېكامېرا ئېچىلىپ، كەلگۈچىنىڭ تەسۋىرىنى تارتىدۇ ھەمدە ئۇنى تېلېۋىزورنىڭ ئېكرانىدا كۆرسىتىدۇ. سۈرەت كۈرۈنىدىغان ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باشقا ئورۇنلارغىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. مەسىلەن، بىر - ئىككى تېلېكامېرانى كۆپەيتىپ، ئۇ ئارقىلىق كىچىك بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىلى ياكى ئاشخانىدىكى تاماق، قۇرۇما قاتالىقلارغا قارىغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
ئىشىك قوڭغۇرىقى | UyghurWiki | UyghurWiki