UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىكومپيۇتېر كاتىپ

كومپيۇتېر كاتىپ

ئېلېكترون بىلىملىرى ئامېرىكىدىكى ئاقسارايدا بىر ماشىنا بار بولۇپ، زۇڭتۇڭ ھەر ھەپتىدە تاپشۇرۇپ ئالغان4000 پارچىدىن ئارتۇق خەتكە، ئۇ بىرمۇبىر جاۋاب خەت قايتۇرىدۇ. زۇڭتۇڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان بۇ جاۋاب خەتلەر، مەيلى ئەسكەر قىسقارتىش مەسىلىسى بولسۇن، ئۇرۇش مەسىلىسى بولسۇن ياكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى بولسۇن، ھەممىسىگە پاكىتلىق ھالدا دەل جايىدا جاۋاب بېرىدۇ. بۇ ماشىنا ئىشخانىنىڭ كومپيۇتېر كاتىپى بولۇپ، يەنە ئىشخانىنىڭ ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىشخانىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشتا ئاساسلىقى «ئۈچ چوڭ ئەسۋاب» قا تايىنىلىدۇ: مىكرو كومپيۇتېر، ئەينەن يوللاش ماشىنىسى ۋە خەت بىرتەرەپ قىلىش ماشىنىسى. بۇنداق بىر يۈرۈش ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى بار بولسا، ھۆججەتلەرنى بېسىش، جەدۋەللەرنى سىزىش، ماتېرىياللارنى ئىزدەش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ھېسابلاش قاتارلىقلارنى ئىشلەپ، مەكتەپ، ئىدارە، زاۋۇت ئىشخانىلىرىنىڭ كاتىپ ۋە خادىملىرىنىڭ ئېغىر ھەم ئۇششاق - چۈششەك ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەگەر بىر دوكلات تەييارلاش لازىم بولسا، كومپيۇتېر كاتىپ ئالدى بىلەن كومپيۇتېر تورى ئارقىلىق، ماتېرىيال ئامبىرىدىن دوكلاتقا مۇناسىۋەتلىك بولغان «ئارخىپ» ماتېرىياللارنى سۈرۈشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ سەۋەب - نەتىجە ۋە ئارقا كۆرۈنۈش ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەيدۇ، ئاندىن كومپيۇتېردا مەسلىھەت بېرىش سىستېمىسى كېرەكلىك بولغان مەزمۇنلارنى بىرمۇبىر تەمىنلەيدۇ. كومپيۇتېردا مەسلىھەت بېرىش سىستېمىسى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ خۇددى بىر كەسپىي كۇتۇپخانىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدا مەكتەپ ۋە كارخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇن مەخسۇس ئۇچۇرلار ساقلىنىدۇ، ئۇ نېمىنى سورىسىڭىز شۇنىڭغا جاۋاب بېرەلەيدۇ. ماشىنا كاتىپ ئىگە بولغان ماتېرىياللارغا ئاساسەن دوكلاتنىڭ مەزمۇنىنى تەييارلاپ چىقىدۇ، رەھبەرلىك تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، بېسىش ماشىنىسىدا بېسىپ چىقىرىلىدۇ. كومپيۇتېر كاتىپىنىڭ بېسىپ چىقىرىش قابىلىيىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا10 ھەتتا100 ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. ئۇ، كۆرسىتىش ئېكرانىدا ھۆججەتلەرنى سېلىشتۇرالايدۇ ھەم تەھرىرلىيەلەيدۇ. كومپيۇتېر ئىچىدە خەنزۇچە20 مىڭ خەتلىك ھۆججەتنى ساقلىيالايدۇ، شۇنداقلا ئۇزاق مەزگىل ساقلىيالايدۇ. يەنە كېيىن خالىغان ۋاقىتتا يۆتكەپ ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئەسۋابلار ئارقىلىق نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى ماگنىت دىسكىلىق ماشىنىدا ساقلاپ قويىدۇ. ھۆججەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەندە، پەقەت ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولغان شۇ بىر بۆلەكنى ئېكرانغا چىقىرىپ، ئاندىن كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلسىلا بولىدۇ. ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىنكى جۈملىلەرنىڭ قۇر ئالمىشىشى، ئابزاسلارنىڭ رەتلىنىشى قاتارلىقلارنى كومپيۇتېر كاتىپ ئاپتوماتىك ھالدا بىرتەرەپ قىلىدۇ. نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، ئۆزگەرتىلىپ بولغان پۈتۈن تېكىستنى بىرنەچچە نۇسخا بېسىپ چىقىرىدۇ. كومپيۇتېر كاتىپ يەنە ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئىش قىلالايدۇ. ھەرقايسى ئىشخانا ۋە ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ كومپيۇتېر كاتىپلىرىنى ئۆزئارا ئۇلاپ، بىر ئورۇن ئىچىدە ياكى ئورۇن ھالقىغان ئۇلانما سىستېما قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ «كاتىپ» لىرى بىلەن ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ، كەسپىي ھەمكارلىق ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ پروگراممىلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، كىتاب - ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش قاتارلىقلار. بۇنداق قىلغاندا خىزمەت ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مەمۇرىي چىقىمنى كېمەيتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى