كومپيۇتېرلىق كىتاب ئامبىرى
ئېلېكترون بىلىملىرى
بۇ كىتابى يوق بىر كۇتۇپخانا بولۇپ، كىتاب ئارىيەت ئالىدىغان چاغدا، پەقەت ئۆيىڭىزدە ئولتۇرۇپ تېلېفون ئارقىلىق بىر نومۇرنى بېسىپ، ئاندىن مۇندەرىجىگە ئاساسەن كۇنۇپكا تاختىسىدىن ئوخشاش بولمىغان نومۇرلارنى تاللىسىڭىزلا، سىزگە لازىم بولغان كىتابلار بىردىن - بىردىن تېلېۋىزورىڭىزنىڭ ئېكرانىدا پەيدا بولىدۇ. ئەگەر بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كىتابنى قالدۇرۇپ قويماقچى بولسىڭىز، ئۇ نۇسخا بېسىش ماشىنىسى ئارقىلىق بىر نۇسخا بېسىپ چىقىرىپ بېرىدۇ. مانا بۇ كومپيۇتېرلىق كىتاب ئامبىرىدىن ئىبارەت.
كىتابلار نەدىن كېلىدۇ؟ ئۇنىڭدا كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ ھەر خىل كىتاب - ماتېرىياللار تۈرلەرگە ئايرىلىپ ساقلىنىدۇ. كومپيۇتېرلىق كىتاب ئامبىرىدىكى كىتاب - ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى ماگنىتلىق دىسكىدا ساقلىنىدۇ. ھەربىر كىچىك تەخسىچىلىك دىسكىغا ئاز دېگەندە100 قىسىم كىتابنىڭ پۈتۈن تېكىستى سىغىدۇ. ئەگەر كىتاب ساقلاشتا يۇقىرىقىغا ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ئوپتىك دىسكا (يورۇقلۇق دىسكىسى) ئىشلىتىلسە، مىقدارىنى يەنە100 ھەسسە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىر ئادەتتىكى كۇتۇپخانىنىڭ كىتابلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن، پەقەت نەچچە ئون پارچە نېپىز كىچىك دىسكا بولسىلا يېتىدۇ.
ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېرلىق كىتاب ئامبىرى ئۈچۈن سىرتقى شەكلى تېلېۋىزورغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئۈسكۈنە بىلەن نۇرغۇن كۇنۇپكىلار ئورنىتىلغان بىر پارچە كۇنۇپكا تاختىسى بولسىلا بولىدۇ. ئەگەر بىر كىتابتىكى مەلۇم بىر جۈملە سۆزنى ئىشلەتمەكچى بولۇپ، ئۇنى ئەسلىي نۇسخىسىغا سېلىشتۇرۇپ كۆرمەكچى بولسىڭىز، پەقەت بەلگىلىك ئۇسۇل بويىچە كۇنۇپكىلارنى باسسىڭىزلا، كومپيۇتېر سىز ئىشلەتمەكچى بولغان سۆزنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئەگەر سىز مەلۇم بىر جۈملە سۆزنى بىلىپ، ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيدىغان بولسىڭىز، كومپيۇتېر سىزگە يەنە بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ قايسى كىتابنىڭ قانچىنچى بېتى قانچىنچى قۇرىدا ئىكەنلىكى، بۇ كىتابنى قايسى نەشرىيات نەشر قىلغانلىقى قاتارلىقلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئىشلىتىش ئىنتايىن قۇلايلىق.
بىر ئورۇن، بىر رايوننىڭ كىتاب - ماتېرىياللىرى چەكلىك بولىدۇ، نۇرغۇن كۇتۇپخانىلارنىڭ كومپيۇتېرلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ بىر تور تۈزۈلسە، ئاندىن تېلېفون لىنىيىسى ئارقىلىق ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ »تېلېۋىزور« (قوبۇل قىلىش ئاپپاراتى) لىرىغا ئۇلانسا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى كىتاب - ماتېرىياللاردىن ئورتاق پايدىلىنىدىغان قىلغىلى بولىدۇ، ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان قىلىپ، كىتاب - ماتېرىياللارنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ بېل نامىدىكى تەتقىقات ئورنى25 كۇتۇپخانىنىڭ كومپيۇتېرلىرىدىن بىر تور تۈزۈپ، «تېلېۋىزور» (قوبۇل قىلىش ئاپپاراتى) ئارقىلىق،8 شتاتتىكى100 مىڭ ئادەمنى خالىغان ۋاقىتتا كىتاب ۋە ماتېرىياللارنى كۆرەلەيدىغان قىلغان.