UyghurWiki
UyghurWikiئېلېكترون بىلىملىرىكومپيۇتېر ترېنېر

كومپيۇتېر ترېنېر

ئېلېكترون بىلىملىرى كومپيۇتېر ترېنېرنىڭ ئەقىللىق ئېلېكترونلۇق مېڭىسى بولغاندىن تاشقىرى، يەنە ئۆتكۈر «كۆزى» مۇ بار، ئۇ بولسىمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك فوتو ئاپپاراتتىن ئىبارەت. ئالىملار بىرنەچچە يۇقىرى سۈرئەتلىك فوتو ئاپپارات ئارقىلىق، بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشلەردىن ھەربىر تۈرلۈك ھەرىكەتتە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئېنىق ھەم مۇكەممەل ھالدا رەسىمگە تارتىۋالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەربىر پارچە رەسىمنى رەقەملەشتۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، كومپيۇتېرغا كىرگۈزىدۇ، كومپيۇتېر بۇ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بەدىنىنىڭ ئاساسلىق قىسىملىرىدا بارلىققا كەلگەن كۈچنى ھېسابلاپ، ھەرقايسى ئوخشاش بولمىغان پەيتلەردىكى تەنھەرىكەتچىنىڭ بەدىنىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ تېزلىكى، تېزلىنىشى ۋە ھەرىكەت يۆنىلىشىنى تەھلىل قىلىدۇ، شۇنداق قىلىپ، كومپيۇتېر ترېنېر ئۇلارنىڭ ھەربىر تۈرلۈك ھەرىكەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ سىرىنى «بىلىدۇ». تەنھەرىكەتچى كومپيۇتېر ترېنېردىن مەسلىھەت سورىغان چاغدا، ئوخشاشلا ئۇنىڭ مۇسابىقە ھالىتىدە تۇرغان چاغدىكى ھەرىكىتىنى رەسىمگە تارتىۋېلىپ، بىرمۇبىر رەقەم شەكلىدە كومپيۇتېرغا كىرگۈزىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان تەجرىبە - ساۋاق سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن نەزەرىيىۋى سانلىق قىممەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەھلىل قىلىپ سېلىشتۇرىدۇ. ئاخىرىدا، كومپيۇتېر ترېنېر مەشىق جەريانىدا ھەربىر قىسىم پۇت - قوللارنىڭ ئەڭ ياخشى قىياپىتى ۋە ھەرىكىتى قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ھەربىر تەنھەرىكەتچىگە ئېيتىپ بېرىدۇ. كومپيۇتېر ترېنېرنىڭ ئوقۇتۇشى ناھايىتى ئوبرازلىق بولىدۇ. كومپيۇتېر بىرتەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ماجاتېك دەپ ئاتىلىدىغان بىر شەكىل ھاسىل قىلغۇچقا يوللاپ بېرىدۇ، ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ ھەر خىل سانلىق قىممەتلىك ستېرېئولۇق تېز سىزما شەكلى ھاسىل بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، كومپيۇتېر ترېنېر چۈشىنىشلىك بولغان تىل بىلەن ترېنېر ۋە ھەربىر تەنھەرىكەتچىگە ئېيتىپ بېرىدۇ ھەمدە ھەربىر تەنھەرىكەتچىنىڭ ھەرىكىتىنى تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەلىم بېرىدۇ. مەسىلەن، ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئايال ۋالىبولچىسى ھايمان بىلەن جۇڭگولۇق لاڭ پىڭ قاتارلىقلارنىڭ توپ ئۇرۇش ھەرىكىتىنى رەقەملەشتۈرۈپ بىرتەرەپ قىلغان ۋە تەھلىل قىلغان چاغدا، نەتىجە ھايماننىڭ سەكرىشى لاڭ پىڭنىڭ سەكرىشىگە قارىغاندا ئېگىز بولسىمۇ، لېكىن توپ ئۇرغان چاغدا ئۇنىڭ بەدىنى%40 دىكىدەك تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن كۈچى يېتەرلىك كۈچلۈك بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ھايمان كومپيۇتېر ترېنېرىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، توپ ئۇرۇش ھەرىكىتىنى ياخشىلاپ، توپ ئۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتكەن. كومپيۇتېر ترېنېر يەنە سۈن ۋۇكۇڭغا ئوخشاش بىر دومىلاپلا تەنھەرىكەتچىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ ئۇنىڭ بەدىنىنى تەكشۈرىدۇ. ئالىملار مىكرو كومپيۇتېرلىق بىر خىل ئاياغ كىيىمنى لايىھىلەپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ تېگىگە مىكرو كومپيۇتېر ئورنىتىلغان، ئۇ تەنھەرىكەتچىنىڭ يۈگۈرگەن چاغدىكى پۇتىنىڭ ئالدىغا ئېتىلىش كۈچى بىلەن سەكرەش دەرىجىسىنى خاتىرىلەيدۇ ۋە ئىپادىلەپ كۆرسىتىدۇ. مەشىق ئاخىرلاشقان چاغدا، تەنھەرىكەتچى بۇ قۇرۇلمىنى ناھايىتى ئاسانلا چىقىرىپ ئالالايدۇ، ئاندىن ئۇنى ئائىلىسىدىكى كومپيۇتېرغا كىرگۈزسە، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىچە تېزلىكى، يۈگۈرگەن ئارىلىقى، سەرپ قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارى ھەمدە ئېغىرلىقىنىڭ قانچىلىك كېمەيگەنلىكىنى بىلەلەيدۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ كومپيۇتېر تەنھەرىكەتچىنىڭ مەشىق قىلىشىغا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىدۇ. لېكىن، كومپيۇتېر ترېنېرمۇ ھەممىگە قادىر ئەمەس. ئەگەر تەنھەرىكەتچىدە قەيسەر ئىرادە ۋە جان تىكىپ ئېلىشىش روھى، تېخنىكا ۋە تاكتىكىدا يېڭى ۋەزىيەتكە لايىقلىشىش قابىلىيىتى بولمىسا، ئۇ ھالدا كومپيۇتېرنىڭ تەھلىل قىلىشى قانچىلىك ئىلمىي، قانچىلىك مۇكەممەل بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئېلېكترون بىلىملىرى
كومپيۇتېر ترېنېر | UyghurWiki | UyghurWiki